بىلىمخۇمار ئەپەندىگە رەددىيە (مەۋلانا)
مەۋلانا ئېلاۋە: تۆۋەندىكىلەر ئەسلىدە ئۇشبۇ ئادىرىستىكى http://bbs.izdinix.com/forum.php ... amp;page=8#lastpostبىلىمخۇمار ئەپەندىگە ئائىت يازمىغا يېزىلغان، خۇددى ئۇ كىشى ئۆز ئىنكاسىدا: مەن ئالدى بىلەن سىزدىن 2 مۇھىم سوئال سوراپ باقسام (بۇ بۇ سۆھبەتكە ئافىيفىي، تەۋبە، پىداكار، ئازھەرى، مەۋلانە قاتارلىق باشقا قېرىنداشلىرىمىزنىڭمۇ قاتنىشىپ بېرىشىنى ئۈمىد قىلىمەن) دەپ ئېيتقىنىدەك، ئۇكىشىنىڭ ماقالە ۋە ئىنكاسلارغا قارىتا بىرىلگەن تەنقىد ۋە تەكلىپ-پىكىرلەرگە تۇتقان پوزىتسىيسى ئۈچۈن جاۋاب سۈپىتىدە خاس سۆھبەتكە قارىتىپ يېزىلدى. 1- ئەسسەلامۇ ئەلەيكۇم، ھۆرمەتلىك بىلىمخۇمار ئەپەندى. ئەسلى بۇ تېمىڭىز ھەققىدىكى تۇنجى ئىنكاسىمغا بەرگەن جاۋابىڭىزغا قارىتا سىز خاتا ھەزىم قىلىۋالغان نەرسىلەر ھەققىدە تۈزۈك سۆز ئاچاي دەپ بولۇپ، سەبرىمنى بىسىۋالغان ئىدىم. تېمىغا قوشۇلغان نۇقتىلارغا كەلسەك، ئىمام قەردەۋىينى مىسال قىلساق، ئۇ مۇسۇلمانلار دۇنياسىنىڭ، جۈملىدىن ئۇيغۇر ئەزھەرىلەر نەزىرىدىكى ھەقىقى خەلقارالىق دىنى ئەرباب بولۇشقا مۇناسىپ كىشى بولىشى بىلەن بىرگە، ئىشغالىيەت ۋە غەيرى ئىسلامى مەدەنىيەتلەر ت...