ئۇيغۇرلۇق روھى بىزگە نېمە دەيدۇ؟


📂 تېمىسى: ئۇيغۇرلۇق روھى بىزگە نېمە دەيدۇ؟

✍️ ئاپتورى: بۇرھان مۇھەممەد

🏷️ تۈرى : ئەدەبىي ئوبزور 

 


ئۇيغۇرلۇق روھى بىزگە نېمە دەيدۇ؟


مىللەت گەۋدىسى بىر بىناغا ئوخشىتىلسا، ھەر بىر شەخس بۇ بىنانىڭ شەكىللىنىشىنى بارلىققا كەلتۈرگۈچى ئامىللىرىدىن بىرى بولغان خىشلىرى ۋە ئۇيۇل تاشلىرىدۇر. مىللەت گەۋدىسىنىڭ ئىنتايىن چوڭقۇر ۋە مەزمۇت يىلتىزىنى تەشكىل قىلغۇچى نەچچە مىڭ يىلغا سوزۇلغان تارىخىنىڭ بولۇشى، مەدەنىيىتىنىڭ ۋە ئىلاھىي تۇتقۇ بولغان قۇرئان ۋە سۈننىتىنىڭ بولۇشى ئۇنىڭ ئاسان غۇلاپ كەتمەيدىغانلىقىدەك رېئاللىقنى ئەكس ئەتتۈرۈپ تۇرغۇچى ئەۋزەللىكلىرىدىندۇر. مىللەتنىڭ مەدەنىيىتىنى، تارىخىنى ۋە دىنىنى بۇرمىلاش، بىر پۈتۈن ئاسسىمىلياتسىيە قىلىش غەرىزىدە بولۇۋاتقان زالىم كۈچلەر يىللاردىن بىرى ئۇرۇنۇپ كېلىۋاتقان يىلتىزدىن قومۇرۇپ تاشلاش سىياسىتىنىڭ ئۇزۇنغا سوزۇلغان بولۇشىغا قارىماي، دېگەندەك ئۈنۈم بەرمەيۋاتقانلىقىنى، دۇنيانىڭ ئېقىشىغا بېقىپ مىللەتنىڭ ئىچىدىن ئويغىنىش مەيدانغا كېلىپ، ئىدىيە ۋە كۈچ بىرلىكىنى بەرپا قىلىش ئۈمىدىنىڭ يېڭىۋاشتىن جۇلالاۋاتقانلىقىنى سەزدى - دە، ئىنتايىن رەزىل ۋە پەسكەش يۈزىنى ئاشكارا قىلدى ۋە دۇنيانىڭ كۆز ئالدىدا گويا كونىنى بۇزۇپ يېڭىنى ياسىماقچى بولغان قۇرۇلۇشچىلار سىياقىدا يۈزلىرىگە نىقاپ تاقاپ مىللەتنىڭ مەۋجۇتلۇق بىناسىنى ئاشكارا بۇزۇپ چېقىشقا، مىللەت چىنارىنىڭ يىلتىزىغا، شاخلىرى ۋە مېۋىلىرىگە قويماي پالتا چېپىشقا باشلىدى. مانا بۈگۈن ۋەتەن ئىچىدە قانلار دەريا بولۇپ ئېقىۋاتىدۇ، جانلار قىيىن - قىستاقلار ئىچىدە سۇغۇرۇلۇۋاتىدۇ، سەكراتتىكىلەر ئۆلەي دەپمۇ ئۆلەلمەي، ئۆلگەنلەر بولسا، ئىنسانغا لايىق كۆمۈلەلمەي نام - نىشانسىز يوقىتىلىۋاتىدۇ. رەزىللىكنىڭ ئەڭ قەبىھ يۈزى ئاشكارا بولۇۋاتقان مۇشۇنداق پەيتتە، بۈگۈننىڭ دۇنياسىنى قۇرغان كۈچلەر، ئاتاقتا دېموكراتىيەنى تۇغ قىلىۋالغان، ئەمما نوقۇل مەنپەئەت ئۈچۈنلا ئىنسانلىقتىن ئېغىز ئاچىدىغان غەربنىڭ كاپىتال ۋە سوتسىيال نىزاملىرىنى قۇرغۇچى ۋە ھىمايىچى كۈچلىرى، ھەمدە بۇ كۈچلەرنىڭ شەرقتىكى تاسمىلىق ئىجراچى ھوقۇقدارلىرى بۇنى دەستەكلىمەكتە. ئەلۋەتتە، تارىخى ۋە مەدەنىيىتى بىلەن پەخىرلىنىشكە ئەرزىيدىغان، مەرتلىكى، جاسارىتى ۋە ھەقىقەت ئۈچۈن تەۋەككۈلچىلىكى بىلەن تونۇلغان تۈرك دۇنياسىمۇ بۈگۈن بىلىپ - بىلمەي، ھەقىقەتلىرىنى ئۇنتۇشقا، ئوڭايلا مەنپەئەتنىڭ قوينىغا ئۆزىنى ئېتىشقا تەرەددۇتلىنىۋاتقاندەك كۆرۈنىۋاتىدۇ. ئەلۋەتتە بۇ دەرىجىدە تېشى پال - پال ئىچى غال - غال كېتىۋاتقان دۇنيا سىياسىتى ئالدىدا نوقۇل زىيان تارتقۇچىغا ئايلىنىپ قېلىشىمىز نوقۇل بىزنىڭ تەلەيسىزلىكىمىزلا سەۋەب دېگىلى بولمايدۇ. مۇشۇ تەلەيسىزلىكنى بىزگە راۋا كۆرۈۋاتقان كۈچلەرنىڭ، كۆز يۇمۇۋېلىۋاتقان، بىزگە ياردەم قىلىۋاتقاندەك كۆرۈنۈپ ئەمەلىيەتتە پەپىلەۋاتقان، يىللاپ ئىشخانىلىرىنىڭ ئىشىكى ئالدىدا ئۇياندىن - بۇيانغا قاتۇرغۇزۇشتىن، ئۈمىدلەندۈرۈپ قويۇپ قۇشقۇنغا ئولتۇرۇۋېلىشتىن باشقىغا يارىمايۋاتقان ئاتالمىش كىشىلىك ھوقۇق ۋەھاكازالارنىڭ مەسئۇلىيىتىمۇ ئاز ئەمەس. شۇنداقلا بۇنىڭغا بىزنىڭ تەرىپىمىزدىن ئۆزىمىزگە ئائىت قورغانىمىز ۋە ئىستىھكاملىرىمىزنى قۇرۇپ چىقالمىغانلىقىمىز، رەقىبلەر پالتا چېپىشقا يەڭ تۈرۈشكە جاسارەت قىلاي دېگەندە ئۇنى يالتايتقۇدەك سۈرىمىزنىڭ بولماسلىقى، مەنىۋىيەت دۇنيايىمىزدىكى قوۋۇق - سېپىللىرىمىزنىڭ ئەبجەق ھالغا كېلىپ قېلىشى قاتارلىقلارنى نەزەردىن يىراق قىلالمايمىز، ئەلۋەتتە!

ۋەتەن ئىچىدە مۇمكىن بولمىغان، ئەمما ۋەتەن سىرتىدا مۇمكىنچىلىككە قاراپ يۈزلەندۈرگىلى بولىدىغان ئاشۇ ئاز بىر قىسىم ئىمكانىيەتلەر ئەمەلىيەتتە بىزنىڭ تەلىيىمىز، دۇشمەننىڭ تەلەيسىزلىكى ئىدى. ئەپسۇسكى، بەتنىيەت زالىمغا قارشى ھەقدادىغا يەتكۈزۈپ قارشىلىق كۆرسىتىش ئەمەس، ئاشۇ بۇزۇۋېتىلگەن بىنايىمىزنىڭ خىشلىرىنى قايتا قوپۇرۇش، ساقايماس قىلىۋېتىلگەن جاراھەتلىرىمىزنى تېڭىش، ساغلام ئەزالىق بىر گەۋدە ۋە بىر توپلۇم بولۇش ئۈچۈن زېمىن ھازىرلاشقا قۇربىمىز چاغلىق بولدى. بۇنى ئىشقا ئاشۇرۇشتا يېگانە قورغانىمىز بولغان تۈرك تۇپراقلىرى بىز ئۈچۈن تەلەي بولۇشتىن كۆرە تەلەيسىزلىكىمىزنىڭ سەۋەبكارلىرى بولۇشقا تەمشىلىۋاتقاندەك، بىزنى يەكلەۋاتقاندەك بىر ۋەزىيەتنىڭ ياسىلىۋاتقانلىقى كۆزگە چېلىقىۋاتىدۇ. مىللەت جامائەتچىلىكى تەرىپىدىن «ئىككىنچى ۋەتەن» دەپ تەرىپلىنىۋاتقان، ئانا ۋەتەن قايغۇسىنى يېنىكلىتىشتە بىردىنبىر سىغىنىش ماكانى بولغان بۇ تۈرك تۇپراقلىرىدا، مەۋجۇتلۇقىمىزنىڭ تەھدىد نىشانى بولۇپ قېلىشىدەك، ئىستەكسىز ۋە مەجبۇرىي ھالدا مەنپەئەت ئۈچۈن دوغا تېكىلىدىغان ماتا ئورنىغا چۈشۈرۈلىشىدەك بىر شامالنىڭ ئېسىۋاتقانلىقى دىققەت نۇقتىمىز بولۇپ قېلىۋاتىدۇ. ئەگەر راستتىنلا شۇنداق بىر ھال قەستەنلىكنىڭ، سۇيىقەستنىڭ، كېلىشىم ۋە مەنپەئەتلەرنىڭ نەتىجىسى بولغان بولسا، بۇنى ھېچ ئىككىلەنمەستىن تۈركلۈك شەرىپىگە، تۈرك ئىرقىنىڭ دىنىي ۋە مىللىي قىممەتلىرىگە زىت بولغان تىراگېدىيە، ھېچقاچان ئىزىنى ئۆچۈرۈپ بولغىلى، توغرا چۈشىنىپ ئاقلاپ بولغىلى بولمايدىغان پاجىئە، تارىخىي داغ دېيىشكە بولىدۇ. ئەگەر بۇ مىللەت ۋەتەن سىرتىدا، «ئاتا يۇرتى» سۈپىتىدە باغرىغا ئۆزىنى ئاتقان بىر زېمىندا زىيانكەشچىلەرنىڭ سۇيىقەست ئوبيېكتى ھالىغا كېلىپ قالغان بولسا، بولۇپمۇ بۇ تۇپراقنىڭ ئۆز ئىدارىچىلىرىگە قەۋمداشلىق، ئىرقداشلىق، مەدەنىيەتداشلىق، دىنداشلىقتەك ئەڭ يېقىن ۋە ئەڭ شەرەپلىك بولغان، باھا پىچقىلى بولمايدىغان شانلىق باغ ۋەسىلىسى بىلەن زور ئىشەنچ ۋە ئۈمىد باغلاپ بۇ ئەلنىڭ ساھىبلىرىنىڭ ئۆزلىرىگە ئاتىدارچىلىق قىلىشىنى، ھامىي بولۇشىنى ئارزۇ قىلىۋاتقان بىر ئەھۋالدا بۇ خەلقنىڭ ئۈمىدلىرىنىڭ پاچاقلاپ تاشلىنىش سۇيىقەستىگە ئۇچرىشى قاراپ تۇرغىلى، يول قويغىلى بولمايدىغان بىر ئەھۋال. بۇنداق بىر تارىخىي داغنى بۇ مىللەتنىڭ زېھنىدىن، قەلبىدىن ئۆچۈرۈپ تاشلاش ئەبەدىلئەبەد مۇمكىن ئەمەس. چۈنكى، بۇ مىللەت ھەر تۈرلۈك مۇشەققەتلەرگە دۇچار بولۇشى، ھەر تۈرلۈك ئېغىر سىناقلارغا دۇچ كېلىشى مۇمكىن. ئەمما قەۋمداشلىرىنىڭ ياكى دىنداشلىرىنىڭ ئۆزىگە قىلغان خىيانەتلىرىنى مەڭگۇ خاتىرسىدىن ئۆچۈرمەيدۇ. تىراگېدىيەلىك تارىختىن نەمۇنە قالغان «تۇڭگان بىلەن دوست بولساڭ، ئايپالتاڭ يانىڭدا بولسۇن» ماقال تەمسىلىنىڭ تارىخي ئارقا كۆرۈنۈشى بۇنىڭ تىپىك ئۆرنەكلىرىدىندۇر.

مىللەت ئۇزۇن يىللىق ئېزىلىش ۋە قېقىلىشلارنى، بىسىم ۋە دىشۋارچىلىقلارنى باشتىن ئۆتكۈزگەن بولسىمۇ، دوستى ۋە دۈشمىنىنى پۈتۈنلەي تونۇپ يېتەلمىگۈدەك، ئۇنتۇپ كەتكۈدەك دەرىجىدە ئومۇميۈزلۈك خاتىرىسىنى يوقىتىش گىردابىغا بېرىپ قالغىنى يوق. تاجاۋۇزچىلار ئاتىنى بالىدىن، بالىنى ئائىلىدىن، دىننى جەمئىيەتتىن، خەلقنى ئۆز ۋەتىنىدىن ئايرىپ تاشلىيالىغان بولسىمۇ، مىللەت يۈرىكىنىڭ ھېچكىم يېتەلمەيدىغان ئەڭ چوڭقۇر قاتلىرىغا يۇشۇرۇلغان ئىمانىنى، ئۈمىدىنى، قان ھۈجەيرىلىرىگە سىڭىپ ياتقان تۈركلۈك، ئۇيغۇرلۇق روھىنى، مۇسۇلمانلىق خۇسۇسىيىتىنى پۈتۈنلەي ئايرىپ تاشلىيالىغىنى، قىرىپ چىقىرىۋېتەلىگىنى يوق. بۇ مىللەت ھەر تۈرلۈك مەرەزلىكلەرگە گىرىپتار بولۇشى، ھەرخىل ئىللەتلەر بىلەن يۇقۇملىنىشى، ھەتتا مەزگىللىك ئۆزىدىن ياتلىشىش قىسمىتىنى باشتىن كەچۈرۈشى مۇمكىن. لېكىن مىللىي غورۇرىنى، ئىسلامىي شەرىپىنى، ئەجدادىنىڭ كىملىكىنى بىر پۈتۈن ھالدا ئۇنۇتقىنى يوق. ساداقەتنى، ۋاپانى ئەلا بىلىدىغان ئۈستۈن روھىنى پۈتۈنلەي ئەستىن چىقارغۇدەك دەرىجىدە ماڭقۇرتلىشىپ كەتكىنىمۇ يوق. مىللەت ھەرقانداق شەكىلدىكى قىرغىنچىلىققا دۇچ كېلىشى مۇمكىن، ئەمما بىر جان قالغان، بىر نەپەس ئالالىغۇدەك ئىمكان بولغان مۇددەتچە بۇ مىللەت ھامان ئۆرنىدىن تۇرىدۇ. چۈنكى ھېلىھەم بۇ مىللەتنىڭ قولىدا تارىخنى ئۆزگەرتكەن، ئىنسانىيەتكە يېڭى بىر مەدەنىيەت، يېڭى بىر دەۋر سۇنغان، دەستۇرى ۋە ھىدايەت چىراغى بولغان ئىلاھىي كىتابى، قۇرئان كەرىمى بار. تېخى بۇ مىللەت ئىنسانىيەتكە رەھمەت بولغان، ئۇلارغا يولباشچى تەيىنلەنگەن، ئىككى دۇنيانىڭ سەردارى بولغان مۇھەممەد ئەلەيھىسسالامنىڭ ئۈممىتى بولۇشتەك بۈيۈك شەرەپتىن ۋاز كەچمىدى. بۇ مىللەتنىڭ قولىدا يەنە ئۆز قەلىمى بىلەن ئۆزىنىڭ تۇتقان يولىنىڭ ھۆرمەتلىك پەيغەمبەر مۇھەممەد ئەلەيھىسسالامنىڭ يولى ئىكەنلىكىنى جاكارلىغان، دۆلەت ۋە مىللەتنىڭ ئەبەدىيلىكى ئۈچۈن باش قاتۇرغان يۇسۇپ خاس ھاجىپ كەبى ئەجدادلىرىنىڭ، شۇنداقلا ئانا ۋەتىنىنىڭ گۈللەپ ياشنىشى، مەنىۋى مىراسلىرىنىڭ ھەرقانداق بوران چاپقۇندا يوقاپ كەتمەسلىكى، ھەرقانداق دەۋردە پارلاپ تۇرۇشى ئۈچۈن تەر تۆككەن، كۆرەش قىلغان ئەلىشىر ناۋايى كەبى ئۇلۇغلىرىنىڭ دۇنياۋى مىراسى بار. ئۆزىنى قۇرۇپ چىقالايدىغان، ئىسلاھ قىلالايدىغان، قەد كۆتۈرگۈزىدىغان بۇ قەدەر بىباھا ئەڭگۈشتەرلەرگە ئىگە بىر مىللەت قانداقمۇ ئورنىدىن دەس تۇرماي تۇرالىسۇن! پەقەت ۋاقىت كېرەك. شۇنداقلا يۇيۇلغان خاتىرىلەرنى ئەسلىگە كەلتۈرۈش ئۈچۈن پۇرسەتكە، ئاسايىشلىقنى ئاساس قىلغان مەنىۋى ۋە ماددىي جەھەتتىن تەييارلىنىشقا، باشقىلاردىن ئەمەس، ئۆزىدىن باشلانغان ئىسلاھات پىرىنسىپىنى قانات يايدۇرۇشقا ئېھتىياجى بار.

يۇقىرىقى نۇقتىلارنى پەملىگەن ۋە مىللەت چىنارىغا پالتا ئۇرۇۋاتقان رەزىل كۈچلەر 100 يىللاپ قىلغان زورلۇق زۇمبۇلۇقلىرى، بۇلاڭ - تالاڭلىرى، قىرغىنچىلىقلىرى ئاز كەلگەندەك، مىللەتنىڭ ئاز ساندا ھايات قالغان توپلىرى ئۈچۈنمۇ شۇنچىلىك پۇرسەتنى ئوشۇق كۆرۈپ يول قويمايۋاتىدۇ. بۈگۈنكى رېئاللىقىمىزغا قارىغان ۋاقتىمىزدا، ۋەتىنىمىزنى ئاسارەتتە تۇتۇۋاتقان زالىملارنىڭ بىزنىڭ بۈيۈك پالاكىتىمىز، ياۋۇز كۈشەندىمىز ئىكەنلىكىدە شەك يوق. بۇ زالىملار ھەقىقەتەن ئىنسانلىقتىن ھالقىغان شەكىلدە زۇلۇم قىلىۋاتىدۇ، ئىنسانلىققىلا ئەمەس، ئاللاھنىڭ دىنىغا، ئاللاھقا ئاشكارا جەڭ ئېلان قىلىۋاتىدۇ، قىلغاندىمۇ بۇنى دەرىجىدىن تاشقىرى كونترول ئاستىدا قىلىۋاتىدۇ. كونترولىدىن چىقىپ كەتكەنلىرىنى بولسا، بىر يوللار بىلەن يۆگەپ يېپىشقا كۈچەۋاتىدۇ. زۇلۇمنىڭ ئەڭ يۇقىرى چېكىگە يەتكەن مۇشۇنداق بىر پەيتتە ياشاۋاتقانلار، ھەمدە بۇلۇۋاتقان ئىشلارنىڭ ئىچ يۈزىنى ئەڭ ياخشى بىلگەنلەر بولۇش سۈپىتىمىز بىلەن شۇنى دېيەلەيمىزكى، بۇ زۇلۇمنىڭ ئاقىۋېتى مەزلۇملار ئۈچۈن ياخشى بولمىغاندەك، زالىملارغىمۇ ياخشىلىق ئېلىپ كەلمەيدۇ، شۈبھىسىزكى، مەزلۇمغا تۇتاشقان ئوتنىڭ يالقۇنى زالىمغىمۇ چاچرايدۇ. مەزلۇمنىڭ داد - پەريادى پەلەككە يەتكەن، پۇرسەت مەزلۇمنىڭ قولىغا ئۆتكەن كۈندە بولسا، چوقۇمكى ئىش تېخىمۇ پاجىئەلىك ۋە دەھشەتلىك بولماي قالمايدۇ. خۇددى ئەلى رەزىيەللاھۇ ئەنھۇ ئېيتقاندەك، «مەزلۇمنىڭ زالىمدىن ئىنتىقامىنى ئالىدىغان كۈن، زالىمنىڭ مەزلۇمغا قىلغانلىرىدىن ئەشەددىي ۋە دەھشەتلىك بولىدۇ».

ئەلۋەتتە، ئىلاھىي ئادالەت تەجەللىي بولغاندا زالىملار بىلەن بىرگە ئۇلارغا يانتاياق بولغانلارمۇ تېگىشلىك نېسىۋىسىنى ئېلىشتىن قاچالمايدۇ. غەلىبە ۋە مەغلۇبىيەتنىڭ چوقۇم ئالمىشىپ تۇرىدىغانلىقى تارىخىي تەجرىبىلەرگىمۇ، ئىلاھىي دەستۇر بولغان قۇرئان كەرىمنىڭ بايانىغىمۇ ئۇيغۇن بولغان رېئال ھەقىقەتتۇر.

بۈگۈنكى ئەڭ ئاجىز ھالىتىمىزدە ۋە ئەڭ ئېغىر زۇلۇمنى باشتىن كەچۈرۈۋاتقان مەزلۇملۇق سۈپىتىمىزدە يەنە شۇنى دېيەلەيمىز: بۇ مىللەتنى بىۋاسىتە زالىمنىڭ قازىنىدا قورۇلۇش، ئېسىلىش، ئۆلتۈرۈلۈشلەر ئۈمىتسىزلەندۈرەلمەيدۇ، قايغۇغا سالمايدۇ، قورقۇتالمايدۇ. پەقەتلا «رەببىم ئاللاھ، مەن بىر ئۇيغۇر، مەن بىر شەرقىي تۈركىستانلىق» دېگەنلىكى ئۈچۈن زۇلۇم تارتىش، زالىمغا بوي ئەگمەسلىك مىللەتنىڭ كۈچىنى بېلەيدۇ، باتىلغا بولغان نەپىرىتىنى ۋە ھەق يول ئۈستىدىكى جاسارىتىنى تاۋلايدۇ. شۇڭىمۇ ۋەتەننىڭ ئامانلىقى، ئازاتلىقى، ئۇيغۇرلۇق ۋە ئىسلامىي كىملىكىنىڭ قىيامەتكە قەدەر ئەبەدىلئەبەد داۋام قىلىشى يولىدا ھەر تۈرلۈك پىداكارلىقلار، كۆرەشلەر، قارشىلىقلار توختاپ قالغان ئەمەس ۋە قالمايدۇ. بۇنىڭ ئۈچۈن مەرتلەرچە ئۆلۈم، قورقۇپ ياشاشتىن ئەلا. لېكىن بىزنى قايغۇغا سالىدىغىنى، ئىچىندۈرىدىغىنى زالىمغا يانتاياق بولۇشتىن، ئۇلارنىڭ زۇلمىنى بىلىپ تۇرۇپ ماسلىشىپ بېرىشتىن ھايا قىلمايۋاتقانلارنىڭ، ئۇلارنىڭ ئىستەكلىرىنى بىگۇناھلارنىڭ جېنى، قېنى بەدىلىگە، ئايال، بالا - چاقا دېمەستىن مەنپەئەت ئۈچۈن ئىجرا قىلىپ بېرىۋاتقانلارنىڭ ئۆز دىنداشلىرىمىز، مىللەتداشلىرىمىز، سويداشلىرىمىزدىن بولۇپ قېلىشىدۇر. مانا بۇ بىزنى ھەقىقەتەن قايغۇغا سالىدۇ. بىزنى زالىم ئالدىدا خار ۋە ئوسال ئەھۋالغا چۈشۈرۈپ قويىدۇ. ئەگەر شۇنداقلاردىن ھوقۇقىغا، كۈچىگە تايىنىپ بۇ مىللەتنى بوزەك تېپىشتىن ئايانمايدىغانلار بار بولسا، بىزنىڭ پوزىتسىيەمىز مەزلۇمنىڭ ئاھىغا ئىلنىپ قىلىشتىن ئۇلارنى ئاگاھ بولۇشقا چاقىرىش، ئۇلارغا سەلتەنەتنى تۇتقۇزغۇچىنىڭمۇ، تارتىپ ئالغۇچىنىڭمۇ ئىگىسى بولغان ئاللاھنىڭ ھۇزۇرىدا بېرىدىغان جاۋابنى، مەسئۇلىيەتنى كۆز ئالدىغا كەلتۈرۈپ قويۇشنى ئەسلىتىشتۇر. مەزلۇمنىڭ ئىككى قولى زالىمنىڭ ئىككى ياقىسىدا بولىدىغان، پەقەتلا ئاللاھنىڭ قارارى ۋە مەزلۇمنىڭ دەۋاسىلا ئاقىدىغان كۈننى يادىغا سېلىشتۇر. شۇنداقلا، مەزلۇمنىڭ ئاھۇ - زارىغا شېرىك بولۇش بەدىلىگە سەلتەنەت سۈرگۈزۈشتەك ئېغىر خاتالىققا دەسسەش ئارقىلىق تۈركلۈك شەرىپىنى، مۇسۇلمانلىق ئىززىتىنى بۇلغىماسلىقىنى سەمىگە سېلىشتۇر. بۇ ھەقتە ئۇلۇغ مۇتەپەككۇرىمىز يۇنۇس ئەمرەنىڭ مۇنۇ سۆزى مەقسەتنى تولىمۇ ئايان بايان قىلىپ بېرىدۇ: «زۇلۇمغا قوشۇلۇپ سەلتەنەت سۈرگەننىڭ ئاقىۋىتى ھالاكەتتۇر».

يازار: بۇرھان مۇھەممەد 

2019-07-28

 

------

...: بۇ ئويغاق پەقەت ۋە پەقەت ھەپتىلىك ئويغۇنۇپ دوپپا بارىمىنى شىنجاڭچە بايرام دىيىش ئۈچۈنلا ئويغۇنۇپتىكەن-دە.

ئويغاقلار دۇنياسىدا− بۇرھان: بۇ ئويغاقلىق سىز ئىككى ھەرەمدە تۇرۇپ خىتاي كونسۇلىغا ماسلىشىش يولىدا تەر ئاققۇزۇۋاتقان، چىرايلىق كۆرۈنۈش يولىدا قانات قېقىپ يۈرگەن، شىنجاڭچە مۇكاپات ئۈچۈن شاپاشلاپ تولغانغان ۋە بۈگۈنكىدەك شىنجاڭدىن ياردەم ئۈزۈلگەندە ئامالسىز چاپان سالغانلار سېپىغا ئۆتۈپ كېتىشتىن بۇرۇنلا ئويغاق ئىدى. يازما خالىسا يېزىلىدۇ، خالىمىسا يېزىلمايدۇ. يازسىمۇ ئويغاق، يازمىسىمۇ ئويغاق. شىنجاڭچە بايرامنىڭ ماھىيىتى ئېچىلىپ بولدى. سەھىپىدىكى بىر تالاي يازمىنىڭ ئىچىدە بەزى زىيالىيسىمانلارنىڭ ئۇيقۇسىنى قاچۇرىدىغان يازمىغىلا كۆزى قادالغىنى ئەمەلىيەتتە ئويغاقنىڭ مۈگدەكلەرنىمۇ ئويغىتىپ تۇرۇۋاتقانلىقىنىڭ ئىپادىسى. يازما سېغىنغان بولسىڭىز پېقىر خالىغان چاغدا چىقىدۇ. شىنجاڭچە تەھلىلگە زورۇقۇش، يېقىمسىزچە چېكىپ بېقىش ئارتۇقچە. مەخسۇس كاللا يۈگۈرتۈپ ۋاقىت ئىسراپ قىلىش تېخىمۇ بىھاجەت.

 

...گە:

مەن بۇ تېمىدا دىنىي ئەھكام نۇقتىسىدىن تەھلىل ئېلىپ بارمىدىم. پەقەت ئەگەر بىر بايرام مىللەتنىڭ بايرىمى دېيىلسە، ئەنئەنىۋىلىك ۋە مىللىي جەھەتتىن، بۇنىڭدىن ئورنى چىقمىغاندا دىنىي بولسىمۇ بىر باغ بولۇشى مۇھىملىقىنى ۋە بىر بايرام دېگەندە ئۇنىڭ قانداق خاراكتېرلەرگە ئىگە بولۇشى كېرەكلىكىگە ئىشارەت بەردىم خالاس. دوپپا بايرىمى مۇستەھەبمۇ، بىدئەتمۇ، ئەمەسمۇ بۇ سىزدەك «موللام-زىيالىي» نىڭ كۆڭۈل بۆلۈش تېمىسى بولسا كېرەك. يەنە سىز ئىسمى ئاتالغان شەخىسلىرىمىزگە غۇم بار يوقلىقىنى تىلغا ئېلىپ قاپسىز، سىز بۇنى ئېنىقلايدىغان، مېنىڭ دېمىگىنىمنى دېگۈزگەندەك كۆرسىتىشكە جۇۋاپ كەتكۈدەك كىمۇ سىز؟ قارىسام مەن شەخسىيىتى نۇقتىسىدىن ھۆرمەتلەيدىغان كىشىلەرنىڭ ئىسمىنى ئەتەي كەلتۈرۈپسىز. بۇنداق قىلىش ئارقىلىق كۆڭلۈمنى ئوقۇۋاتقاندەك كۆرۈنىدىغان «جۇگېلىياڭلىق» قىلىشىڭىزنىڭ ھاجىتى يوق. ئەگەر بىرسىنىڭ شەخسىگە پىكرىم بولسا ئېنىق ئىسمى بىلەن قوشۇپ دېسەم دەۋېرىمەن، سىزنىڭ مېڭىڭىزنى ئۇپرىتىپ زورۇقۇپ ھاشىيە يېزىشىڭىزغا ھاجەت چۈشكىدەك مەتىن يېزىپ ئاۋارە بولۇپ ئولتۇرمايمەن. بۇ ئاتالمىش دوپپا بايرامنىڭ ئاپىرىدە بولۇشىدىن تارتىپ ھازىرقىغىچە، ۋەتەندىن چەتئەلگە يۆتكىلىپ كېلىشىگىچە بولغان رېئاللىقىغا كۆز تاشلىغاندا، بار-يوق ۋەزىيەت ئوتتۇرىدا. يېقىندا تۆرىلىپ قۇچىقىمىزغا ئولتۇرغان بۇ بوۋاقنىڭ خاراكتېرىنى، ئۆتمۈشى ۋە ھازىرىنى مۇئەييەنلەشتۈرگەنلىك قانداقتۇر مەدەنىيەتنى ئىنكار قىلغانلىق ئەمەس، ماقالىدە ئۇنى تۇترۇقسىز بىر باھانىلەرگە جوراپ «بايرام» مەرتىۋىسىگە كۆتۈرۈشنىڭ، بايراملىق سالاھىيەت بېكىتىشنىڭ ئورۇنسىزلىقى ۋە بۇنىڭ ئورۇنسىز بولۇشتىكى تەرەپلىرى بۇرمىلىمايمۇ چۈشەنگىلى بولغىدەك دەرىجىدە ئېنىق ئۇيغۇرچە سۆزلەر بىلەن يورۇتۇپ بېرىلگەن. دوپپىنى مەنمۇ كىيىمەن ئەلۋەتتە. بولسا يىلدا بىر كىيىدىغان بايراملىق فورما قىلىۋالماستىن داۋاملىق كىيىلسە، ھېلىقىدەك مەنپەئەتىگە ئۇدۇل كەلگەندە قاملاشتۇرۇپ تۇرۇپ ئىجرا قىلىشنى بىلىدىغان ئىنسان ھەقلىرى ئورگانلىرىغا، كىشىلىك ھوقۇققا كۆڭۈل بۆلۈپ، ئەمما مىللەتنىڭ قەتلىئامىغا كەلگەندە يىللاپ كەينىگە سېلىپ پېقىرىتىدىغان جون، ھاررى، ماك دەيدىغانلارغا دەۋا دەستۇر ئاڭلاتقىلى چىققاندىمۇ ئاشۇ «بايرام» قىلىۋالغۇسى كەپ كەتكەن دوپپىنى قىرلاپ كىيىپ تۇرۇپ ئاڭلىتىدىغان بولۇپ ئۈلگە يارىتىشسا تېخىمۇ خۇرسەن بولماسلىققا، ئاپىرىن ئوقۇماسلىققا كىمنىڭ ھەددى!؟ مەدەنىيىتىمىزنى سالاپەتلىك كىيىنىش بىلەن تونۇشتۇرغاچ دەرت-مۇسىبەتلەرنى ئاڭلاتسا نېمىشقا خۇش بولمىغۇدەكمىز؟! بۇنداق قىلماي شىم-كاستۇم بىلەن پوزۇر كىينىپ بارسىمۇ كېرەك يوق، ئەلۋەتتە.

دېمەك دوپپىمىز شۇقەدەر ئېسىل بىر مەدەنىي كىيىمىمىز بولغان تەقدىردىمۇ بۇنىڭغا مىللىي «بايرام» لىق سالاھىيەت تاقاش يەنە ئاساسسىز بىر ئىش. بۇ ئىككى مەسىلىنى، ئىككى پەرقلىق نۇقتىئىنەزەرنى پەرقلەندۈرەلىگۈدەك كاللا بولمىسا، ئامال يوق. ئەگەر ئاڭقىرىغىدەك كاللا تۇرۇپ، بايرام تېمىسىنى مۇلاھىزە قىلىۋاتسا، ئۇخلاپ قوپقانچە چىقىپ «مەدەنىيەتكە جەڭ ئېلان قىلدى» دەپ قوپۇشقان بولسا (كىيىنىشى قانچىلىك زامانىۋى بولۇپ كەتسۇن) بۇ شۇنداقلارنىڭ ئەقلىنىڭ تېيىزلىكى، تەپەككۇردا تۆۋەن، پىكىردە ئىپتىدائىي ئىكەنلىكىنى كۆرسىتىدۇ. نەچچە تىلنى بىلىش باشقا گەپ، تەپەككۇر، بىلىم، دىت باشقا گەپ. ئەگەر بايراملىق دەۋاسىغا بېرىلگەن تەنقىدنى شەخسىيىتىگە ئېلىۋېلىشقان بولسا، بۇ ئۇلارنىڭ چۈشەنچە جەھەتتە سىزدەك زورۇققاق شارىھلاردىن پەرقسىزلىكىنىڭ ئىپادىسى. يەنە شۇنىڭدەك ئەگەر بىر قىسىم نوپۇز قۇيرۇقلىرىمۇ ھاياجانلىنىپ كېتىپ بۇ مەسىلىنى تەھلىل ۋە تەنقىد تارازىسىغا سېلىشنى مىللىي مەدەنىيەتنى ئۆچ كۆرۈش، نىفاق، خائىن دېگەن قالپاققا ئاپىرىشقان بولسا، بۇمۇ ئۇلارنىڭ پىكىرگە پىكىر بىلەن جاۋاب بېرىشتىن ئاجىز كەلگەندە دىنىدىن پۇتاق چىقىرىدىغان ھېلىقىدەك مەجرۇھ دىنداردىن پەرقى قالمىغانلىقىنى ئاشكارىلىغان، زىيالىي دەيدىغان ئاتاقنىڭ ھەققىنى بېرەلمىگەندىن سىرت ئۇچىغا چىققان كالۋا ئىكەنلىكلىرىنى بازارغا سېلىشقان بولىدۇ. گەپ تامام. – بۇرھان مۇھەممەد


مەنبە: «ئويغاقلار دۇنياسىدا− بۇرھان» سەھىپىسى


Yorumlar

Bu blogdaki popüler yayınlar

ئوڭيۈزلۈك سەلتەنەتدارلىقتىن قوڭيۈزلۈك سىياسەت قۇربانلىقىغىچە

ئاينىغان سىياسەتچىلىكتە رەڭ تۈزمىگەن «ئۆلىمالىق»