پىسىخىكىلىق بوھران (پوۋېست)
ئاپتورى: ئەكبەر ئىمام كۆكبۆرە قەدىرلىك لالە! مەن سەن ھەققىدىكى خىيال بوستانلىقلىرىمدا ناھايىتى ئۇزاق، ناھايىتى ئۇزاق ۋاقىت يەككە - يېگانە ھالدا ئايلاندىم. ئاخىر قەدەملىرىم تالدى، يوللىرىم ئۈزۈلدى، ھايات ياپراقلىرىم پىلدىرلاپ تۆكۈلدى. يۇلتۇزلار ھەر ئاخشىمى بۇرۇنقىدەكلا چاقناپ تۇرغىنى بىلەن سۈت رەڭ نۇرلىرى مۇزلاپ كەتتى، گۈللەر ھەر سەھەر ھاياجانلىنىپ تۇرۇپ ئېچىلغىنى بىلەن قىپقىزىل رەڭلىرىدە خۇش ھىدى قالمىدى. بۇ ئارىدا بەش يىل ئۆتتىمۇ ياكى بەش يىلدىن بەشى ئۆتۈپ كەتتىمۇ، مەن ئۈچۈن ۋاقىت ئۆز مەنىسىنى يوقىتىپ بولغانىدى. بىلىكىمدىكى سائەت ئىسترېلكىسى تەنگە سولىنىپ قېلىپ پىرقىراپ يۈرگەن ئىسسىق جاندەك 24 سائەت توختىماي ئايلانغان بىلەن، كېچىدىن كۈندۈز، كۈندۈزدىن كېچە سانسىز قېتىم سۈزۈلۈپ چىققان ھەم دەرەخلەر نەچچە قېتىم يوپۇرماق تاشلاپ پوتلا چىقارغىنى بىلەن، مەن ماھىيىتىنى يوقاتقان ۋاقىت چەمبىرىكى ئىچىدە يۆگىمەچتەك ئاستا - ئاستا قۇرۇپ، روھىي قۇۋۋىتىمدىن ئايرىلىپ قالماقتا ئىدىم. ئىچىمدە بىر نەرسە تولغىناتتى، قانداقتۇر بىر سۈزۈك - سىلىق نۇر دولقۇنى تەن قەپىسىمدىن چىقىپ كېتىشكە ئۇرۇنۇۋاتقاندەك ...