ئەخمەتجان ئوسمان شېئىرلىرى


ئىككى قۇياش قەسىدىسى


گۈزەللەردىن ئەمەسسەن جېنىم،

سەندە يوقتۇر گۈلنىڭ ياشنىشى.

ئاهۇ كۆزى ئەمەس كۆزلىرىڭ،

ئەمما ئۇندا نۇرنىڭ چاقنىشى.

بېزىمەيدۇ سېنى باش باھار،

ئۇزاتمايدۇ كەچ كۈز جۇدۇنى،

ئىككى قۇياش يانسا يۈزۈڭدە،

ئۇنىڭ ئەكسى تۇرسا كۆزۈمدە.



سۆيگۈمىزنىڭ نەدىكەن تۈنى؟!


كۆزلىرىڭدە بارار يىراقلاپ،

ھەسرىتىمنىڭ يېشىل بۇلۇتى.

ئىسىڭدىكى تامچە شەبنەمدە

يۇيۇنىدۇ سۆيگۈمنىڭ ئوتى.

ساھىلىڭدا كونا قولۋىقىم،

ھېلىغىچە ئولتۇرار مۈگدەپ.

توزان باسقان قوڭغۇراقلىرىم،

چېركاۋىڭدا تۇرىدۇ ئۈنلەپ.

چۈشلىرىڭنىڭ شىلدىرلىشىغا،

قۇلاق سېلىپ ياتار ئورمىنىم.

تۈمەن يىللار ساقلىدىم سېنى،

تۈن قوينىدىن كەلسەڭچۇ جېنىم.



ئاه، ۋەتىنىم، سېنى سورايمەن!


ئاخشاملىرى چىقىپ تالاغا،

قەلبىمنى پاك ھېسقا ئورايمەن.

مەغرىب تامان ئۇچقان شامالنى،

ھۇزۇرلىنىپ ئۇزاق پۇرايمەن.

شەبنەم تامغان كىرپىكلەر ئارا،

مېھرىم بىلەن ئايغا قارايمەن.

ئاسمىنىڭنى كەزگەن شۇ ئايدىن،

تۇپرىقىڭنى سۆيگەن شامالدىن،

ئاه، ۋەتىنىم، سېنى سورايمەن!



دولقۇنلايدۇ بىپايان كۆزۈڭ


دولقۇنلايدۇ بىپايان كۆزۈڭ،

ئېزىپ قالغان يەلكەنمەن ئۇندا.

بورانلىرىڭ پەسەيمەس زادى،

بىر ۋەھىمە ياڭرار شاۋقۇندا.

ئىستىمەيمەن قىرغا بېرىشنى،

ھايات-ئۆلۈم ماڭا بېرىبىر.

پاچاقلىنىپ دولقۇنلىرىڭدا،

ئاڭا چۆكۈپ كېتەرمەن ئاخىر.



قاچان سۆيدۈم سېنى


جانان، قاچان سۆيدۈم مەن سېنى؟

تۇنجى باھار تۇغۇلغاندىمۇ؟

كۆيۈپ كۆكتە ئىلاھىي ھىجران،

ئاي ۋە قۇياش ئايرىلغاندىمۇ؟

جانان، قاچان سۆيدۈم مەن سېنى؟

كۆزلىرىڭدە يۇيۇنار ۋىناس.

كىرپىكىڭدە مۈگىدەر قۇشلار،

ئۇخلىغاندا سىرلىرىڭ تىمتاس.

جانان، قاچان سۆيدۈم مەن سېنى؟

چېچەكلەردىن كېلەر پۇرىقىڭ.

يادلىشىدۇ ئىسمىڭنى سۇلار،

ئاڭلىنىدۇ يەردىن تىنىقىڭ.

جانان، قاچان سۆيدۈم مەن سېنى؟

قانداق كىرىپ كەلدىڭ چۈشۈمگە؟

كەتتىڭ تاڭنى مەندىن ئۇزارتىپ،

سېھرىي ناخشا بولۇپ كۈيۈمگە.

جانان، قاچان سۆيدۈم مەن سېنى؟

تۈمەن يىللار ياشىدۇق گويا.

شائىرىڭمەن پەقەتلا سېنىڭ،

يۈرىكىمدە ئىلاھىي ئوقيا.

جانان، قاچان سۆيدۈم مەن سېنى؟

تۆرەلدىممۇ سېنىڭدىن ياكى؟

ئاشىقىڭمەن پىنھان، كائىنات

ۋۇجۇدلۇقتىن ئۆچكىچە تاكى.



تۈن قۇياشى

بىر مۇھاجىرنىڭ سالام خېتى


سەن ئۆلگەندە بولالمىسام قېشىڭدا، ئانا،

ئارمانىمنى تۇزلىغايسەن يېشىڭدا، ئانا.

قات-قات چېگرا ئارقىسىدا قالدى ئالۋۇندەك،

قۇشتەك ئەگىپ يۈرگەن چاغلار پېشىڭدە، ئانا.

شۇ چاغلاردا پېشىڭنى چىڭ تۇتقان بۇ قولۇم،

كۆك بۆرىنى تۇتتى ئەمدى، ئاغزىمدا گۇگۇم.

چۆچەكلىرىڭ مانا بۈگۈن كېچەمگە ئايدىڭ،

مەيلى كېلەر، مەيلى كەلمەس، بارماقتا يولۇم.

تۆكۈلمەكتە ياپراقلىرىم، پەسلىم كۈز ئەمەس،

بوران-چاپقۇن، قاراڭغۇلۇق، يولۇم تۈز ئەمەس.

كۈندۈزۈمدە ئاي-يۇلتۇزلار، تۈنۈمدە قۇياش،

ۋەتەن، دېسەم ئاغزىم قانار، قان بۇ... سۆز ئەمەس.



كىشنەيدۇ يۈرەك


ئاشىقىڭمەن ئۈنسىز، ئۈمىدسىز،

تونۇمايسەن لېكىن سەن مېنى.

چاچلىرىڭنى پۇرايمەن پەقەت،

قۇچاقلايمەن چۈشۈمدە سېنى.

تەنھا قالدىم ئايدىڭ كېچىدە،

سىردىشىم يوق شۇ ئايدىن بۆلەك،

يايلىقىدا سۆيگۈڭنىڭ شۇدەم،

ئۇزاق-ئۇزاق كىشنەيدۇ يۈرەك.



ئەتىلەرنىڭ ئۆتكەن بۈگۈنى


تەقدىرىمنىڭ ئۆيى ئەلمىساق،

قىيامەتتىن كېلەر ئۆتمۈشۈم.

كۈن تۈنىدە ئۇخلايمەن ئويغاق،

ھەقىقەتتىن بالقىيدۇ چۈشۈم.

زامانسىرار مەن ئۈنگەن تۇپراق،

باشلانمىدى تېخى كەچمىشىم.

دىلدا يارا، زۇلمەتلىك چىراق،

يىغلار كۈلكەم، كۈلەر كۆز يېشىم.

بۇلدۇقلايمەن بۇلاقتىن چاڭقاق،

كۆكسىرەيمەن كۆكنى قۇچاقلاپ.

ئەبەدىيەت — روھىمدا دوزاخ،

بارار يوللار مەندە ئۇزاقلاپ...

تەبىرلەسمەن ئۆمرۈمنى ئەگەر:

ئەتىلەرنىڭ ئۆتكەن بۈگۈنى!

ئۆزلۈكۈمنىڭ بارماقلىرىدا،

يېشىلمەكتە مانا تۈگۈنى.



سۈرگۈن


ئۆزلىرىنى ئالار ئولتۇرۇپ،

كۆكرىكىڭدە يېشىل دەرەخلەر.

چېقىلىدۇ روھۇم ئۈستىدە

بارمىقىڭدىن چۈشكەن قەدەھلەر.

تېرىپ كېلەر ئىزىڭدىن يوللار،

چۈشۈپ قالغان چۆچەكلىرىڭنى.

ئۆلۈپ قالار يۇمران چۈشلىرىڭ،

چىڭ سىقىملاپ ئەمچەكلىرىڭنى.

سۈرگۈنۈڭمەن ئەبەدىلىك جېنىم،

ئىسيانىمدا كۈيلەيمەن سېنى.

چېچەكلىدى سېپىللىرىڭدا

چاچراپ تۇرغان سۆيگۈمنىڭ قېنى.

ئۆلۈمۈمدىن تۇرارمەن بەزەن،

ھەسرىتىڭنىڭ جىمغۇرلۇقىدىن.

چاچلىرىڭدىن سۆرەپ كېلىمەن،

زۇلمەتلەرنىڭ چوڭقۇرلۇقىدىن.



ئىنتىزار


كۆزلىرىڭدە بارار يىراقلاپ،

ھەسرىتىمنىڭ يېشىل بۇلۇتى.

ئېسىڭدىكى تامچە شەبنەمدە

يۇيۇنىدۇ سۆيگۈمنىڭ ئوتى.

ساھىلىڭدا كونا قولۋىقىم،

ھېلىغىچە ئولتۇرار مۈگدەپ.

توزان باسقان قوڭغۇراقلىرىم،

چېركاۋىڭدا تۇرىدۇ ئۈنلەپ.

چۈشلىرىڭنىڭ شىلدىرلىشىغا،

قۇلاق سېلىپ ياتار ئورمىنىم.

تۈمەن يىللار ساقلىدىم سېنى،

تۈن قوينىدىن كەلسەڭچۇ جېنىم.



ئۆمۈرلۈك كېچە


كېچە ئىكەن تۇغۇلغاندا مەن،

تاڭ ناخشىسى ئېيتاركەن ئانام.

ئۇپۇقلارغا باقسام ھەر قېتىم،

تاڭ ئاتىدۇ، دەيدىغان ئاتام.

قاراڭغۇلۇق ئىزناسىمىكىن،

چېچىم قارا، كۆزلىرىم قارا.

ۋۇجۇدۇمغا غۇۋا نۇر چاچار،

قەلبىمدىكى ساقايماس يارا.

ياشاپتىمەن قىرىق ئىككى يىل،

تۈگىمىدى بۇ ئۇزۇن كېچە.

قانچىلىغان يۇلتۇزلار ئاقار،

ئاھ... ئىلاھىم، شۇ تاڭ ئاتقىچە.



مىڭ بىر كېچە


بەست شەھىرزات، يېتەر چۆچىكىڭ،

كېتەي پۈتمەس ۋەھىمە ئىچىدىن.

قۇياش يانغان نۇرلۇق بىر كۈندۈز،

ئارتۇق ماڭا مىڭ بىر كېچىدىن.

مىڭ بىر كېچە، مىڭ بىر كېچە،

مىڭ بىر كېچە، مىڭ بىر كېچە.

تىلسىم كېچە كۆزدە يوق ئۇيقۇ،

ئۆتمۈشۈمنى قالىمەن ئەسلەپ.

ئارزۇلايمەن مىڭ بىر كۈندۈزنى،

چۆچەكلەردىن تەسەللى ئىزلەپ.

مىڭ بىر كېچە، مىڭ بىر كېچە،

مىڭ بىر كېچە، مىڭ بىر كېچە.



سىلەرگىمۇ دەپ قوياي


ئاڭلاپ قالدىم مومامدىن،

سىلەرگىمۇ دەپ قوياي.

نۇرغۇن چۆچەك بىلەرمىش،

ئاسماندىكى تولۇن ئاي.

ئۇخلىماڭلار بۇ كېچە،

ئۆگزىلەردىن ئېلىپ جاي.

ئويغا سېلىپ سىلەرنى،

چۆچەك ئېيتىپ بېرەر ئاي.

Yorumlar

Bu blogdaki popüler yayınlar

ئۇيغۇرلۇق روھى بىزگە نېمە دەيدۇ؟

تاڭ دەۋرى شېئىرلىرىدىن

سىياسىي ئانسامبىلچىلىقتا قوش يۈزلۈك سەتچىلىك