ئاينىغان سىياسەتچىلىكتە رەڭ تۈزمىگەن «ئۆلىمالىق»
ئىلاۋە: پىتنە ماركىسى ۋە سۈكۈتۋاز «ئۆلىمالىق»
ئۆلىماسى خەلقىنى توغرا يول تېپىشقا دەۋەت قىلىدىغان زاماندىن، ئۆلىمانى توغرا يولنى تېپىشقا دەۋەت قىلىدىغان زامانغا كېلىپ قېلىشىمىز پاجىئەيىمىزنىڭ بۈيۈكلىكىنىڭ ئىپادىلىرىدىندۇر. نۆۋەتتە رەڭ تۈزمەيۋاتقان، پاقىچىلاپ يېتىۋېلىش ھۈنىرى ئارقىلىق دۈم بولۇۋالغانچە ئۆرۈلگۈسى كەلمەيۋاتقان، قىسقىسى ياغمۇ ئەمەس، گۆشمۈ ئەمەس بەلكى چايناپ سالغان ھامان تۈكۈرۈپ تاشلاشقا تېگىشلىك بەزگە ئايلىنىۋالغان بۇ سۈكۈتچىلىك ھادىسىسىنىڭ خاراكتېرى بارغانچە ئالماقچى بولغان ئەرگە رازىلىقىنى بىلدۈرۈشكە ئىشلىتىدىغان سۈكۈتكە ئوخشاپ بارماقتا. «پىتنە» ماركىلىق چۈمبەلگە ئورىنىپ سەپسەتىدىن پەرەنجە تىكىپ كېيىۋېلىش بىلەن ئۆزلىرىنىڭ خاراكتېرسىزلاشقان ۋە ئىچى سېسىغان ئەپتى - بەشىرىسىنى يۇشۇرۇشقا ئۇرۇنۇش، بۇنىڭ كار قىلمايۋاتقانلىقىنى سەزمەي قوڭغىراق ئوغرىسىدەك تىپىرلاپ يۈرۈش جاھالەتكە پېتىشتىن باشقا ئىش ئەمەس. ھەق ئاشكارا بولۇپ باتىلنىڭ ئەپتى - بەشىرىسى ئېچىلىۋاتقان پەيتلەردىمۇ بۇنداق ياسالما موللىلىقنى بازارغا سېلىشلار خەلقنىڭ لەنىتىگە ئۇچراشقا تېگىشلىك تائىپىلەر قاتارىدىكى نۆۋىتىنى ئالدىغا سۈرۈپ بېرىشتىن باشقا يارىمايدۇ. بۇنى داۋام قىلىۋاتقانلار چۆچۈرىنى خام ساناشنى بەس قىلىپ ۋاقتىدا كاللىسىنى سىلكىشى، يىللاردىن ئىجارىگە قويغان ئەقلىنىڭ كىرا مۇددىتىنىڭ توشۇپ بولغانلىقىنى، خەلقتىن كېيىن ئويغىنىشتەك ئەبگا خۇينى تاشلاشنىڭ ۋاقتى كېلىپ ئۆتۈپ كېتىۋاتقانلىقىنى ئاڭقىرىپ يېتىشلىرى زۆرۈر. تۆۋەندىكى ماقالىدە دېيىلىۋاتقانلار خاراكتېرسىزلەشكەن بۇ تائىپىغا ئۇنتۇغانلىرىنى سەمىگە سېلىش ۋە ئۆلىمالىق رولىنىڭ نېمىلىكىنى يادىغا ئالدۇرۇش ۋە بۈگۈنكى ئاتالمىش «قايمۇقۇش دەۋرى»دە ئۆلىمانىڭ رولىنىڭ قانداق بولۇشى كېرەكلىكى، راستتىنلا پىتنە يۈز بەردى دېگەندىمۇ پىتنىنى پىتنە دەپ قاراپ ئولتۇرۇشنىڭ ئۆلىمانىڭ ئىشى ئەمەسلىكى قاتارلىق نۇقتىلار نۆۋەتتىكى ۋەزىيەتنىڭ رېئاللىقلىرىنى ئەكىس ئەتتۈرگەن ئاساستا بايان قىلىپ ئۆتۈلگەن. ئەلۋەتتە بۈگۈنكى بۇ توپقا كاتتىباش كۆرۈنۈۋاتقانلار ئىلمىي ساپادا نەقەدەر ئىپتىدائىيلىشىپ كەتكەنلىكىنى، زېھنىيەت ۋە خاراكتېردە نەقەدەر چىرىكلىشىپ كەتكەنلىكىنى، ئاڭ - سەۋىيىسىنىڭ نەقەدەر «ئىندىجىنىس»لىشىپ كەتكەنلىكىنى ئورتاغا تۆكۈپ تۇرۇۋاتقان بولسىمۇ، بىزنىڭ مەسىلىگە بولغان توتۇمىز قۇرئانىي ئۆلچەمگە ئۇيغۇن ھالدا «ليسوا سواء»دۇر. يەنى ھەممىنىڭ بىر تاياقتا ھەيدەلمەسلىكىنى، يەنىلا ئىلىمنىڭ، ۋىجداننىڭ مەسئۇلىيىتىنى ئادا قىلىپ ھەققانىي ئاۋازنى چىقىرىشقا جۈرئەت قىلالايدىغانلارنىڭ بارلىقىنى دىققەتكە ئېلىشتۇر. بۇ توپقا دائىر تەنقىدىي مۇلاھىزىلەرنى ئۈزۈلدۈرمەسلىك رىغبىتى بولسا، «ئۈممەتنىڭ كوللېكتىپ ھالدا خاتالىق ئۈستىگە بىرلىك قۇرمايدىغان»لىق پىرىنسىپىغا ئىشىنىشتىن، مەزكۇر توپنىڭ لاياقەتسىزلىكى ھەقىقىي ئۆلىما مودېلىغا، رەببانىي ئۆلىمالارنىڭ ئوبرازىغا دەخلى تەرۈز قىلالمايدىغانلىقىغا ئىشەنچ قىلىشتىن، بۇ مىللەتتە «قالپاققا تۇشلۇق قىرغىز» توپىنىڭ ئۈزۈلۈپ قالمايدىغانلىقىغا بولغان ئۈمىدتىن كەلگەندۇر.
================================
ئاينىغان سىياسەتچىلىكتە رەڭ تۈزمىگەن «ئۆلىمالىق»
ھەر نەرسىنىڭ خاراكتېرى ۋە تەبىئىتى بولغىنىدەك، ئىلىمنىڭ ۋە ئىلىم ئەھلىلىرىنىڭمۇ ئۆزگىدىن پەرقلىنىپ تۇرىدىغان خاراكتېرى ۋە تەبىئىتى بولىدۇ. ئىلىمدارلىق ئۆز نۆۋىتىدە مەسئۇلىيەتدارلىقتۇر. مەسئۇلىيەت تۇيغۇسىنى يوقاتقان ئىلىمدارلىق بولسا، خاراكتېرىنى يوقاتقان ئىلىمدارلىقتۇر. خاراكتېرسىزلىكنى بۇ نۇقتىدىن كۆزەتكەندە، شەيئىنىڭ ياكى شەخسنىڭ ئۆز تەبىئىتىگە ياتلىشىشى، خىزمەت فۇنكسىيەسىنى يوقىتىشى، تۇتۇمسىزلىشىشى دەپ قاراشقا بولىدۇ. بۇ جەھەتتىن خاراكتېرسىزلىكنى كەلتۈرۈپ چىقىرىۋاتقان ئامىللارنى پەرقلەندۈرۈش مۇھىم. شۇنداقلا خاراكتېرسىزلىككە يول ئېچىۋاتقان ئىدىيەۋى ئارقا كۆرۈنۈشلەرگە، مەسىلىلەرگە تۇتۇلۇۋاتقان تۇتۇم ۋە مەۋقەنى تەمىنلەۋاتقان ھەمدە خاراكتېرسىزلىكنى ئەقىلگە، ۋىجدانغا راۋا كۆرسىتىىۋاتقان زېھنىيەتكە قاراپ چىقىشمۇ مۇھىم.
ئۆلىمالىق ئىلىمدارلىقنى ئاساس قىلىپ شەكىللەنگەن، شۇنداقلا ئاللاھ ۋە رەسۇلىنىڭ دەۋاسىنى، مۇنداقچە ئېيتقاندا سۇتۇق بۇغرادىن ئابدۇقادىر داموللام ۋە ئۇندىن كېيىنكى زامانلارغا قەدەر ئۈزۈلمەي كەلگەن ئالىم - ئۆلىمالار تەبىقىسىنىڭ ئىدىيەۋى ئىسلاھات ۋە نىھائىي غايىلىرىدىن بىرى بولغان «كەلىمەتۇللاھنى ئۈستۈن قىلىش» شۇئۇرىنى بەرپا قىلىشنى، ھەق دىننى ساپ ھالىتىدە يەتكۈزۈشنى بۇرچ قىلغان، قۇرئان ۋە سۈننەت روھىنى ساغلام تەرىقىدە يەتكۈزۈپ تېڭىرقاشنى ئېنىقلىققا، ناتوغرىلىقنى توغرىلىققا يېتەكلەش ۋەزىپىسى يۈكلەنگەن، شەرەپلىك مەسئۇلىيەت ۋە ئامانەتدارلىققا ساھىب كىشىلىك، رەببانىي ئىستىلغا ئىگە ۋە ئىلمىي ساپاغا تويۇنغان دىنىي ئوبرازدۇر. مەسئۇلىيەت كىشىلىك جەھەتتىن يەككە مەسئۇلىيەتكارلىق بولسا، كوللېكتىپ جەھەتتىن ئومۇمىي مەسئۇلىيەتكارلىقتۇر. شۇڭا ئۆلىمالىق مەسئۇلىيەت ھەققىدە توختالغان ۋاقىتتا، «ئۆلىمالىق» قالپىقىنى تەشكىلىي سۈپىتىدە كۆتۈرۈپ يۈرگەن جامائە ئۈچۈن كوللېكتىپ مەسئۇلىيەتكارلىق ئالدىنقى ئورۇندىدۇر. مەلۇم بولغىنىدەك، شەخسنىڭ تۇتۇمى شەخسنىڭ ۋىجدانىغا ۋەكىللىك قىلسا، كوللېكتىپنىڭ تۇتۇمىمۇ كوللېكتىپقا، كوللېكتىپنىڭ ۋىجدانغا ۋەكىللىك قىلىدۇ. بۇ جەھەتتىن مىللەتنىڭ سەركە تەبىقىسىدە بوي كۆرسىتىپ كېلىۋاتقان ھەر ساھە بىرلىك ۋە تەشكىلى ئورگان، ھەمدە ئىجتىمائىي توپلارنىڭ كوللېكتىپ ئىنكاسى، مەيدان - مەۋقەسى، ھەق ۋە ناھەقچىلىكلەردە تۇتقان ۋە ئىپادىلىگەن پوزىتسىيەسى مەسئۇلىيەتچانلىق ياكى مەسئۇلىيەتسىزلىك نۇقتىسىدىن، ئاينىش ياكى بۇرۇلۇپ كەتكەنلىك نۇقتىسىدىن دىققەتكە سازاۋەردۇر. چۈنكى مىللىي دەۋانىڭ ئوبرازى بۇلغىنىۋاتقان، مىللىي ئىرادىنى بۇلغاپ كېلىشتە ئاكتىپ رول ئويناپ كېلىۋاتقان تىپلارنىڭ قايمۇقتۇرۇشلىرى ئەتراپنى قاپلىغان ۋاقىتلاردا ئالىم - ئۆلىما توپنىڭ قايمۇقتۇرۇشلارغا قارشى يەككە ۋە كوللېكتىپ شەكىلدە قايمۇقتۇرۇشلارغا قارشى سۈكۈتتە تۇرغان ياكى تۇرمىغانلىقى، كوللېكتىپ مەسئۇلىيەتنى ئادا قىلغان ياكى قىلمىغانلىقى، كوللېكتىپ ۋىجداننىڭ ھەققانىي ئاۋازى بولالىغان ياكى بولالمىغانلىقى مۇھىم ئورۇندا. بولۇپمۇ ئالىم - ئۆلىما توپى دېگەن بۇ تەبىقە مۇئەييەن سىياسىي تەشكىل تۈسىدە مەيدانغا چىققان ۋاقتىدا يۈز بېرىۋاتقان سىياسىي سەتچىلىك ۋە سەپسەتىچلىكلەرگە قارىتا كوللېكتىپ پوزىتسىيە بىلدۈرۈشلىرى، ئورتاق ۋىجدان سۈپىتىدە ھەققانىي سادا كۆتۈرۈشى، سۈكۈتنى بۇزۇشى ئۇلارنىڭ ئۈستىدىكى ئىلمىي ۋە دىنىي مەجبۇرىيەت، ھەمدە سىياسىي ۋەزىپىلەردىندۇر. چۈنكى، بۇ تۈردىكى ھادىسىلەر مەۋجۇت ماقامدىكى ياكى ۋەزىيەتتىكى ئىجتىمائىي ۋە سىياسىي تەشكىلات ياكى توپلارغا نىسبەتەن تەشكىلىي بۇرچ ھېسابلانسا، ئالىم - ئۆلىمالار توپى ئۈچۈن، بولۇپمۇ سەھنىگە سىياسىي تەشكىل سۈپىتىدە «ئۆلىمالىق» ئاتىقىنى كۆتۈرۈپ چىقىۋاتقان توپ ئۈچۈن باش تارتىپ بولماس ئىسلامىي بۇرچتۇر. ئەگەر ئوتتۇرىدا مىللەتنىڭ يۈزىگە داغ چۈشۈرىدىغان سەتچىلىكلەر نورمال قارىلىشى ئۈچۈن ئويۇن ئوينىلىۋاتقان بولسا، بۇ ئويۇننى پاش قىلىش، سۈكۈت قىلىش ياكى تەڭكەش قىلىپ بېرىش مەيدانغا كېلىۋاتقان بولسا، بۇنىڭ خىيانەتكە بېرىپ ياتىدىغانلىقىنى كۆرسىتىپ ئورتاق ئاۋاز چىقىرىش ئەڭ ئالدى بىلەن «ئۆلىما» توپىنىڭ زىممىسىگە چۈشىدۇ.
بۈگۈنكىدەك شەرقىي تۈركىستان خەلقىنىڭ سىياسىي دەۋاسى ۋە مىللىي غايىسى ئىككى پۇللۇق ماتا سەۋىيەسىگە چۈشۈرۈلۈۋاتقاندا، خەلقى ئالەم ئالدىدا ئوچۇق - ئاشكارا قارىتىپ قويۇپ، قاپيۈرەكلەرچە ئۇيغۇر خەلقىنىڭ ۋەكىللىرى نامىدا چىقىۋېلىپ مىللەتنىڭ ئىرادىسى ۋە غايىسى، ھەمدە سىياسىي پىرىنسىپلىرى ئويۇن ئورنىدا خالىغانچە پايخان قىلىنىۋاتقاندا، ئۈستىلەپ بۇ خىل قىلمىشلار «غەلىبە» تۈسىدە جاكارلىنىپ، مىللەتنى ئەخمەق چاغلاش دەرىجىسىدىكى ھەر تۈرلۈك ئەۋرىشىملىك، سەپسەتىچىلىك باش كۆتۈرۈۋاتقاندا سۈكۈت قىلىپ ئېغىزنى چڭ يۇمۇپ ئولتۇرۇۋېلىش ياكى بىر چەتتە تۇرۇپ كۆزىتىۋاتقان بولۇۋېلىش ھېچبىر ئەخلاقىي قائىدىگە، ۋىجدانىي تۇتۇمغا توغرا كەلمەيدۇ. دەرۋەقە، مىللەتنىڭ ئىستىقبالى تۇيۇق يولغا، دەۋا يولى بولسا، خالتا كوچىغا باشلاپ قويۇلۇۋاتقاندا، ئىدىيەۋى پىرىنسىپلىرى دۇغلاشتۇرۇشقا قاراپ كېتىۋاتقاندا، تەرەپ - تەرەپتىن ئىدىيەۋى دۇغلاشتۇرۇش كومپانىيەلىرى قايناپ كېتىۋاتقاندا، بۇنىڭغا قارىتا جىددىي ئاقارتىش ئېلىپ بېرىش، كۆرۈلۈۋاتقان بۇزغۇنچىلىقلارغا قارىتا ئىسلاھات ۋە تۈزەش يولى ھەققىدە باش قاتۇرۇش، بازار تاپقۇزۇلۇۋاتقان خىيانەتلىك تۇتۇملارنى ۋاقتىدا پاش قىلىپ خەلقنى خاتا يېتەكلەشلەرگە رام بولۇپ كېتىشىنىڭ ئالدىنى ئېلىش ۋە بۇلارغا قارشى مىللەتنى ئاگاھلاندۇرۇش ھەمدە توغرا تۇتۇمنىڭ قانداق بولىدىغانلىقى خۇسۇسىدا ئۆزلىرى بىۋاسىتە ئىلىم ۋە ئەمەل جەھەتتىن ئۈلگە بولۇش قاتارلىقلار ئەمەلىيەتتە مىللەتنىڭ ھەقىقىي ئالىم - ئۆلىمالىرىنىڭ ۋەزىپىسى، شۇنداقلا ئۆلىما تەبىقىسىنىڭ يەككە ۋە كوللېكتىپ ھالدىكى سالاھىيەتلىرىدىن ھەققانىي سادا چىقىشى كۈتۈلىدىغان رېئال تەقەززالار جۈملىسىدىندۇر. ناۋادا ئىش ئۆزىنىڭ تەبىئىي تەلىپى ۋە تەقەززاسى بويىچە يۈرۈشمىسە، سىياسىي سەھنىدىكى «ئۆلىما» توپىنىڭ كوللېكتىپ ۋىجدانىدىن يۈز بېرىۋاتقان خىيانەتلىك سەتچىلىكلەرگە قارىتا ئۈن - سادا چىقمىسا، ئەكسىچە سۈكۈت لازىم تۇتۇلسا، ئۇ چاغدا بۇنى مىللەتنىڭ كېلەچەك ئىستىقبالىنىڭ ئوتقا تاشلىنىشىغا يول ئېچىلىۋاتقانلىقىنىڭ، خەتەرگە قارشى جىددىي سىگناللار چېلىنىۋاتقانلىقنىڭ ئىپادىسى دەپ ئېيتىش مۇمكىن. چۈنكى بۇنداق ئەھۋالنىڭ ئوتتۇرىغا چىقىشىدا مەسىلىگە ئىلىم ۋە پىرىنسىپ ئاساسىدا ئەمەس، جاھالەت ۋە پايدا - مەنپەئەت ئاساسىدا مۇئامىلە قىلىنىۋاتقانلىقى، ساغلام تۇتۇمنىڭ تەلىپىنى ۋە مىللىي ئىرادىنى مەركەز قىلىپ ئەمەس، داستىخاندارچىلىق ۋە تۆرەلمە سالاچىلىقنى مەركەزگە ئېلىپ مۇئامىلە قىلىۋاتقانلىقى مۇئەييەنلىشىدۇ. شۇنداقلا بۇ «ئالىم - ئۆلىما» ئاتىقىنى كىيىپ يۈرۈۋاتقان توپنىڭ ئىسلامنىڭ ئەڭ خاس ۋە ئەڭ گەۋدىلىك ئىمانىي ۋە سىياسىي پىرىنسىپلىرىدىن بىرى بولغان «تەۋەللا ۋە تەبەررا» ئىدىيەسىدىن (1) ئاللىقاچان قېيىپ كېتىپ بولغانلىقنىمۇ كۆرسىتىدۇ. بۇ يەنە ئۆز نۆۋىتىدە مەسىلىگە قۇرئان ۋە سۈننەتنى ئۈلگە قىلىپ مۇئامىلە قىلماستىن، بەلكى ئۆلىما ئوبرازىنى ھەر تۈرلۈك خامېلېئونلىقلىرى بىلەن بۇلغاۋاتقان زامانىمىزدىكى خائىن موللىلاردىن سابىق مىسىر مۇپتىسى ئەلى جۈمەدەك مۇئەييەن ئىستىخباراتنىڭ ئارقا چىقىشى بىلەن قۇرۇلغان دۆلەت ئاپپاراتلىرى ئۈچۈن دىن ساتارلىق قىلىدىغان تىپلارنى ئۆرنەك قىلىۋاتقانلىقنى، ئەلئەرىفىي، ئەمر خالىد ياكى ئائىز ئەلقەرنىيلەرگە ئوخشاش مۇئەييەن سىياسىي ئاپپارات ياكى تەشكىلنىڭ مەنپەئەتىنى ئاساس قىلىپ ۋەز ئوقۇيدىغان دەرنەك ياكى پارتىيە «موللىچىلىقى» قىلىپ جان ساقلاپ ئۆتۈۋاتقان ساقلاندى موللىلارنى ئۆرنەك قىلىۋاتقانلىقنىمۇ كۆرسىتىدۇ.
ئەگەر مۇئەييەن بىر توپ ئۆزلىرىنى مىللەتنىڭ ئالىم - ئۆلىماسى دېگەن ئىددىئادا يۈرۈۋاتقان، سىياسىيغا ئارىلىشىپ كېلىۋاتقانلىقى بىلەن تونۇلۇۋاتقان ۋە مۇئەييەن بىر دىنىي تەشكىلاتنى بازا قىلىپ سەھنىدە يۈرۈۋاتقان بولسا، بۇنداق بىر توپتا قۇرئان ۋە سۈننەتنى مەنبە قىلغان تەۋەللا ۋە تەبەررا ئىدىيەسىنىڭ بولۇشى مۇقەررەر. ئۇنداقتا، خىتاي ئىچىدىكى گۇرۇھلار بىلەن ئاپاق - چاپاق يۈرۈشلەرگە، ئۇلار بىلەن سىياسىي لەپەر ئويناپ مەيدانمۇمەيدان ئويۇن قويۇشلارغا، ھەمدە بۇنى «مۇۋەپپەقىيەت» دەپ جار سېلىپ مۇغەمبەرلىك قىلىۋاتقان بىر قىسىم سىياسىي تەشكىلاتلارنىڭ رەزالىتى ۋە سەتچىلىكلىرىگە قارىتا ھەققانىي پوزىتسىيە بىلدۈرۈشى، ھەققانىي تۇتۇمدا بولۇشتا باشلامچى بولۇشلىرى مەزكۇر ئالىم - ئۆلىمالىق سالاھىيەت كۆتۈرۈپ يۈرگۈچىلەر ئۈچۈن مەسئۇلىيەت ۋە بۇرۇچ مەسىلىسىدۇر. يەنە كېلىپ ئۆلىمالىقنى سىياسىي تەشكىلاتقا ئايلاندۇرۇپ سىياسىي تۇتۇملىرى بىلەن تەشۋىقات ۋە سىياسىي سەھنىنى ئىگىلەپ تۇرۇۋاتقان، ھەر تۈرلۈك سىياسىيغا چېتىشلىق مەسىلىلەردە تەشكىلىي تۇتۇملىرىنى، رازىلىق ياكى نارازىلىقلىرىنى باياناتلىرىغا قوشۇپ ئېلان قىلىش بىلەن كۆزگە كۆرۈنۈۋاتقان بىر توپ ئۈچۈن مىللەتكە ئۆزىنىڭ مۇستەقىل پىكرىنى ۋە تۇتۇمىنى ۋاقتىدا ئىپادىلىشى، بولۇۋاتقان سىياسىي سەتچىلىكلەرگە توغرا ۋە ھەققانىي بولغان سىياسىي مەيداننىڭ قانداق بولىدىغانلىقىنى كۆرسىتىپ ئۈلگە بولۇشى ۋە مەسىلىگە توغرا تۇتۇم بىلەن مۇئامىلە قىلىش كېرەكلىكىگە دائىر ئوچۇقلىما بېرىشى دىنىي ۋە سىياسىي زۆرۈرىيەتلەردىندۇر.
ناۋادا بۇنداق بىر توپ سىياسىي تەشكىلات تۈسىنى ئالغانلىقى بىلەن، شۇنداقلا سىياسىي مەيدان ۋە يېتەكچىلىكتە مىللەتكە «ئۆلىمالىق» قىلىۋاتقانلىقى بىلەن ئوتتۇرىغا چىقمىغان ياكى شۇنداق دەپ تونۇلمىغان تەقدىردىمۇ، ئەلۋەتتە ئىسلامنىڭ «تەۋەللا – تەبەررا» ئىدىيەسى نۇقتىسىدىن ئۆلىمالار قوشۇنىنىڭ تەرەپبازلىقتىن يۇلقۇنغان ھالدا سۈكۈتنى، تەرەپسىزلىكنى بۇزۇشى، ھەقنى سۆزلىشى ۋە ھەق تەرەپنى مەۋقە قىلىش كېرەكلىكى خۇسۇسىدا ئىپادە بىلدۈرۈشى ئۇلارنىڭ ئۈستىدىكى مەسئۇلىيىتى ۋە دىنىي ۋەزىپىلىرىدىندۇر. چۈنكى ئىسلامدا ئۆلىمالارلا ئەمەس، ھەرقانداق بىر مۇسۇلماننىڭ توغرا بىلەن خاتا، ھەق بىلەن ناھەق، ھەقىقەت بىلەن سەپسەتە توقۇنۇشىدا بىتەرەپ تۇرۇشى ياكى سۈكۈتنى لازىم تۇتۇشى جائىز ئەمەس. مىللىي دەۋادىن ئىبارەت ئۇلۇغۋار يولنىڭ زىيانغا ئۇچرىشىغا ئوخشاش ناخۇش ھادىسىلەر، بولۇپمۇ سىياسىي دەۋانى سودىغا ئايلاندۇرۇشلار پاش بولۇۋاتقاندا سەپسەتىچىلىكنىڭ يوشۇرۇلۇشىغا، كۆز يۇمۇپ ئۆتكۈزۈۋېتىلىشىگە قاراپ تۇرۇش مۇسۇلمانلىققىمۇ توغرا كەلمەيدۇ. چۈنكى مۇسۇلمان بىتەرەپتە قالغۇچى ئەمەس، بەلكى ھەر دائىم ھەق ئۈستىدە تۇرغۇچى ۋە ھەقلىقنىڭ تەرىپىنى مۇداپىئە قىلغۇچىدۇر. سەھىھ ھەدىسلەردە «بۇرادىرىڭ زالىم بولسىمۇ، مەزلۇم بولسىمۇ چوقۇم ياردىمىڭ بولسۇن!» دەپ كۆرسىتىلگەن. بۇ دېگەنلىك قارشىڭدىكى زالىم بولسا ھاي دېگىن، كۈچۈڭ يەتسە قولۇڭدا، قىلالمىساڭ سۆزۈڭدە، ئۇنىمۇ قىلالمىساڭ قەلبىڭدە قارشىلىقىڭنى كۆرسەت ياكى نەپرىتىڭنى بىلدۈركى، ئەسلا بىتەرەپتە تۇرغۇچى، كۆرمەسكە سالغۇچى بولما دېگەنلىكتۇر. قارشىڭدىكى مەزلۇم بولسا، ئەلۋەتتە ئۇنىڭغىمۇ ئوخشاش مەۋقەدە قاراپ تۇرماكى زالىم ھەققىدىمۇ، مەزلۇم ھەققىدىمۇ «زۇلۇم»غا دائىر سېنىڭ مەيدانىڭدا سۈكۈت ياكى تەرەپسىزلىك سادىر بولمىسۇن، قىلالىغىنىڭنى قىلالىغانچە، ئىپادەڭنىمۇ ئىپادىلىيەلىگەنچە مەيدانىڭنى ئېنىق قىل دېگەنلىكتۇر.
قۇرئاننىڭ بۇ خۇسۇستىكى مەۋقەسىگە كەلسەك، قۇرئان كەرىمنىڭ ئىنسانغا بېغىشلايدىغان، بەخش ئېتىدىغان ئەڭ قىممەتلىك خۇلۇقلاردىن بىرى ئادىمىيلىك خاراكتېر ۋە ھەققانىي تۇتۇمدۇر. يەنى قۇرئان ئەقلىي ۋە روھىي جەھەتتىن ئىنسان ۋۇجۇدىغا ئۆزىگە خاس خاراكتېر ئاتا قىلىش بىلەن گەۋدىلەنگەن. قانداقتۇر بىر قىسىم پەلسەپەۋى ياكى ئىدىيەۋى ئېقىملاردەك ئىنساننى ئاگنوستېتلاشتۇرۇش، ياكى خاراكتېرسىزلەشتۈرۈش بىلەن ئەمەس. ئەگەر مۇسۇلماندا قۇرئان روھىغا ئۇيغۇن خاراكتېر يېتىلمىسە، بۇ مەزكۇر مۇسۇلماننىڭ قۇرئان بىلەن بولغان مۇناسىۋىتىنىڭ توغرا ماڭماي كەلگەنلىكىنى كۆرسىتىدۇ. قۇرئان يەنە ئىسلام ئۈممىتىنى شاھىت ئۈممەت، ۋەسەتىي، يەنى ئادىل ۋە ھەققانىي ئۈممەت (2)، خەيرلىك ئۈممەت، ئەمرى مەئرۇپ ۋە نەھيى مۇنكەردە ئۆرنەك ئۈممەت(3) دەپ تەسۋىرلەيدۇ.
دەرۋەقە، مۇسۇلماندىن شەخس سۈپىتىدە بىتەرەپلىكنى تۇتقۇچى مەيدانسىزلار چېقىپ تۇرۇشى مۇمكىن. لېكىن كوللېكتىپ سۈپىتىدە، مىللەت سۈپىتىدە، جامائەت سۈپىتىدە سەپسەتە ئۈستىگە بىرلىككە كېلىش، ياكى سۈكۈتنى بۇزماي جىم تۇرۇۋېلىش يولىنى تاللاش يۈز بەرمەيدۇ. تەرەپسىزلىكتىن ئىبارەت ھەقىقەتكە داغ چۈشۈرۈش يولىنى مەيدانى ۋە مەۋقەسى قىلىپ بېكىتمەيدۇ. چۈنكى كوللېكتىپ شەكلىدە تۇتۇمسىزلىق، سەپسەتە ئالدىدا مەيدانسىزلىق قىلىش شۇ كوللېكتىپنى ئۈممەتلىك كاتېگورىيەسىدىن چىقىرىشنى كەلتۈرۈپ چىقىرىدۇ، قۇرئان تەسۋىرىدىكى ئۈممەتلىك سالاھىيەتكە لاياقىتى توشمىغانلىقنى ئىسپاتلايدۇ.
قۇرئان كەرىم يەنە تەرەپلەر ئارا تۇتۇشۇش بولغاندا ئىسلاھ يولىنى تۇتۇشقا بۇيرۇپلا قالماي «ئەقسىتۇ (أقسطوا)»(4) ، يەنى لىللا تۇرۇڭلار دەپ ئەمرى قىلىدۇ. مەلۇم بولغىنىدەك، تىلىمىزدىكى «لىللا» سۆزىنىڭ ئەسلى ئېتىمولوگىيەسى «لىللاھ» بولۇپ، لىللاھ بولماق ئۇقۇمىغا كەلىمىنىڭ سۆزلۈكتىكى ئورنى ۋە مەنە قاراتمىلىقى ئېتىبارى بىلەن ھەققانىيلىقنى ئاساس قىلىشتا «ئاللاھ ئۈچۈن» بولۇشنى پىرىنسىپ قىلىش، بەندىلەرنىڭ رىزاسىنى ئەمەس، ئاللاھ رىزاسىنى كۆزلەش، بەندىلەرنىڭ پراگماتىستىك ئادالىتىنى ئەمەس، ئاللاھ يولغا قويغان ئىلاھىي ئادالەتنى قوغلىشىش ۋە ئاللاھ رازى بولىدىغان ئادىللىقنى مەركەزگە ئېلىش قاتارلىق ئەخلاقىي تۇتۇم ۋە ئۇلۇغۋار مەنىلەر يۇغۇرۇلۇپ كەتكەن.
قۇرئان كەرىمنىڭ ئەڭ ئېغىر ئالىدىغان ۋە ماداراسىز كەسكىن رەۋىشتە تەنقىد ئېلىپ بارغان ئوبيېكتلاردىن بىرى بەزمۇ ئەمەس، گۆشمۇ ئەمەس ئارىدا قالغان ۋە قېلىپ ياشاشنى تاللىغان، رەڭ تۈزمىگەن تىپلاردۇر. ئىخچام قىلىپ ئېيتقاندا، قۇرئانىي تىلدا بۇنداق تىپلار (مۇزەبزەبلىك) تىن قۇتۇلالمىغان تىپلاردۇر(5). چۈنكى بۇ خىل تەبىئەت ئىگىلىرىنىڭ تۇتۇمى ۋە قىلمىشلىرى قۇرئانىي نۇقتىدىن كۆزىتىلگەندە ئاددىي بولغاندا سەمىمىيەتسىزلىككە، يۇقىرى بولغاندا مۇناپىقلىققا ئېلىپ بارىدۇ. سەپسەتە ئالدىدا ھەققانىي تەرەپلىكنى كۆرسىتەلمىگەنلىكنىڭ بەدىلىمۇ ئېغىر بولغاندا ئەسفەلە سافىلىنغا، (ئەڭ ئاستىنقى دوزاخقا) مەھكۇم قىلىنىش بىلەن تۇرىدىغان يېرى ۋە ماكان تۇتىدىغان تەرىپى مۇقىملىنىدۇ.
قۇرئان يەنە مەلئۇنلۇق تامغىسىنى يېگەن كەچمىشتىكى يەھۇدىي ئۆلىمالاردىن ئۆرنەك بەرگەن بولۇپ، ئۇلارنىڭ لەنەتكە ھەقلىق بولۇشىدىكى سەۋەبلەرنى تىلغا ئالغاندا ئۇلاردا «مۇنكەرنى توسۇشتا بىر - بىرىگە ئاگاھ بولماسلىق»نى ئادەتكە ئايلاندۇرۇۋالغانلىقىنى ئىلگىرى سۈرىدۇ، ھەمدە ئىشىغا كەلمىگەندە تەرەپسىزچە سۈكۈت قىلىشنى كوللېكتىپلاشتۇرغان ۋە مۇنكەراتلارغا سۈكۈتنى بۇزۇشنىڭ مەنپەئەتلىرىگە تاقىشىدىغانلىقى پەملەنگەندە سۈكۈتۋاز بولۇۋالىدىغان ئۆلىمالىقنىڭ ئاللاھنىڭ لەنىتىگە تېگىشلىك ئىكەنلىكىگە ئىشارەت قىلىنغان(6). مۇپەسسىرلەر پېشۋاسى دەپ تونۇلغان، شۇنداقلا ئىسلامىيەت تارىخىدا بىردەك مۆتىۋەر تارىخشۇناس دەپ ھۆرمەتلىنىدىغان مەشھۇر ئالىم ئىمام تەبەرىي شۇنداق ئېيتىدۇ: «ئەگەر مۇسۇلمانلار ئارىسىدا ئىككى توپ بولۇپ ھەر چىققان ئىختىلاپتىن ئۈركۈش، بېكىنىۋېلىش كېرەك بولسا ئىدى، ھەق - ئادالەت بەرپا بولماي، باتىلنىڭ سەپسەتىسى مات بولماي ئۆتۈپ كەتكەن بولاتتى».
مەشھۇر ساھابىلەردىن ھۇزەيفە رەزىيەللاھۇ ئەنھۇ، يەنى تارىختا پەيغەمبەرنىڭ سىر كاتىپى، سىردىشى دەپ تونۇلغان مەشھۇر ھۇزەيفە، يەنى، پەيغەمبەردىن كېيىنكى خەلق ئىچىدە كىم مۇناپىق، كىم سەمىمىيەتسىز، كىم جاسۇس، كىم خائىن ھەممىنىڭ ئارخىپىنى پەيغەمبەردىن ئالغان بويىچە زېھنىگە نەقىشلىگەن ئۇ مەشھۇر ھۇزەيفەدىن ئۇنىڭ كەلگۈسىگە دائىر ئالدىن بېشارەتلەرگە مۇناسىۋەتلىك ھەدىسلەر بابىدا ئېيتقان مۇنداق بىر سۆزى نەقىل قىلىنىدۇ: «پىتنە زامانىدا ئەگەر سەن دىنىڭنى بىلىدىكەنسە، ئۇ پىتنە ساڭا زىيان قىلالمايدۇ. چۈنكى پىتنە دېگەن قاچان ھەقىقەت بىلەن سەپسەتىنى ئارىلاشتۇرۇپ قويغىنىڭدا ئوتتۇرىغا چىقىدۇ». سىر كاتىپى ھۇزەيفەنىڭ بۇ بېشارەت خاراكتېرلىك كۆرسەتمىسى شۇكى، ئىسلامىيەتنى توغرا چۈشەنگەن مەسىلىگە پىتنە مۇئامىلىسى قىلىپ بېكىنىپ يېتىۋالمايدۇ. بەلكى پىتنىگە تاقابىل تۇرىدۇ. چۈنكى ئىسلامنىڭ مىزان ۋە ئەركانلىرى، دىننىڭ ئىنسانغا ھەققانىي تۇتۇم ۋە خاراكتېر ئاتا قىلىشى كىشىگە نېمىنىڭ ھەق ۋە نېمىنىڭ سەپسەتىلىكىنى پەرق قىلىدىغان فىقھىي پاراسەت ۋە دىت ئاتا قىلىدۇ. سەپسەتىنى قويۇپ ھەققانىيلىقنى چىڭ تۇتقىنىدا ئۇنىڭ بېشىغا كەلگەن ھېچبىر نەرسە ماھىيەتتە ئۇنىڭ ئۈچۈن پىتنە بولمايدۇ ۋە مەسئۇلىيىتىنى ئورۇنداشتىن باش تارتمايدۇ. بېشىغا ھەرنېمە كەلسە ئاللاھتىن تېگىشلىك ئەجىر ئالىدۇ. بۇ جەھەتتىن مەسىلىلەرگە «پىتنە» تامغىسىنى قويۇپ سۈكۈت قىلىش ياكى كۆرمەسكە سېلىۋېلىش ۋە ياكى سۈكۈتنى ئەۋلا بىلىش ئۇ پىتنىنىڭ يارىلىشىغا ھەسسە قوشۇش بولىدۇكى، ئەسلا مەسىلىنى توغرا بىر تەرەپ قىلغانلىق جۈملىسىدىن بولمايدۇ.
بىز ھازىرقى زامان تارىخىدا پەلسەپە تارىخچىلىقى بىلەن تونۇلغان مەشھۇر ئەدىبلەردىن بىرتراند راسسىلغا ئوخشاش پەيلاسوپلارنىڭ بىتەرەپلىكنى قاتتىق ئەيىبلىگەنلىكىنى، پەيلاسوپ سارتېرىدەك مەۋجۇدىيەتچىلىك نەزەرىيەچىسىنىڭ «تەرەپسىزلىك ئەڭ چوڭ ئەخلاقسىزلىقتۇر» دېگىنىنى كۆردۇق. شۇنداقلا ئەسەرلىرىدىن بىرى تېخى بىر قانچە يىل بۇرۇن كۈنىمىزدە مەۋجۇت بولۇپ تۇرۇۋاتقان«ئۆلىمالار» توپىدىكى مەلۇم بىر قەلەمكەشنىڭ تەرجىمىسى بىلەن نەشردىن چىققان «1984» رومانىنىڭ ئاپتورى بولغان مەشھۇر سىياسىي ئەدىب جورج ئورۋېلنىڭ تەرەپسىزلىكنى قاتتىق ئەيىبلىگەنلىكىنى، بىتەرەپلىكنى تەرغىب قىلىشنىڭ ئۆزىلا ئەمەلىيەتتە، مەلۇم بىر تەرەپدارلىقنى چىقىش قىلىشتىن ئىكەنلىكىنى ئىلگىرى سۈرگەنلىكىنى كۆردۇق. بىز يەنە مىللىي غايىسىنىڭ پايخان قىلىنىشىغا قارشى ساغلام بولغان سىياسىي مەۋقەدە لىللا تۇرغان، مىللەت ئالدىدىكى سەمىمىيەتسىزلىكنى، سىياسىي سەتچىلىكلەرنى دادىل پاش قىلىپ سۈكۈتنى بۇزغان بىر بۆلۈك زىيالىيلىرىمىزنى، تەتقىقاتچىلىرىمىزنى كۆردۇق. شۇنداقلا سىياسىي مەۋقەسى مىللىي ئىرادىگە مۇخالىپ بولغانلىقى نۇقتىسىدىن ھەر تۈرلۈك ئالاقىسىنى ئۈزۈپ ھەققانىي مەيداندا تۇرغان، دەۋانىڭ ئىززەت - شەرىپىگە ئىگە چىقىۋاتقان بەزى غۇرۇرلۇق سىياسىي تەشكىلات ۋە سىياسەتچىلەرنىمۇ كۆردۇق. ئەمما دۇنيا قارىشىمىزنىڭ ئۇلى بولغان، مەدەنىيەت ئەندىزىمىزنىڭ مەنبە بۇلىقى بولغان ئىسلامنىڭ، قۇرئاننىڭ، سۈننەتنىڭ تىلىدىن ۋەز ئوقۇيدىغان توپتىنچۇ؟ ئەجەبا، ئۇلاردىنمۇ ھەققانىي سادا چىقىشى، مىللەتنى ھۇجۇم نىشانى قىلغان تاجاۋۇزچىلار تۈركۈمىدىكى تەشكىلات ۋە پائالىيەتچىلەرنىڭ ئويناۋاتقان ئويۇنلىرىغا، مىللەتكە قىلىۋاتقان ئاھانەتلىرىگە، سىياسىي سەتچىلىكلىرىگە قارىتا سۈكۈتنى بۇزۇشى، مىللەتكە ئۈلگە بولغىدەك بىرەر كوللېكتىپ ھەققانىي تەۋرىنىش، بىر لىللا مەۋقە، بىر تەنقىد ياكى نەزەرگە ئېلىنغۇدەك تەھلىل چاغلىق بىرەر ئوچۇقلىما بولسىمۇ كۆرۈلۈشى كېرەك ئەمەسمىدى؟!
يەنە قارايدىغان بولساق، تارىخىمىزدا ئالىم - ئۆلىمالىرىمىز مەۋقەسى ۋە مەيدانى بەدىلىگە ھەر تۈرلۈك مۇشەققەتنى، پېشكەللىكلەرنى كۆزگە ئالغان، ھەر تۈرلۈك خىيانەت ۋە سەپسەتە ئالدىدا مىللەتكە پىكرىي ۋە ئىمانىي مەۋقەدىن ئۈلگە بولۇپ كەلگەن. مەسىلىلەرگە ئۇرۇشتىن كېيىنكى سالاچى قەھرىمانلار سىياقىدا ئەمەس، دەل ۋاقتىدا ئوتتۇرىغا چىقىش ئارقىلىق مىللەتنىڭ ئەقلى ۋە كۆزى بولغان، ھەمدە تۈرلۈك شەكىلدىكى توقۇنۇشۇشلاردا مەسئۇلىيىتىنى ئادا قىلىشقا تىرىشقان ۋە زەبەردەست قەددىنى تىك تۇتۇپ تارىخ ياراتقاندۇر. ھالبۇكى بۈگۈنكىدەك تارىخىي بۇرۇلۇشلار بولۇۋاتقان، شۇنداقلا مىللەتنىڭ سىياسىي تەقدىرىنى ئۆزگەرتىشتە ئىدىيەۋى خاتالىقلاردىن سىياسىي ئازغۇنلۇققىچە، ئىدىيەۋى ئازغۇنلۇقتىن ياكى سىياسىي سەۋەنلىككىچە بولغان ھېچبىر نۇقتىدا خاتالىق ئۆتكۈزۈشكە، سەل قاراشقا قەتئىي بولمايدىغان سەزگۈر پەيتلەردە «ئۆلىما» ئاتلىق توپنىڭ ئۈنى قانداقتۇر بىر باھانىلەر بىلەن پۈتۈپ قېلىشى، ئۈن چىقىرالمايدىغان دەرىجىدە بوغۇلۇپ قېلىشى، مەيدان - مەۋقەدە كېچىكىشى، ھەتتا ئاغزىنىڭ ھورىنى بولسىمۇ ھەق ئۈچۈن سەرپ قىلىنغىنىنىڭ كۆرۈلمەسىلىكى بىنورماللىق ۋە مەسئۇلىيەتسىزلىكتۇر. ھەققانىي مەۋقە ۋە پوزىتسىيە تۇتۇمسىزلىقلىرىغا، تەۋەللا - تەبەررا سىنىقىدا ئۈنسىزلىكنى، سۈكۈتنى راۋا كۆرگۈچى ئۈچۈن خەلىپە ئۆمەر ئىبنى ئابدۇلئەزىزنىڭ داستىخانداشلىق بەدىلىگە مەي - شاراب سورۇنىغا داخىل بولغان، ئەمما ئۆزى مەي-شاراب ئىچمىسىمۇ شارابخورلۇققا شاھىت بولۇپ تۇرۇپ سۈكۈت قىلغان ۋە مەزكۇر داستىخانداشلىقتىن ۋاز كېچىپ قوپۇپ كېتىشتەك ئەقەللىي بىر ئىمانى مەۋقەنى بىلدۈرەلمىگەن كىشىگە تۇتقان مۇئامىلىسى ۋە مەيدانى ئۆرنەك بولغۇسىدۇر. خەلىپە ئۆمەرنىڭ داستىخان تۈزگۈچى ۋە ئىچەرمەنلەردىن ئاۋۋال ئىمانىي پىرىنسىپتا تۇتۇمسىزلىق سادىر قىلغۇچىغا كەسكىن بولغانلىقى، مۇنكەر ئىشقا قارىتا توغرا مەۋقە ۋە پوزىتسىيە بىلدۈرۈشتە تۇرۇپ كېتىشتەك ئەڭ ئەقەللىي ئىپادىنى كۆرسىتىشكىمۇ ئېرىنگەن كىشىنى ھەممىدىن ئاۋۋال جازاغا تارتقانلىقى، مەزكۇر كىشىنىڭ ئۆزىنىڭ شاراب ئىچمىگەنلىكىنى، ھەتتا ئۆزىنىڭ تەقۋادارلىقىنى پەش قىلىپ ئۆزىنىڭ روزىدار ئىكەنلىكىنى ئىددىئا قىلىشلىرىغا قارىماي ئۇنىڭغا: «سەنمۇ شۇلارنىڭ ھۆكمىدە بولىسەن»، دەپ جازا ھۆكۈم قىلغانلىقى قاتارلىق جەريانلار ئۆتكۈر ئەقىل ئىگىلىرى ئۈچۈن مەزكۇر ھېكمەتلىك تارىخنىڭ نەقەدەر چوڭقۇر ۋە كۆپ قىرلىق مەنىلەرگە ئىگە ئىكەنلىكىنى كۆرسىتىپ تۇرۇپتۇ.
خۇلاسە شۇ: «ئىسلامنىڭ تەۋەللا ۋە تەبەررا» پىرىنسىپى مەۋجۇت ئىكەن، سەپسەتە بازار تېپىۋاتقاندا، مىللەتنىڭ ئاڭ - ئىدىيەسى قوچۇشقا دۇچ كەلگىنىدە ئوتتۇرىدا تۇرۇۋالغانلىقنى ئەسلا ئوتتۇراھاللىق، لىللا يول تۇتقانلىق دېگىلى بولمايدۇ. ئەكسىچە ئوتتۇرىدا تۇرۇۋېلىشقا زورۇقۇش تۇرىدىغان يېرىنى ئېنىقسىزلەشتۈرمەك، مۇنداقچە ئېيتقاندا مۇزەبزەبلەشمەكتۇر. كۆرۈلۈۋاتقان مۇغەمبەرلىكلەرگە، يۈز بېرىۋاتقان سىياسىي سەتچىلىك ۋە قايمۇقتۇرۇشلارغا قارىتا ئىنجا چىقىرىش تۈگۈل، ئەكسىچە سۈكۈتنى بۇزالمايۋاتقانلىق، كېچىكىش، سىياسىي مەۋقە مەسىلىسىدە ئاڭ ۋە مەۋقەنى مىللەتكە تەكرار ئەسلىتىشتەك ئەقەللىي بولغان ھەققانىي تۇتۇمنى كۆرسىتىش ۋە لىللا ئىپادە بىلدۈرۈشلەردە سايىسىنىمۇ كۆرسەتمەسلىك بولسا، پاجىئە ئۈستىگە پاجىئەدۇر.
شۇ نۇقتا ئېنىق بولۇشى كېرەككى، مىللەت ئىرادىسىگە قارشى كۆز بويامچى تۇتۇم ھەمدە سىياسىي سەتچىلىكلەرگە قارىتا مەيدان ۋە مەۋقە بىلدۈرۈش خەلقتىن ئاۋۋال ئالدى بىلەن مىللەتنىڭ ئاڭلىق سىياسىي ئەقىلپەرۋەرلىرىنىڭ، سىياسىي سەرخىللار ھەمدە مەۋقەسى ساغلام كۆزەتكۈچىلەرنىڭ، رەببانىي ئالىم – ئۆلىمالار توپىنىڭ مەسئۇلىيىتىدۇر. شۇنىڭدەك بۇ خىل مەسئۇلىيەت ماقامى قانداقتۇر ۋەزىيەتكە قاراپ خامېلېئونلىشىش ماقامى ئەمەس، ياكى قانداقتۇر پەيتى ئۆتكەندە ئۇرۇشتىن كېيىنكى قەھرىمان بولۇشتا بەسلىشىش ماقامىمۇ ئەمەس. بەلكى بۇ زىممىدىكى مەسئۇلىيەتكە لايىقلىشىشتىن ئىبارەت ھەققانىي تۇتۇمدا بەسلىشىش، سۈكۈتنى بۇزۇش ماقامىدۇر. سۆرۈلۈشنى داۋام قىلىش ياكى سۈكۈتنى لازىم تۇتۇشنى ئەمەس، بەلكى دەل ۋاقتىدا مۇداخىلە قىلىشنى بىلىش، خەلقنى توغرىغا باشلاشتا ئۆرنەك بولۇش ۋە ئۆرنەك يارىتىش ماقامىدۇر. ئەگەردە «ئۆلىما توپى» بۇنىمۇ تونۇپ يەتمەستىن ياغلىق قاپاق مىسالى ئاتالمىش «پىتنە» تامغىسى بىلەن تېرە تاراقشىتىپ گەپ ئوينىتىشقا چۈشكىدەك، ياكى بولمىسا گويا ئۆزلىرىگە ھېچبىر مەسئۇلىيەت چۈشمەيدىغاندەك بولۇۋېلىشنى ۋە ياكى بىرىلىرىنىڭ قاش - قاپىقىغا بېقىپ سۈكۈت قىلىشنى لازىم تۇتقىدەك بولسا، بۇمۇ مەزكۇر توپنىڭ خاراكتېرسىزلەشكەنلىكىنى ئىسپاتلىغان، بۈگۈنكىدەك تارىخىي پەيتلەردىكى سىياسەت مەيدانلىرىدا ئۆزلىرىنىڭ پىكرىي ۋە تەشكىلىي جەھەتلەردە مۇستەقىل ئۆلىمالار توپى بولمايلا قالماستىن، پىراگماتىست سىياسەتچىلىكنىڭ «بېقىندىلىرى»غا ئايلىنىپ قالغانلىقلىرىنى ئىپادىلىگەن بولىدۇ. ئەگەردە بۇ خىل سۈكۈتنى داۋاملاشتۇرۇش يىللاردىن بېرىقى مەلۇم مۇناسىۋەت ياكى ئىجتىمائىي مۇناسىۋەتلەر تورىدىن كېلىدىغان مۇئەييەن مەنپەئەتنى كۆزلەشتىن كېلىپ چىقىۋاتقان بولسا، ئۇ چاغدا ئۆزلىرىنىڭ مەزكۇر سىياسىي داستىخاندارچىلىق مۇناسىۋەت ۋە زەنجىرسىمان ئالاقىداشلىقلىرىنى مىللىي غۇرۇردىنمۇ ئۈستۈن بىلگەن، ئۆلىمالىق سالاھىيەتنىڭ ھەققىنى بېرىشتىنمۇ، ھەمدە مىللىي ۋە دىنىي مەسئۇلىيەتلەردىنمۇ ئەلا بىلىدىغان جانباقارلار توپى ئىكەنلىكىلىرىنى ئىپادىلەپ قويغان بولىدۇ. شۇنداقلا يۈز بېرىۋاتقان سىياسىي ئاينىش ھەمدە سەپسەتىچىلىكلەرگە ئورۇنسىز سۈكۈتلىرى ئارقىلىق رازى ئىكەنلىكلىرىنى كۆرسىتىپ قويغان بولىدۇ. شۇنى ئەسكەرتىش ھاجەتكى، سىياسىي ئاينىش مىللەتنىڭ تۇيۇق يولغا قاراپ ئىلگىرىلىشىگە، مەغلۇبىيەت ۋادىسىدا مەھكۇملۇق مۇددىتىنى تاكى ھالاك بولغانغا قەدەر ئۇزارتىپ مېڭىشىغا سەۋەبچى ئامىللاردىندۇر. ئالىم - ئۆلىمالاردىكى ئاينىش بولسا، ئۇشبۇ ئۇزۇن مۇددەتنى قىسقارتىشقا، ئىلاھىي ھەقلىق جازانىڭ ئومۇميۈزلۈكلىشىشىگە يول ئاچىدۇ. خېمىر تۇرۇچى ئىسلام بىلەن يۇغۇرۇلغان، كۈلتۈر ھاۋزىسىنى ئىسلامىي مەدەنىيەت دولقۇنى بىلەن ھەرىكەتلەندۈرۈپ، مىللىي قەدەرىيەتلىرىنى قۇرئان ۋە سۈننەت روھى ئاساسىدا ھاياتىيلىققا ئىگە قىلىپ كەلگەن بىر مىللەتنىڭ ئىسلام بىلەن بولغان ئالاقىسىنىڭ ساغلام بولماسلىقىدا ئالدى بىلەن ئالىم - ئۆلىمالارنىڭ مەسئۇلىيىتى سۈرۈشتە قىلىنىدۇ. شۇنداقلا مىللەتتىكى ھەر تۈرلۈك ئاينىش ۋە پاساتچىلىقلارنىڭ، ماددىي ۋە مەنىۋى چىرىكلىكلەرنىڭ ئەۋج ئېلىشىدا ئالدى بىلەن ئۇلارنىڭ مەسئۇلىيىتىنى ئورۇندىغان ياكى لايىقىدا ئورۇندىمىغانلىقى دىققەتكە ئېلىنىدۇ. ئىلىمنىڭ كۆتۈرۈلۈپ كېتىشى ئالىمنىڭ كۆتۈرۈلۈپ كېتىشى بىلەن بولغىنىدەك، ئىسلامنىڭ كۆتۈرۈلۈپ كېتىشىمۇ پەيغەمبەر يولىنى تۇتقۇچى رەببانىي ئالىم - ئۆلىمالارنىڭ يوقلىقى بىلەن، بار بولسىمۇ، ئۇلارنىڭ مەسئۇلىيىتى ۋە ۋەزىپىسىنى لايىقىدا ئورۇندىمىغانلارنىڭ كۆپىيىشى بىلەن بىلەن مۇناسىۋەتلىكتۇر.
دەرھەقىقەت، تەۋەللا - تەبەرراسى يوقىغان مىللەتتىن ھىدايەتلىك ئۈممەتنىڭ، رەببانىي ئالىم - ئۆلىمالارنىڭ چىقىشى كۈتۈلمەيدۇ. مۇجتەھدىلەر ئىمامى، مۇسۇلمانلار خەلىپىسى، شۇنداقلا ئادالەتلىك رەھبەر ۋە دانا ھۆكۈمدار ئۆمەر رەزىيەللاھۇ ئەنھۇ ئاگاھلاندۇرۇپ ئۆتكەندەك ئۈچ تۈرلۈك ئىش ئىسلامنى يىقىتىشقا ئېلىپ بارىدۇ. ئۇلار: «ئالىمنىڭ ئاينىشى، مۇناپىقنىڭ قۇرئاننى سۇيىئىستېمال قىلىپ مۇنازىرە قوزغىشى ۋە توغرا يولدىن ئازغان يېتەكچىلەرنىڭ ھۆكۈمدار (باشلامچى) بولۇۋېلىشى»دۇر(7). يۇقىرىقىلارغا نەزەر سالغان ھالدا كۈنىمىز ئۈچۈن شۇنداق دېيىش مۇمكىن: مىللىي قەدەرىيەتلەرنى دىققەتكە ئېلىپ سىياسەت قىلىدىغان رەھبەرىيەت، ئىلىمدە ۋە پىكىردە مۇستەقىللىقىنى جارىي قىلدۇرالايدىغان ئاۋانگارت ئىلمىي قوشۇن، ھەقنىڭلا رازىلىقىنى كۆزلەپ خىزمەت قىلىدىغان رەببانىي ئۆلىمالىق بارلىققا كەلمەي تۇرۇپ نە مىللىي مەۋجۇتلۇقنى كاپالەتكە ئىگە قىلىشتىن، نە ھەقىقەتنىڭ غالىبىيىتىدىن، نە دىنىنىڭ ھاياتىيلىقىدىن سۆز ئېچىش مۇمكىنسىزلىك ئىچىدىن مۇمكىنلىك ئىزدىگەنلىك، ئاۋام تىلى بىلەن ئېيتقاندا، سۆگەتتىن ئامۇت كۈتكەنلىكتۇر. دىنىي ئۇلى ساغلام يېتىشمىگەن ئەۋلادتىن ساغلام سىياسىي رەھبەرىيەت كۈتۈپ بولمىغاندەك، ئالىم - ئۆلىماسى رەببانىي بولمىغان مىللەتتىنمۇ دىنىي ئۇل قۇرۇلۇشىنىڭ ساغلاملىشىشىدىن، يېڭىلىنىشتىن ۋە ئومۇميۈزلۈك ئىسلاھاتكارلىق ئېڭىنىڭ يۈكسىلىشىدىن سۆز ئىچىش مۇمكىن ئەمەستۇر. ئەجەبا، ئالىمى ئاينىغان مىللەتتىن ھىدايەتلىك خەلقنىڭ بارلىققا كېلىشى، ئۆلىماسى چىرىكلەشكەن ئەلدىن ئادالەتلىك ھۆكۈمدارنىڭ يېتىشىپ چىقىشى قانداقمۇ مۇمكىن بولسۇن؟!
-بۇرھان مۇھەممەد
نەقىل ۋە ئىزاھلار:
1 «تەۋەللا ۋە تەبەررا» ئىدىيەسى: مۇھەببەت ۋە نەپرىتى ئېنىق بولۇش، دوست - دۈشمەن ئېڭى كەسكىن بولۇش، مەۋقەنى روشەن، مەيداننى ئېنىق قىلىش ۋە بىتەرەپ بولماسلىق كېرەكلىكى مۇئەييەنلەشتۈرۈلگەن ھەمدە بۇلارنى ئاللاھ رىزاسىنى كۆزلىگەن ھالدا ئەمەلىيىتىدە كۆرسىتىش تەشەببۇس قىلىنىدىغان يۈكسەك ئىمانىي تۇتقا، ئىسلامىي پىرىنسىپال تۇتۇمنى كۆرسىتىدۇ.
2 سۈرە بەقەرە، 143 – ئايەت.
3 سۈرە ئال ئىمران، 110 – ئايەت.
4 سۈرە ھۇجۇرات، 9 – ئايەت.
5 سۈرە نىسا، 143 – ئايەت.
6 سۈرە مائىدە، 78-، 79 - ئايەت ۋە ئۇنىڭغا مۇناسىۋەتلىك تەپسىرلەرگە قارالسۇن.
7 دارىمىي رىۋايەت قىلغان. شەيخ ئەلبانىي سەھىھ دەپ بېكىتكەن.
مەنبە: «ئويغاقلار دۇنياسىدا− بۇرھان» سەھىپىسى
Yorumlar
Yorum Gönder