Kayıtlar

Ocak, 2026 tarihine ait yayınlar gösteriliyor

سەپسەتە ۋە تۆرەلمە سالاچىلىق

  سەپسەتە ۋە تۆرەلمە سالاچىلىق   ئوخشىمىغان پىكىرلەرنىڭ بولۇشى بىر بايلىق. بايلىقنى تونۇماسلىق كۆزى ئوچۇق قارىغۇلۇق. بىزدە قىممىتى ئۈستۈن نېمە بولسا ئۇنىڭ قىممىتىنى تۆۋەنلىتىپ بازارغا سېلىش ئادەتكە ئايلىنىپ قالغان بولغاچقا، پىكىرنىڭ قىممىتىمۇ ئۆز لايىقىدا ئەتىۋارلىنىپ كەتمەيدۇ. كۆپىنچە گۆھەر قىممەتلىك پىكىرلەر تاشتىن قىممەتسىز قالىدۇ، سەل قارىلىدۇ ياكى چۈشىنىلمەي خىرىدارسىز قالىدۇ. بۇ مۇنداق ئىككى نەرسىدىن دېرەك بېرىدۇ. بىرى، زېھىننى ئەخلەت ئۇچۇرلارنىڭ بېسىپ كېتىشى، يەنە بىرى ھىسسىيلىققا تولغان ئاددىي بولغان پەردازلىق گەپلەرنىڭ بازار تېپىپ كېتىشى. بۇ ئىككى نەرسىنىڭ يۈز بېرىشى مۇنداق ئۈچ نەرسىگە ئىشارەت قىلىدۇ :   1. جامائەتچىلىكنىڭ ئومۇم كۆپسانلىقىنىڭ ئاق كۆڭۈل ئەمما ساددىلىقى . 2. پەردازلانغان سۈنئى پىكىرلەرنى ۋاختىدا بايقاپ توغرا ئىنكاس قايتۇرىدىغان ئويغاقلارنىڭ ئازلىقى . 3. جامائەتچىلىكتە ئاشۇنداق تۇتامسىز گەپلەر بىلەن خەلق كۆڭلىنى ئېلىۋاتقانلارنىڭ كۆپلەپ ئالقىشلىنىشى ياكى بۇنىڭغا سۈكۈت قىلىنىشى . بىرىنچى مەسىلىنى، ساپانى ئۆستۈرىدىغان خىزمەتلەرنى كۈچەيتىش، ...

تىرىكلىك نىشانى

  تىرىكلىك نىشانى ئۆكتەبىر 1, 2010 (خاتىرە) ئەرتۈرك 1 ئىشلار ئۆتۈپ كەتتى؛ قۇياش نۇرىدەك، شامالدەك، كېچىدەك ئۆتۈپ كەتتى. ئېزىلىپ ياتقان چاغدا، خىياللارنىڭ كىرمىگەن تۆشۈكى قالمىغان چاغدا، نېمە قىلىشنى بىلمەي ئىچىم پۇشقان چاغدا يەنە قەلەمنى قولۇمغا ئالدىم. ئالتە كۈن ئۆتۈپتۇ، ئالتە كۈنلۈك ئالەم بۇ، ئايروپىلان ۋەھىمە پەيدا قىلىپ، تۈرۈلۈپ-تۈرۈلۈپ كېلىۋاتقان بۇلۇتلارنىڭ ئارىسىدىن شىددەت بىلەن ئېگىز-پەس ئۇچۇپ ئۆتكەندە يۈرىكىم ئېغىرلىشىپ، نەپسىم ئىتتىكلەپ كەتتى؛ ئېغىرلىقىمنى يوقاتقاندا ھاڭدىن چۈشۈپ كەتكىلى تاس قالغاندەك تۇيۇلدى، كىچىك بالىلار، بوۋاقلار چىقىراپ يىغلاپ كېتىشتى. مۇبادا ئېھرام بىلەن يەرگە موللاق ئېتىپ چۈشۈپ كەتكەن بولساق بۇ ئىككى ئايلىق ھەج پائالىيىتىمۇ قۇرۇق خىيال بولۇپ قالاتتى. نىھايەت قۇدرەت ئىگىسى ئاللاھ جېنىمىزنى ئالمىدى، يەرگە چۈشۈپ داۋاملىق ياشاشقا قويۇۋەتتى بىزنى.  ئەجىلىمىز تېخى كەلمىگەنىكەن، غەم بىلەن، ھاياجان بىلەن، ئاجىزانە قورقۇش بىلەن ياشاشقا باشلىدۇق. بۇ جەرياندا ئۇششاق ئىشلار بىزنى ئىسراپ قىلىدۇ، كەيپىمىز ئۇچۇپ چۇۋۇلۇپ تۇرىمىز، جىددىي پەيتتە مەھكەم تۈگۈلۈپ ...