دېڭىز قەبرىستانى (شېئىر)
ۋالېرى بۇ تىمتاس ئۆگزىدە چايقىلار كەپتەر، ئارچىزار، مازارنى ئارىلاپ چاقنار، ئادىل «چۈش» يالقۇندىن ياسايدۇ دېڭىز، ئاھ، دېڭىز ئەبەدىي باشلىنار تەكرار! ئويلاردىن يېشىنىپ ئېزگۈ رەھمەت ئاھ، ساماۋىي سۈكۈتكە ئاغدۇردۇڭ نىگاھ! ئالماستەك دۇردانە ماغزاپلار سانسىز، ئەۋرىشىم چاقماقتىن ياغماقتا مېھنەت، ئىجادقا سىڭمەكتە جىمجىتلىق ھەيۋەت! تەگسىز ھال كۆكىدە دەم ئالار قۇياش، پاك ئەمگەك مەڭگۈلۈك ئۈچۈندۇر پەقەت، «زامان» چاقنىماقتا، «چۈش» تۇر پاراسەت. مېنىرۋا[1]، بۇتگاھى، تۇرغۇن خەزىنە، تاغدەك جىم، تارتىنچاق، ئۆزىنى بايقار. ئوت پەردە ئاستىدا ئېغىر ئۇپقۇن ئەي، دېڭىز، سۇ كەچكەن كۆز پىنھانە باقار. سۈكۈتۈم روھىمنىڭ تەكتىدە ئايۋان، مىڭ ئاجراپ - يېپىشقان زەر ئۆگزەمگە زار! «زامان» بۇتخانىسى ئاھ ئۇرار ھامان، بۇرجۇمغا ئۆرلەيمەن، لايىقمەن ئاڭا، ئۇپۇقۇم ئىچىدە بويلايمەن دېڭىز؛ بولدۇم سامالارغا يۈكسەك ئارمىغان، چەكسىزلىك ئىچىدە جىمجىتلىق چاقناپ، مەسخىرە ياغدۇرار ئاسمانغا شۇ تاپ. خۇشاللىق تامغاندەك مېۋىلەر ئېرىپ، ۋە يوقاپ كەتكەندەك شېرىنلىك بېرىپ، ئۇ ئېغىز شەكلىدە بولىدۇ غايىب، شورايمەن كەلمىشنىڭ تۇمانىنى مەن، باھارىم ...