رۇبائىيلار (ئابدۇرېھىم قاسىم)
1 ۋەتەننى تەرك ئېتىپ، ئىزدىشىپ ساۋاب، قىلىدۇ بەزىلەر مەككىنى تاۋاپ. "ساۋاب" دەپ ۋەتەندىن كېچىش مەن ئۈچۈن دوزاختا كۆيگەندىن بەتتەر چوڭ ئازاب . 2 تويغىچە يەپ تۇرۇپ شېرىن ئۈزۈمنى، ۋەيران قىلامدىمەن ئۇنىڭ تېكىنى. ئۆز يۇرتۇم بار تۇرۇپ، ياتقا كۆز تىكسەم، سانجىلسۇن كۆزۈمگە نەپرەت تىكىنى. 3 قورقمايمەن باسسىمۇ توپان بىلەن سەل، ۋە ياكى جان سوراپ تۇرسىمۇ ئەجەل. جاھاندا قورقىمەن بىرلا نەرسىدىن: رەنجىسە مېنىڭدىن مېنى تۇغقان ئەل. 4 يورۇقلۇق كۆرسەتتى ئانام كۆز بېرىپ، تىلىمنى سۆزلەتتى تاتلىق سۆز بېرىپ. گۇناھكار بولمامدىم قەرزنى ئاقلىماي، ئالدىدا باش تاتىلاپ تۇرسام بېزىرىپ. 5 ئانىنىڭ بىر تېمىم سۈتى ھەققىگە، يەتتە رەت ئاپارماق ھاجەت مەككىگە. بىر تېمىم سۈت ھەققى شۇنچە ئۇلۇغكەن، نېمە دەيسەن ئۇنىڭ پۈتۈن ئەجرىگە. 6 بولمىسا ئانىنىڭ جاپالىق ئەجرى، كۈلەمدۇ بالىنىڭ بەختى - تەلىيى. بولسىمۇ مەرتىۋەڭ ئەرشى ئەلادا، كەتمىسۇن قۇلاقتىن ئاناڭ ئەللىيى. 7 مەن ئۆلسەم يۇرتۇمنى كۆرۈپ ياتىمەن،...