تاڭ دەۋرى شېئىرلىرىدىن

تەرجىمە قىلغۇچى: ياسىن ھاۋازى 


تاغدا

ۋاڭ بۇ


باستى دەرت، چاڭجياڭ ئارا بولغاچ قامال،

كەتكىلى يۇرتۇمغا ئىزدەيمەن ئامال.

تاغمۇ-تاغدا ئۇچۇرۇپ غازاڭلىنى،

ئىلكىگە ئالدى جاھاننى سوغ شامال.



لەشكەرلىكتە

ياڭ جيۇڭ


كەلدى غەربىي ئاستانىنى يورۇتۇپ گۈلخان،

بۇنى كۆرۈپ جان – جېنىمغا ئۇلاشتى پىغان.


چەۋەندازلار چىك قاپىدى ئەجدەر بالىقنى،

خان سارايدىن چىقىشىغا لەشكىرىي پەرمان.


جەڭ دۇمبىغى بوران ئارا ئاڭلىنار پات-پات،

خىرە ئەتتى جەڭ تۇغىنى قار ۋە شىۋىرغان.


ئەلا ماڭا تالىپ بولۇپ ئۆمۈر سۈرگەندىن

ئاتلىنىپ جەڭ مەيدانىغا ئون بېشى بولغان!



يۇجۇ راۋىقىغا چىققاندا

چېن زىئاڭ


باقىمەن ئارقامغا، ئەجداتلار قېنى؟

باقىمەن ئالدىمغا، ئەۋلاتلار قېنى؟

ئۇچ-چېكى يوقكەن جاھاننىڭ، ئويلىسام،

تۇتتى ھەسرەت يىغىغا قىستاپ مېنى!



يۇرتۇمغا قايتقاندا

خې جژجاڭ


يۇرتۇمغا ياندىم ياشىنىپ، چىققاندا مەن ئىدىم گۆدەك،

ئاقاردى چېكە چاچلىرىم، گەپ-سۆزلىرىم ئاۋالقىدەك.

«مېھمان قاياقتىن ئۆزلىرى؟» دەيدۇ سوراپ شوخ بالىلار،

ئۇلار ساناشقان چېغى بار ئەسلىمنى يات-يېگانىدەك.



دوستۇمنى يوقلاپ سەھراغا بارغاندا

مېڭ خاۋرەن


چىللىدى سەھراغا دوستۇم ئۆيىگە،

راسلاپ توخۇ گۆشى، سوكتىن تائام.


مەلىسىنىڭ چەتلىرى بوستان ئىكەن،

سىرتىنى ئوراپتۇ كۆپ-كۆك تاغ تامام.


مەي بىلەن چۈشتۇق پاراڭغا زوقلىنىپ،

خامىنى مول، باغ ئىكەن ھويلا-ئارام.


ئالدىمىزدا بولسا چۇڭياڭ بايرىمى،

كېلىمەن گۈل سەيلىسىگە مەن داۋام.



باھار ئەتىگەنلىكى

مېڭ خاۋرەن


ئۇيقۇلۇق، سەزمەپتىمەن ئېتىپتۇ تاڭ.

كەلتۈرۈپتۇ قۇشلىمۇ ئەتراپنى چاڭ.

تۈن بويى ياققان ئىدى يامغۇر-يېشىن،

قانچىلىك ياپراق-چېچەك چۈشكەنكى تاڭ!



لياڭجۇ نەزمىسى

ۋاڭ جژخۇەن


كىرگەن بۇلۇتلار قەرىگە خۇاڭخې يىراقتىن تولغۇنۇپ،

تەنھا شەھەرنى قورشىغان ئاسمان پەلەك تاغ جەم بولۇپ.

شۇ «تالى مەجنۇن» كۈيىنى ياڭراتمىغىن چياڭ نېيىدىن،

كەلمەيدۇ كۆكلەم شامىلى تاش قاپقىغا ئىللىق ئۇرۇپ.



لەگلەك راۋىقىغا چىققاندا

ۋاڭ جژخۇەن


بولدى غايىپ، مۆكتى كۈن تاغ كەينىگە،

ئاقتى خۇاڭخېمۇ دېڭىزنىڭ قەرىگە.

يەنىمۇ يىراققا تەلپۈنسەڭ ئەگەر،

ئۆرلىگىن ئاندىنمۇ يۈكسەك پەللىگە.



لەشكەرلىكتە

(ئىككى شېئىر)

ۋاڭ چاڭلىڭ


1

كۆكنۇر بويىدا تاغنى تۇمان قاپلىغان قات-قات،

باقىمىز يىراقلاردىن تاش قاپقا تامان پات-پات.

جەڭ قىلىپ باياۋاندا جۇلجۇل بولدى ساۋۇتلار،

يانماق يوق ئاخىر جەڭدىن قىروران بولمىسا بەربات.


2

بوران-قۇم دەستىدىن چۆلدە قۇياش نۇرى خىرەلەشتى،

لاگىردىن چىقتى لەشكەرلەر، شامال تۇغلارنى يۆگەشتى.

ئاۋانگارتلار زەپەر قىپتۇ كېچە تاۋخې شىمالىدا،

خەۋەر كەلدى تۇيۇخۇن باشلىقى قولغا تىرىك چۈشتى.



چېگرا ناخشىسى

ۋاڭ چاڭلىڭ


تاكى خەن، چىن دەۋرىدىن قورۇلغا نۇر سەپتى قەمەر،

يانمىدى چېگرا تامان كەتكەنلىمۇ بېرىپ خەۋەر.

ھەددى يوق خۇر ئېتىنىڭ ئۆتمەككە يىنشەندىن قەدەم،

بولسىلا لى گۇاڭ كەبى سەرگەردىمىز بىزدە ئەگەر.



كىيىك ماكانى

ۋاڭ ۋېي


تاغدا پىنھاندا چېلىقماس ھېچ كىشى،

ئاڭلىنار قاياقتىدۇ گۇدۇڭلىشى.

چاقنىتار مۇخلاردا نۇرنىڭ ئەكسىنى،

شاخ ئارا كەچكى شەپەقنىڭ شۇڭغىشى.



شىكار سەيلىسى

ۋاڭ ۋېي


كاماندىن ئوق ئۇچىدۇ شامال بىلەن شىددەتتە،

شىكار قىلار ۋېيچېڭدا شىكار خۇمار سەركەردە.


تاقىر سايدا ئۆتكۈردۇر ئالمان قۇشنىڭ كۆزلىرى،

ئويناقلايدۇ ئاتلىرى قار ئېرىگەن يەرلەردە.


رەستىسىدىن شىنفېڭنىڭ خوشال يايراپ ئۆتۈپ ئۇ،

قىرچىن تاللىق قەلئەدە پەيدا بولدى بىر دەمدە.


باقسام سەييات ئوق ئۈزۈپ شۇڭقار ئاتقان جايغا مەن،

كەچكى تۇمان ئېسىپتۇ سۇس، گرىمىسەن دەرپەردە.



چېگرىغا ھال سوراپ بارغاندا

ۋاڭ ۋېي


ھارۋىدا جۇييەننى يول-ئۆتەڭ قىلىپ،

ئەلچى بوپ چېگراغا ماڭدىم ھال سوراپ.


بارىمەن تۇرنا، بېسىلغاقتەك ئۇچۇپ،

خەن يېرىدىن خۇر دىيارىغا ئۇزاپ.


كى ئۇزۇن دەرياغا دۆگلەك كۈن پاتار،

چۆل ئارا گۈلخان يانار، ئىس پۇرقىراپ.


ئۇچرىشىپ شياۋگۇەندە چارلامچى بىلەن،

ئاڭلىسام يەنرەندىكەن دوتەي جاناپ.



خوشلىشىپ چىقتىم سەھەر بەيدى بىلەن

لى بەي


خوشلىشىپ چىقتىم سەھەر بەيدى بىلەن شەپەق ئارا،

يېتىمەن مىڭ لى يىراق جياڭلىڭغا مەن بىر كۈندىلا.

قاشتا مايمۇنلار ساداسى ئاڭلىنىپ قالدى، بىراق،

قاتمۇ-قات تاغلاردىن ئۆتتى قولۋىغىم بىر دەمدىلا.



جىنمېندا خوشلىشىش

لى بەي


بېسىپ جىنمېن تېغىنى مەن بۇ يان كەلدىم،

قەدىم چۇگودا بولماققا زىيارەتكە.


ئۇلاشتى تۈزگە تاغ ئاخىر بولۇپ غايىپ،

ئەزىم دەريا ئۆزىنى تۈزدى سۈرئەتتە.


قەسىر سالدى شەپەقلەر سۇدا بىردىنلا،

تولۇن ئاي جىلۋىلىك ئوينىدى ئەينەكتە.


ئانا يۇرتۇڭ سۈيىنى ئەتىۋا بىلگىل،

سېنى يەتكۈزگۈسى مەنزىلگە ئەلۋەتتە.



لۇشەن شاقىراتمىسىنى تاماشا قىلىش

لى بەي


بىنەپشە رەڭ تۇمان ئۆرلەر شۇ ئىسرىقدانغا كۈن چۈشسە،

ئېسىلغان شاقىراتما تىك يىراقتىن ئۇڭا كۆز تىكسە.

تۇرار سەكرەپلا ئۈچ مىڭ چى ئىگىزدىن باغرى دەرياغا،

گويا ئاسمان يولى ئەرشتىن غۇلاۋاتقان كەبى پەسكە.



سېرىق تۇرنا راۋىقىدا مېڭ خاۋرەننى گۇاڭلىڭغا ئۇزىتىش

لى بەي


قەدىناس دوست تېپىپ سائەت ئۈچىنچى ئاي باھارىدىن،

راۋان بولدى شۇ گۇاڭلىڭغا سېرىق تۇرنا راۋاقىدىن.

ئۇپۇق بويلاپ ئاقار چاڭجياڭ لومۇلداپ شەرق تامانىغا،

قاراسى يۈتتى يەلكەننىڭ ئۇپۇقنىڭمۇ يىراقىدىن.



چاڭگەن نەزمىسى

لى بەي


سېكىلىگىم ماڭلىيىمغا چۈشكەندە،

گۈللەر ئۈزۈپ ئوينار ئىدىم گۈلشەندە.


كېلەتتىڭىز تال چىۋىقنى ئات ئېتىپ،

قوغلىشاتتۇق قاشالارنى ئايلىنىپ.


چاڭگەندە بىز بىر مەلىدە چوڭ بولدۇق،

كۆڭلىمىز ئاق خۇددى قوشماق، ئوڭ بولدۇق.


ئون تۆت ياشتا بولدۇم سىزگە مەن ياتلىق،

يۈزۈم تۆۋەن بىر قىز ئىدىم ئۇياتلىق.


بېشىم سېلىپ باقار ئىدىم تامغىلا،

قايرىلمايتتىم، مىڭ چاقىرسا زادىلا.


ئون بەش ياشتا ئاستا ئېچىلدىم،

سىزگە چىندىن ئاخىرەتلىك قېتىلدىم.


سىزدە تۇرسا كۆۋرۈكتىكى ساداقەت،

دۆڭگە چىقماق ماڭا بولغاي نە ھاجەت؟!


ئون ئالتىدە، ئوقەت بىلەن كەتتىڭىز،

يەنيۇدۇي ھەم چۇيتاڭلاردىن ئۆتتىڭىز.


ماي ئايلىرى ئۇ ئۆتكەللەر خەتەرلىك،

مايمۇنلارمۇ چىقىرىشار ھەسرەتلىك.


ئاياق ئىزى چۈشكەن ھويلام ئالدىدا،

قاتار مۇخلار ئۆستى ئەمدى بارىدا.


سۈپۈرگەنگە مۇخ يىلتىزى چىقمىدى،

شامال سوقۇپ شاختا ياپراق تۇرمىدى.


ئاۋغۇست چېغى ئېچىلغاندا گۈل-چېچەك،

جۈپ-جۈپ ئۇچار باغلار ئارا كېپىنەك.


كېپىنەكلەر يارا قىلدى كۆڭلۈمنى،

غەم-دەردلىرىم خازان قىلدى ھۆسنۈمنى.


ئۆيگە يانماق ئىزدىسىڭىز سىز ئەگەر،

ماڭا دەرھال يوللىۋېتىڭ خوش خەۋەر.


نە بولسىمۇ ئالدىڭىزغا بارىمەن،

چاڭفېڭشاغا بارغىلىمۇ رازىمەن.


Yorumlar

Bu blogdaki popüler yayınlar

ئۇيغۇرلۇق روھى بىزگە نېمە دەيدۇ؟

سىياسىي ئانسامبىلچىلىقتا قوش يۈزلۈك سەتچىلىك