Kayıtlar

ئەنۋەر ھوشۇر etiketine sahip yayınlar gösteriliyor

ئايال (پوۋېست)

ئاپتورى: ئەنۋەر ھوشۇر   ئىشتىن چۈشۈشكە يەنە يېرىم سائەت قالغانىدى. ئىشىك يېنىك چېكىلىپ، “كىرىڭ” دېگەن سۆزگە ئېغىزىم ئۆمەللىنىپ بولغۇچە، ھۆججەت تارقاتقۇچى ئايال باغلاقتىن بوشانغان موزايدەك ئۈسسۈپلا كىرىپ كەلدى. تۇرۇپلا يۈرىكىم سېلىپ، تاپىنىمدىن سۈرۈلگەن بىر ئاچچىق سېزىم ئەتىگەندىن بېرى “يىغىن قاينىمى” ئىچىدە يېرىلىپ كېتەيلا دەپ قالغان بېشىمغىلا ئۇرۇلدى. چۈنكى بۇ ئايال ئىشخانىمىزغا ئاياغ باسسىلا، ئۇنىڭسىزمۇ تاغدەك دۆۋىلىنىپ تۇرغان ئىشلىرىمىز ھۇرۇننىڭ قاچىسىدىكى ئاشتەك كۆپۈپ، ھەممەيلەننىڭ ئارامى بۇزۇلاتتى. ھۆججەت تاپشۇرۇۋېلىش گىراپىسىگە بىر - بىرلەپ ئىمزا قويۇپ چىقتىم. كېمى يوق يەتتە پارچە! - يەتتە پارچىكەن، - دېدىم مەن ئۇزايىدىن يا خۇش بولغىنىنى، يا رەنجىگىنىنى بىلگىلى بولمايدىغان ھۆججەت تارقاتقۇچى ئايالنىڭ ئىپادىسىز چىرايىغا لەپ قىلىپ قاراپ قويۇپ، - مۇشۇ كۈنلەردە ھۆججەتلەر بەك كۆپىيىپ كېتىۋاتىدۇ، بايا يىغىنغا بارغاندا ئىككى پارچە تۇتقۇزۇپ قويغان، تېخى ئوقۇغىدەكمۇ بولمىغان ئۇ ھۆججەتلەرنى . مانا يەنە بىر دۆۋە ھۆججەت... - بۇ تەرىپىنى مەن بىلمەيدىكەنمەن، - دېدى ئايال غاراڭ - غۇرۇڭ ئاۋاز...