Kayıtlar

ئابلىز ئۆمەر etiketine sahip yayınlar gösteriliyor

رۇبائىيلار (ئابلىز ئۆمەر)

  1 كەڭ ئەلۋەك داستىخان گويا ھاياتلىق، رىسقىڭنى ئالىسەن ئەجرىڭگە لايىق. نېمىنى تېرىساڭ ئورۇيسەن شۇنى، زۇۋۇلاڭ ئاققۇزغان تەرىڭگە تالىق.   2 بەزىلەر سەسكىنەر غەزەپتىن ئەجەپ، قىلىدۇ ھەمىشە تەبەسسۇم تەلەپ. مەن دەيمەن: مىڭ ياخشى، ساختا كۈلكىدىن، گەر ئاچچىق بولسىمۇ ھەققانىي غەزەپ.