ئۈچىنچى سوتتا (پوۋېست)
ئاپتورى: تۇرسۇنگۈل تۇردى سوتنىڭ چاقىرىق قەغىزىنى تۇتقىنىمچە جايىمدا ئولتۇرۇپ قالدىم. خۇددى مۇشۇ قەغەز مېنىڭ بارلىقىمنى يوق قىلىۋېتىدىغاندەك يۈرىكىم ئېغىپ كەتتى. مەن ئېرىمنىڭ قىلىۋاتقان ئىشلىرىنى بىلسەممۇ، لېكىن ئۇنى ئاجرىشىشنى تەلەپ قىلىپ ئەرز قىلىدۇ، دەپ ئويلىمىغان ئىدىم. مەن ئۆزۈمنى تۇتۇۋېلىپ ئېرىمنىڭ ئەرزنامىسىنى ئوقۇدۇم. ئېرىمنىڭ دېيىشىچە، مەن ئاياللىق مەجبۇرىيىتىمنى ئادا قىلماپتىمەن. ئائىلىمىزدە جېدەل-ماجرا ئۈزۈلمىگەچكە ۋە بىر-بىرىمىزگە مۇھەببىتىمىز قالمىغانلىقى ئۈچۈن سوتنىڭ ئاجراشتۇرۇۋېتىشىنى تەلەپ قىپتۇ. ئىشخانىدىن قانداق چىققىنىمنى بىلمىدىم. خۇددى باشقىلار مېنى مەسخىرە قىلىۋاتقاندەك، مېنىڭ يارىماسلىقىمدىن كۈلۈۋاتقاندەك بىر خىل ھېسسىيات ۋۇجۇدۇمنى چىرمىۋالدى. ئۆيگە كېلىشكە ئالدىرىمىدىم. مېنى نۇرغۇن شېرىن ئارزۇ-ھەۋەسلەرگە سالغان، تۇرمۇشنىڭ گۈزەللىكىدىن شادلاندۇرغان، ناتىۋان بىر قىزدىن ئوتتۇرا ياشلىق بىر ئانىغا، ئانا بولغاندىمۇ ئائىلە ئۈچۈن، بالا ئۈچۈن بارلىقىنى ئاتىۋەتكەن ئانىغا ئايلاندۇرغان ئاشۇ ئۆي تۇنجى قېتىم ماڭا ناتونۇش بىلىندى. ئۆزۈمنى خۇددى ئۇ ئۆيگە بىر قېتىملىق م...