رۇبائىيلار (ئارسلان)
1 بۇ ئۆتكۈنچى ئالەم، ئۆتىمىز چاپسان، كىملەردىن قالمىغان ئىدى بۇ جاھان. ئەل ئۈچۈن ئىشلەيلى، پەقەت ئەل باقى، قايتا كەلمەكلىك يوق، كەتمەكلىك ئاسان. 2 تۆكمە ياش ئۆتكەننى قىلىپ تولا ياد بۇ دۇنيا پەرۋاسىز، قانچە دېسەڭ داد. ئېچىنما كەتكەندىن، قورقما كېلەردىن، ئۈمىدلەر ئۆمۈرنى قىلىدۇ ئاۋات. 3 ياشلىقتا غەم ئەمەس، خۇشاللىق كېرەك. چاقنىسۇن گۈزەللىك، قاينىسۇن تىلەك. ئالدىرا، بوش قويما ئالتۇن پەسىلنى، قېرىلىق سوغىدا سوۋۇيدۇ يۈرەك. 4 كەلمەيدۇ خۇشاللىق قايغۇ - ئازارسىز، زەپەر يوق، شەرەپ يوق جاپا – دىشۋارسىز. ئىجادتا بىلەيلى دەمنى غەنىمەت، ئەجەلنىڭ كەلمىكى ھامان قارارسىز. 5 يەر مېنى باقتى ھەم باقىدۇ ھامان، نېمىشقا ئۇ ماڭا شۇنچە مېھرىبان؟ مەن يەرگە قەرزدار، سادىق، چۈنكى ئۇ بوۋىلار جىسمىدىن پۈتكەن - يارالغان. 6 تانسىغا ئالدىراپ كۈتىسەن تۈننى، قولۇڭدا پاتۇرماق بولىسەن كۈننى. سۆرەيدۇ لەھەتكە سېنىمۇ شۇنداق ۋاقىتنىڭ زەنجىرى چىقارماي ئۈننى. 7 باتۇرلارنى ئاز كۆرىدۇ بۇ جاھان، ساتقۇنلارنىڭ تېپىلمىقى بەك ئاسان. باتۇر ئۆلسە، يەر قۇچاقلار، كۆك يىغلار، ياتالمايدۇ گۆرد...