Kayıtlar

چىمەنگۈل ئاۋۇت etiketine sahip yayınlar gösteriliyor

بۈگۈنمۇ شۇنداقلا ئۆتۈپ كەتتى، ھەي (شېئىر)

چىمەنگۈل ئاۋۇت كەڭ يېيىپ ئولتۇرىمەن ئېتەكلىرىمنى ، ۋاقىتمۇ شۇقەدەر كەتمەكتە يۇمشاپ . ئۇرۇلاردىمىغىمغا ئىسسىق تەر ھىدى ، يۇلتۇزمۇچاقنايدۇ مېھرىمدەك قاناپ . قىرىق بىركېچە ھەم كۈندۈزمۇ ئۆتتى ، سانايمەن بارمىقىمدا كۈنلەرنى تەكرار . ناۋاداچۆچەككە ئايلانسا دۇنيا ، ئوغۇزخان تۇلپارىغا مىنەتتى دەرھال . بىر قاچقۇن كېلەتتى دارنىڭ ئالدىغا ، ياكى بىريالغۇز قىز بولاتتى خانىش . بۈگۈنمۇ شۇنداقلا ئۆتۈپ كەتتى ھەي … تىلىدىم ئۆزەمگە چىدام ۋە قارغىش .

نورۇز شېخىدا چىمەنقۇش (شېئىر)

چىمەنگۈل ئاۋۇت ناۋادا نورۇز بىر تال گۈل بولسا، ئېچىلىدۇ مېنىڭ قەلبىمدە. ناۋادا نورۇز تامچە ياش بولسا، تۆكۈلىدۇ مېنىڭ بەرگىمگە. ناۋادا نورۇز يالغۇز قۇش بولسا، قەپىسىمدە ئۇخلار بۇ كېچە. يارىسىنى پۈۋلەيمەن تىنىقلىرىمدا، مەنمۇ قۇش بولىمەن تاكى تاڭغىچە. ناۋادا نورۇز قارا يەر بولسا، كۆتۈرىدۇ يەنە ئۇيغۇرنى. ناۋادا نورۇز بۈك ئورمان بولسا، دانلىتىدۇ تۈمەن قۇرغۇينى. ناۋادا نورۇز بىر پىچاق بولسا، يېڭىسار پىچىقى بولار ئۇ چوقۇم. ئانارمۇ يېرىلىدۇ يۈرەكتەك ئاخىر، كۈنلەرمۇ-تۇنلەرمۇ پەقەت بىر يۇتۇم. ئاشۇ پىچاقتا يېلىم كولايدۇ قەشقەرلىك ئايال، پىياز چانايدۇ كۆزلىرى يۇم – يۇم. ئېتىزىدىن كۆك تېرىدۇ كۆكلەمدەك كۈلۈپ، پىچاقنىڭ بىسىدا چېچەكلەيدۇ قۇم. ناۋادا نورۇز بىر تۇلپار بولسا، چۇلۋۇرىنى ئېشىمەن چاچلىرىم بىلەن. تۇياقلىرىدىن توزۇسا كۆيۈكنىڭ ھىدى، يۈزلىرىمنى توسۇمەن رومىلىم بىلەن. شامال قايرىيالماس، ھىجران پۈكەلمەس، ئىشىق يولىمىزدىكى نورۇز شېخىنى. مەن ساڭا دېمىسەممۇ بىلىسەن بەلكىم، نېمە بىلەن يۇغۇلۇق ھەسرەت دېغىنى.

گۈلبەر (شېئىر)

چىمەنگۈل ئاۋۇت گۈل ئ‍ىدىڭ ياپراغى ياقۇت، گۈلبەر دېسەم كۈلەر ئ‍ىدىڭ. يانلىرىمدا شوخ كىيىكتەك، ئ‍ايلىنىپ يۈرەر ئ‍ىدىڭ. كۆزلىرىڭدە سۈزۈلۈپ، توققۇز بۇلاقنىڭ سۇلىرى. گۈلبەردېگەندە نەۋباھار، نالە قىلاتتى بۇلبۇلى. گۈلبەر دىسەم بەرگەن گۈلۈڭ، قىلغان ئ‍ۆيۈمنى باغۋاران. بەختىمىزنىڭ يۈلتۇزىنى ، سەيلانە قىلغان بىز ھامان. پۇشتىمىزدىن كۈن تۆرەلگەن، ئ‍ايمۇ ھەم ھەمرا ئ‍ىدى. گۈلبەر دىسەم ئ‍ۆچتى ئ‍ۈنۈم، گۈلبەر سېنى تۇپراق يىدى. نە قىلاي بۇ پۈتمىشىمگە، دەردۇبالالەر مەندىدۇر، كىرپىگىڭنى سايە قىلغىن، مېنىڭ ئ‍ارامىم سەندىدۇر. 2016.3.15 قەشقەر

بارسا كەلمەس يول (شېئىر)

چىمەنگۈل ئاۋۇت كىشنەيدۇ تەبىئەتكە قوشۇلۇپ ئىللىق، ئەسلىمە كۆركىدە قان بولغان يۈرەك. يالغۇز بىر ئايالدەك يىقىلدى يەرگە، ھە ئەنە، يېنىمدىلا كېسىلگەن تېرەك. مېھرىمگە سېنى دەپ ياغماقتا توپا، ئاجايىپ گۈزەل ھەم ئاجايىپ دەھشەت. بىلەمسەن، مەندىكى ئازاب ھوزۇرى، مۇشۇ دەم تېرەك بولۇپ كۆكلىدى رەت- رەت. شۇندىمۇ چۇل-چۇل بولۇپ كەتمىدىم يەنە، سۈكۈتنى مەن سەندىن ئۆگەنگەن، جېنىم. باغلىرىم پايخان بولسۇن، تاغلىرىم قامال، ياش بولۇپ ئاقمىدىم ھەرگىز بىر تېمىم. شۇ كېچە ئاسماندا سېنىڭ يۇلتۇزۇڭ، كۆزۈمدىن زۇلمەتنى تارتقان ئاۋايلاپ. ئىسسىق بىر تۇيغۇدا جۇغۇلدايمەن، ئاھ ! سەن يەنە ئۇ يولدا تۇرغاندەك شۇ تاپ. قەغەزدەك نېپىز ھەم قۇرۇقتۇر ۋاقىت، ئىشخانا ئەزمەكتە خىياللىرىمنى. شىۋىرلاپ باقىمەن ئۆزۈمگە تەكرار، ۋاز كېچىش، ئىرادە دېگەنلىرىڭنى سادامغا شېئىر ئوقۇپ بەرگۈم كېلىدۇ، كلىنتون سۇخانىدىن چىقىدۇ ھەيۋەت. ئامالسىز شىرەدىكى بىر قەۋەت چاڭنى، سەن تۇتقان قولۇمدا سۈرتىمەن رەت- رەت. مۈشۈكنىڭ تىرناقلىرى ئېسىمگە كېلىپ، بىر قۇتا سىياھنى تۆكىمەن يەرگە. ئانىلار خاتىرجەم، ئاتىلار رازى، قىزىنى بەرسىلا ئوبدان بىر ئەرگە. ئۆيۈمنىڭ ئىش...

سېغىندىم مېھىرلىك تىللاشلىرىڭنى (شېئىر)

چىمەنگۈل ئاۋۇت قۇشنىڭمۇ ئۆيى بار قۇرتنىڭمۇ ھەم، ئۆيۈمنىڭ تاملىرىغا قارىدىم جىمجىت. سېغىندىم مېھىرلىك تىللاشلىرىڭنى، ۋاقىتلا يېنىمدىن ئۆتىدۇ شىپ – شىپ. كۆزۈمنى بوش يۇمدۇم كىرىشتى چىشىم، تاتلىق بىر ھېس بىلەن كەتتىم جۇغۇلداپ. جەڭگاھتىكى ئاتتەك كىشنەر رېئاللىق، چېچىمنى تارىدىم ساڭىلا ئاتاپ. بۇ كۈتۈش بىر ئۆمۈر كۈتكىنىمگە تەڭ، چاچلىرىم دەريادەك دولقۇن ياسىدى. مەن شۇنداق رازىلىق بەردىم ھاياتقا، پەريادىم باغرىمنى كېلىپ قاپسىدى. مەن بۇرۇن نەلەردە يالغۇز پەرىشان، سەن بۇرۇن نەلەردە ئوت بولۇپ يانغان.؟! گۇناھ بولسا ئەمدى سېنى سۆيۈپ قالغىنىم، ئادەم بىلەن ھاۋانىڭ بارلىقى يالغان!!!

ماشىنا كۆزنىكى چېقىلسىمۇ ئاھ (شېئىر)

چىمەنگۈل ئاۋۇت زىمىستان قۇشلىرى قونغان زەنجىردەك، يۈرەككە چىرمىشىپ كۆيمەكتە بىر ئوت. جاراھەت باغرىدەك ئىسسىق دۇنيايىم، كەل ئۈنسىز، مۇزلىغان قوللىرىمنى تۇت. يېقىمسىز ۋىسالدەك كۈلسۈن تەبىئەت، قار كېچىپ تۇرايلى بىردەم يانمۇ يان. مۇھەببەت ھەم نەپرەت كېسىشكەن دەمدە، سارغايغان ھېسلاردىن سىرغىمىسۇن قان. ماشىنا كۆزنىكى چېقىلسىمۇ ئاھ، كۆز يېشىڭ ئۈمىدنى قالمىسۇن سۆيۈپ. مەن ئەمدى ئۇزايمەن خىياللىرىڭدەك، چۈنكى بىز ھىجرانغا قېلىشقان كۆنۈپ.

كەچۈر، قارلىغىچىم (شېئىر)

چىمەنگۈل ئاۋۇت چوقۇما ئەينەكنى، ئوماق قارلىغىچىم، ئۇسسۇزلۇق بېرەيمەن ئالقانلىرىمدا. ئۆزۈمنى بىمالال تاشلىيالمايمەن، سەن كۆيۈپ قارايغان گۈلخانلىرىڭغا. يارىلانغان تۇمشۇقۇڭ ئېچىشسا سىم-سىم، ھورلانغان تىنىقىمدا قويايمەن پۈۋلەپ. يېشىمدا يۇسام گەر قاناتلىرىڭنى، باغرىمدىن يۇلغۇنۇپ ئۇچۇۋەر ئۆرلەپ. كەچۈرگىن سەن ئۈچۈن سالمايمەن ئۇۋا، بوغقۇم يوق مېھرىمدە ئەركىنلىكىڭنى. چۈنكى كۆك ئاسمانلا تولۇق بىلىدۇ، ئاھ، سېنىڭ شۇ قەدەر يەڭگىللىكىڭنى.

بىر تامچە نۇر (شېئىر)

چىمەنگۈل ئاۋۇت مىنى ئېلىپ قاچالماس ھىچكىم، قۇمۇشلۇققا ئوت قۇيالماس ھەم. ئات مىنىشنى ئۆگەنگۈم كېلىپ، يىغلىۋالدىم ئۈن سېلىپ بىردەم. قۇشتەك يەڭگىل قۇشتەك ئوماق مەن، چاينىڭ رەڭگى سۈزۈلدى ئاستا. شور ئۆرلىگەن ئالىقانلاردا قۇم، بىر تامچە نۇر سانجىلدى تاشقا. چىپىلدايدۇ يامغۇر يېقىملىق، تۈتەكلەرنى قىلغانچە يەكسان. ئانىلارنىڭ كۆزىدىكى مۇڭ، كۆكلىمەكتە بولۇپ بۈك ئورمان.

ئوينايدىغان بالا بارمۇ (شېئىر)

چىمەنگۈل ئاۋۇت سۇ ئىچىدە ئۆرۈم–ئۆرۈم چاچ، گۈل بەرگىدەك يېرىلدى قات–قات. بارمىقىمدا ئوچۇم–ئوچۇم نۇر، ئاپئاق تامغا يازىمەن پەرياد. ئۆگزىسى يوق ئۆيدىن تولۇن ئاي، قارىيالماي بولماقتا چاك–چاك. نەمخۇش پۇتلار سىلكىنەر يېنىك، يامغۇردىكى خىيالغا ئوخشاپ. كىچىكلىكتە ياسىغان ئۆيۈم، كېلىپ قالدى يەنە يادىمغا. ئۇنلىرىم–قۇم، سېيىم–يوپۇرماق، ئاش ئېتەتتىم بالىلىرىمغا. كۈلۈپ سېلىپ ئۆزۈمچە غەمكىن، ئېچىۋەتتىم روجەكلىرىمنى. ئاينىسۇن دەپ كېچە باغرىدا، چېچىۋەتتىم چېچەكلىرىمنى. ئاق تاش، كۆك تاش، دەريا بويى سۈزۈك تاش. سېنىڭ بىلەن مەن ئاداش، ئوينايدىغان بالا بارمۇ. بولمىسىمۇ بۇ جايدا بىر تاغ، ئەكس سادا ياندى ئاھ دەرھال. ھايات دېگەن مۇشۇدۇر بەلكىم، ئوت ئىچىگە تاشلاندى ئايال. ئاق تاش، كۆك تاش. دەريا بويى سۈزۈك تاش، ئويناي دېسەم دەريادا، يولۇم تۇرسا قارا تاش.

مەنتىقىسىزلىق (شېئىر)

چىمەنگۈل ئاۋۇت سېغىندىم مەن سېنى غايىب پەرىشتەم، بىلىمەن، سەنمۇ ھەم سېغىندىڭ مېنى. مۇزلىغان تۇپراققا ئىسسىق ياش تۆكۈپ، كېلىسەن دۇنياغا مەن ئۆلگەن كۈنى. سېغىندىڭ سەن مېنى مەجروھ پەرىشتەم، بىلىسەن، مەنمۇ ھەم سېغىندىم سېنى. ساڭىمۇ، ماڭىمۇ ناتونۇش لېكىن، قەبرىدىن ئاڭلانغان بوۋاقنىڭ ئۈنى.

ھېچكىمگە دېمىدىم (شېئىر)

چىمەنگۈل ئاۋۇت شۇ قەدەر تىنىچ ھەم رەزىلدۇر ئەتراپ، ھىجراننىڭ رەڭڭىدە مەي بولدى كۈنلەر. ئادەملەر ئۆزىگە تۈزگەن قانۇندەك، گۈللەرنىڭ يىلتىزىغا چۆكمەكتە ئۈنلەر. كۆزۈمنى بۇش يۇمۇپ ھاياجان بىلەن، قۇرۇغان لىۋىمنى قاناتتىم گۈلدەك. ساڭىلا ئايلاندى يەنىلا جېنىم، بېغىمدا ئۇچۇپ يۈرگەن يالغۇز كېپىنەك . ھېچكىمگە دېمىدىم سىغىنغىنىمنى، قىياملار زەرداپقا قوشۇلدى بىر-بىر. خۇدىنى بىلمەستىن كۆيىدۇ قوياش، مەن يەنە ياشاشقا كۆنمەن ئاخىر. چىداشقا مەجبۇرسەن تەرسالىقىمغا، قۇشلارمۇ پەرۋازىنى ئېلىپ كېتىدۇ. كېچىنىڭ يارىسى قالار شۇ پېتى، بۇ ئۆمۈر سۇ دەكلا ئېقىپ ئۆتىدۇ. بىمالال ئۇزايمەن ھەسرەتلىرىمدىن، باغرىمدا پورەكلەپ ئېچىلار كەچ كۈز. كىمكىنە، بىلگۈم بار ئول زامانلاردا، يارى ئۈچۈن تاياق يېگەن بىر مىڭ ئالتە يۈز!

چىمەنىستان (شېئىر)

چىمەنگۈل ئاۋۇت (1) ئازاپ پۈتكەن ۋۇجۇدۇمدا سېزەرمەن مىسلى غەلياننى. قازارمەن تىرنىقىم بىرلە بېسىلغان ئىزگۈ ئارماننى. يۈسۈپ چۈشكەن قۇدۇقتا ئاي يۇيۇنسا كۆك چاراسلايدۇ، پەرق ئەتمەس ھايات بەرقى سۈزۈك كۆز ياش بىلەن قاننى. ۋىسالنىڭ پەيتى بىر مەررە، لىكىن قىسمەتلىرى چەكسىز، كېزەرمەن بىر ئۆمۈر قەھرىم خاراپ ئەتكەن بۇ ئورماننى. قىيامى ئۆچمىگەن لەۋلەر لىغىرلار چۈش سىياقىدا، قەپەزگە تاشلىغاي كىملەر كۆيۈك ئالقاندىكى داننى. ئىشقسىز بىر كۈنۈم ئۆتسە ياغار قەلبىمگە مىڭ كۈلپەت، كۈتەر تۈننىڭ چىمەنزارى ئاراملىق ئىستىگەن جاننى. (2) يىرىڭلىق لەۋ پايانىدىن تاراملار ئىشق لاۋا چەندان. ھايات كۆكىدە پارلايدۇ دىلى ھۆرلەر ئۇرۇپ خەندان. قەدەملەر ئۆركىشى يالماپ يۇتار ئويلارنى، ئايلارنى، خازانلىق يولدىمۇ، ھەيھات، تېپىلماس شۇ كەبى غەمخان. قىياندەك يامرىغان چاچلار بەدەنلەر قەھرىگە تال-تال، كۆيەر ھەر لەھزە كۆز ياشتا چېچەكلەپ شام كەبى ئارمان. چاقار ئەينەكنى، بىلمەيسەن، سوزۇلغان قايسى قابىل قول؟ قىلار مېھرىڭدە توختاۋسىز خىياللار دەھشىتى جەۋلان. ئۆمۈرنىڭ سەلكىنى يەلپۈپ ئۆتەر گۈللەرنى، يوللارنى، پۇرار خۇشبۇي ئازابمۇ ھەم قۇچا...

ئوغلۇمنىڭ قانىتى (شېئىر)

چىمەنگۈل ئاۋۇت مەن پەرۋىش ئەيلىگەن چىملار خارۇ – زار، سەن دەسسەپ چەيلىگەن گۈللەردە ھىد بار. مەن سۆيگەن سەھەرنىڭ قۇياشى يوقتۇر، سەن تامغان كۆكلىگەن ئۈنلەردە قۇت بار. مەن تۆككەن تەر بىلەن ياشنايدۇ ئازاب، سەن تۆككەن كۆز ياشتا ئۈمىد چايقىلار. قىسمىتىم ئاي بولۇپ پارلىسا مۇڭلۇق، خىيالىڭ يۇلتۇزدەك تۈنگە تارقىلار. ۋىسالنىڭ جەھلىدە بولساممۇ چۇلچۇل، ھەر سەھەر باغرىمغائاقىسەن تىم – تىم. دۇنيادا ھېچكىمسىز ياشىيالايمەن، سەن تۇرغاچ مېھرىمگە چىلىشىپ، جېنىم. ئازابىم خىلۋىتى ساڭا ناتونۇش، ئاينىيدۇ، ئاھ،ئۇندا مېنىڭ بارلىقىم. قۇمۇشلۇق لەيلەيدۇ غالىبلىقىمدا، ئانامنىڭ قولىغا چىقسا تارغىقىم. زەردابتەك ئىسسىقمەن، ياردەك گۈزەل، دادامنىڭ مۇڭلىرىنى يالمايدۇ ئورمان. جان بالام، چۇرۇلداپ كەتسەڭ بىتاقەت، تۇيۇلار قۇشلارغا كىرگەندەك زۇۋان. كۆزۈڭدىن يامرىغان مەڭگۈلۈك ئوتنى، پارچىلاپ ئالەمگە چاپساممەن تولۇق. تەخىڭگە ئەل بولۇپ كۆكلەر تەبىئەت، يار بولغاچ قىسسەدىن ياسالغان قوۋۇق. سۆيىسەن تۇپراقنى چاپچىشلىرىڭدا، كۆككىمۇ سوزىسەن قولۇڭنى ھازىر. ئاۋازىڭ چوڭقۇرىدا قۇملارنىڭ تەپتى، تاغلارنىڭ سۈلكىتىدىن پارلايسەن ئاخىر!

ئايالمۇ يامغۇر (شېئىر)

چىمەنگۈل ئاۋۇت تەبىئەت تۆكىدۇ مېنىڭ يېشىمنى, لېۋىمنى چىشلەيمەن چىدامىڭ ئۈچۈن. ئۆزۈمدىن، مېھرىڭدىن كېچەلەيمەن، بەس, بىپەرۋا بولغىن سەن ۋە ياكى ئۆكۈن. ئەينەكمۇ يىغلايدۇ گۈلگە قوشۇلۇپ، تېرەكلەر تىكلىنىپ تۇرار بەھۇزۇر. شاخلارنى سىلكىتىپ باقمىدىم تېخى, پاتقاقلار چېچەكلەپ كۆيمەكتە مەغرۇر. چوڭ يولدا كۈنلۈكسىز كېتىۋاتىمەن, يىرتىلغان پايپىقىمدا چاقنايدۇ بىر نۇر. چېچىمنى چۇۋۇشقا بارمىدى رايىم، بىلمەيمەن، مەن ھازىر ئايالمۇ، يامغۇر… باغرىمدەك سۈزۈك ھەم باغرىمدەك چوڭقۇر, سىقىلىپ، سىلكىنىپ ھورلانماقتا يەر. ئويلىسام، ساڭىلا دەپ باقماپتىمەن، ياشىغۇم كەپ قالدى شەيتاندىن بەتەر!

كۈتۈش (شېئىر)

چىمەنگۈل ئاۋۇت   ئاپتاپقا قاقلىدىم يالغۇزلۇقۇمنى، قىسمەتنىڭ پايانى كۆرۈندى تىمتاس. سەن نەدە مەغرۇرسەن ئېزىلدى باغرىم, كۆزۈمنى بوش يۇمۇپ قىلدىم مەن قىياس. كىملەرنى ياد ئەتتىڭ ،كىملەرنى كۈتتۈڭ, مېھرىمدە بارلىقىڭ بولماقتا ئايان. ئالدىراش يولنى كېسىپ ئۆتكەنسەن بەلكىم, ئاخىرىنى ئويلاشتىن قىلىمەن گۇمان. تېرەكلەر قارايدۇ ماڭا بەك غەمكىن, بويۇڭدەك بىر ئىشەنچ پارلايدۇ يارقىن. يەنىلا سەن ئامان قالىسەن جېنىم, تۇيۇقسىز زېمىندا يۈزبەرسە قىرغىن. مۇڭ باسقان كۆزلىرىڭنى ئەسلىيەلەيمەن, سەن چۇقۇم ئۆيۈڭدىن چىققان لاۋۇلداپ. مانا يەنە بىر كۈن ئۆتتى مىڭ تەستە, يۇلتۇزلارغا قوشۇلدۇم يولۇڭغا قاراپ !