ئەخمەتجان ئوسمان شېئىرلىرى
ئىككى قۇياش قەسىدىسى گۈزەللەردىن ئەمەسسەن جېنىم، سەندە يوقتۇر گۈلنىڭ ياشنىشى. ئاهۇ كۆزى ئەمەس كۆزلىرىڭ، ئەمما ئۇندا نۇرنىڭ چاقنىشى. بېزىمەيدۇ سېنى باش باھار، ئۇزاتمايدۇ كەچ كۈز جۇدۇنى، ئىككى قۇياش يانسا يۈزۈڭدە، ئۇنىڭ ئەكسى تۇرسا كۆزۈمدە. سۆيگۈمىزنىڭ نەدىكەن تۈنى؟! كۆزلىرىڭدە بارار يىراقلاپ، ھەسرىتىمنىڭ يېشىل بۇلۇتى. ئىسىڭدىكى تامچە شەبنەمدە يۇيۇنىدۇ سۆيگۈمنىڭ ئوتى. ساھىلىڭدا كونا قولۋىقىم، ھېلىغىچە ئولتۇرار مۈگدەپ. توزان باسقان قوڭغۇراقلىرىم، چېركاۋىڭدا تۇرىدۇ ئۈنلەپ. چۈشلىرىڭنىڭ شىلدىرلىشىغا، قۇلاق سېلىپ ياتار ئورمىنىم. تۈمەن يىللار ساقلىدىم سېنى، تۈن قوينىدىن كەلسەڭچۇ جېنىم. ئاه، ۋەتىنىم، سېنى سورايمەن! ئاخشاملىرى چىقىپ تالاغا، قەلبىمنى پاك ھېسقا ئورايمەن. مەغرىب تامان ئۇچقان شامالنى، ھۇزۇرلىنىپ ئۇزاق پۇرايمەن. شەبنەم تامغان كىرپىكلەر ئارا، مېھرىم بىلەن ئايغا قارايمەن. ئاسمىنىڭنى كەزگەن شۇ ئايدىن، تۇپرىقىڭنى سۆيگەن شامالدىن، ئاه، ۋەتىنىم، سېنى سورايمەن! دولقۇنلايدۇ بىپايان كۆزۈڭ دولقۇنلايدۇ بىپايان كۆزۈڭ، ئېزىپ قالغان يەلكەنمەن ئۇندا. بورانلىرىڭ پەسەيمەس زادى، بىر ۋەھىمە ياڭرار شاۋق...