دىلىمدا بار سىز (شېئىر)
ئايشەم ئىسمايىل تەبەسسۇم
بىر سەۋدا ئىلكىدە يارا كۆڭۈللەر،
قانايدۇ ھىجراننىڭ ئاراشلىرىدا.
ئۇزاقتىن تەلمۈرگەن ھالسىز بۇ كۈنلەر،
جان بېرەر جاناننىڭ قاراشلىرىدا.
سۆيمىدىم دېيىشكە بارمايدۇ تىلىم،
بىر قېتىم سۆيۈلدۈم دېيەلمىدىم ھەم.
ئاخىرقى جاۋابتۇر ئىزتىراپلىرىم،
يالغۇزلۇق ماڭىلا بەخشەندە، ئەركەم...
ھالىمغا ئېچىنماڭ خۇمار كۆزلۈكۈم،
مەيلى مەن مۇشۇنداق ئۆتىمەن يارسىز.
مۇھەببەت قەرزىگە كۆيسىمۇ ئۆمرۈم،
ئىشىنىڭ، ھېلىھەم دىلىمدا بار سىز…
Yorumlar
Yorum Gönder