Kayıtlar

Ekim, 2026 tarihine ait yayınlar gösteriliyor

رۇبائىيلار (ئابدۇشۈكۈر مۇھەممەت ئىمىن)

(1) گۈل ئېچىلماس گۈلگە گۈل دەۋران باھارىڭ بولمىسا، سايرىما بۇلبۇل كەبى گۈل ئىختىيارىڭ بولمىسا . زىننەت ھەم تىلەش بىلەن شۆھرەت ساڭا بولماس رەپىق، قايغۇ يا شادلىققا تۇتقان پەخرۇ، ئارىڭ بولمىسا . (2) قايسى بىر رەڭدار چېچەكنىڭ ھۆسنى دىدارىڭچە بار، قايسى بىر ياقۇت قەدەھنىڭ كەيپى خۇمارىڭچە بار . گۈلگە بۇلبۇل، جامغا مەيخور بەند – شەيدا بىگۇمان، قايسى شەيدانىڭ پىراقى مەن گىرىپتارىڭچە بار ؟ (3) مەيلى شاھ، مەيلى گاداي ئىلكىدە بىر خەزىنە ياتۇر، ئول ئۆمۈر گويا راۋان دەريا كەبى تىنماي ئاقۇر. شاھلار ئاۋارە بولغان خەزىنە – چىن خەزىنە ئەمەس، شەخسى خىسلەت ئېتىبارىڭ ئۈستىدە باشىڭ قاتۇر. (4) گۈل تولۇپ تۇرغان بېغىڭغا كۆرگىلى رەنا كېلۇر، يەر تاياپ ياتقان چېغىڭدا يانىڭا دەنا كېلۇر. بەزىدە دەريا قۇرۇق، بەزەن باسار چۆلنى قىيان، رەڭمۇ رەڭ ئوبرازغا باق، شەكلىدىن مەنا كېلۇر. (5) ئاينى تۇتماق، كۆككە ئوق ئاتماق ساڭا شۆھرەت ئەمەس، تاجۇ – تەختىڭگە پۈكۈنمەك بىلدۈرەر ھۆرمەت ئەمەس. ياخشىلىق ئەل شەنىنى، ئەل بەختىنى مىزان قىلار، ئەل ئۈچۈن چەكسەڭ رىيازەت – ئۇ بەخت، ھەسرەت ئەمەس. (6) خار بولۇپ ئاپتاپتا ياتساڭ كىم سېنى خار ...

رۇبائىيلار (ئابدۇرېھىم زۇنۇن)

1 ئۆچۈپ كەتكەي ساماننىڭ چوغىدەك تاشقى جۇلا - زىننەت، كۆچۈپ كەتكەي بولۇپ كارۋان جاھان شاھ مۈلكى ــ دۇر قىممەت. ئېتەر ئىنسان نامايان قىممىتىنى ھەر قاچان كۈندەك، چېچىپ زەر نۇر - زىياسىنى، مۇجەسسەم بولسا گەر خىسلەت. 2 يېقىن تۇرساڭ زەكىيلەرگە ئەقىل قۇببەڭگە نۇر قونغاي، سۈمۈرسەڭ بال ـــ بىلىم ھەردەم ھۇما تۇتقاي بېشىڭنى جاي. چېكەڭدىن ئاقسا ئۈزلۈكسىز كۈمۈش تەرىڭ بولۇپ دەريا، ھوسۇلۇڭ مول، يولۇڭ تۈز، بەختۇ ئىقبالىڭ گۈزەل بولغاي. 3 ھۇرۇن- يالقاۋغا قۇت - ئىقبال قىزى ھەرگىز كۈلۈپ باقماس، سۇباتسىز، لايغەزەللەر ھېچ كىشىنىڭ كۆڭلىگە ياقماس. ياتار ئۇ: «ئۈجمە پىش، ئاغزىمغا چۈش» دەپ ھەر قاچان ئۇخلاپ، شۇڭا مەڭگۈ پۈتۈنلەنمەس نېنى، ھېچ بىر ئىشى ئاقماس. 4 «پۇچەك دان» دەيدۇ: خىللانغان بىرى مەن چىن، يېڭى سورتنىڭ، شۇنى ئېيتىدۇ خائىنمۇ: ۋاپادار ئوغلىمەن يۇرتنىڭ. سۆڭەك يوق تىلدا، سۆزلەر ھەر كىشى ئاغزىغا كەلگەننى، ئىشىغا باق، ئىشەنمە كۆپ ۋالاقلاپ سۆزلىگەن «قۇرت»نىڭ. 5 بۇ ھاياتلىق سەھنىسىدە رول ئالار ھەر بىر كىشى، ئوخشىمايدۇ بىر - بىرىگە ئوينىغان رول ـــ كەچمىشى. باقىۋەندە بولمىغاي باش رول ئېلىش بىر كىشىگە، چۈنكى جى...

ئىز (شېئىر)

ئابدۇرېھىم ئۆتكۈر  ياش ئىدۇق ئۇزۇن سەپەرگە ئاتلىنىپ چىققاندا بىز، ئەمدى ئاتقا مىنگۈدەك بوپ قالدى ئەنە نەۋرىمىز. ئاز ئىدۇق مۈشكۈل سەپەرگە ئاتلىنىپ ماڭغاندا بىز، ئەمدى چوڭ كارۋان ئاتالدۇق قالدۇرۇپ چۆللەردە ئىز. قالدى ئىز چۆللەر ئارا، گاھى داۋانلاردا يەنە، قالدى نى-نى ئارسلانلار دەشتى-چۆلدە قەبرىسىز. قەبرىسىز قالدى دىمەڭ يۇلغۇن قىزارغان دالىدا، گۈل چېچەككە پۈركىنۇر تاڭلا-باھاردا قەبرىمىز. قالدى ئىز، قالدى مەنزىل، قالدى ئۇزاقتا ھەممىسى، چىقسا بوران،كۆچسە قۇملار،ھەم كۆمۈلمەس ئىزىمىز. توختىماس كارۋان يولىدىن گەرچە ئاتلار بەك ئۇرۇق، تاپقۇسى بۇ ئىزنى بىر كۈن، نەۋرىمىز-يا ئەۋرىمىز.

ئۈزۈلمەس ئۈمىد (شېئىر)

ئابدۇخالىق ئۇيغۇر   ھاۋادا كۆپ بۇلۇتلار داۋام شۇنداق تۇتۇلغايمۇ؟ قۇياشنىڭ نۇرى ياكى ئۇشبۇ مانىدىن قۇتۇلغايمۇ؟ قۇياشنىڭ تەمكىنى باردۇر، ساچۇر نۇرىن داۋام ئەيلەر، سۇباتى يوق بۇلۇتلارغا ئۇنىڭ كەيپى بۇزۇلغايمۇ؟ قۇياشقا دالدا قىلماقلىق ئەقىلسىزلىق دەلىلىدۇر، سىنىڭ بۇ يۇققا بۆز خالتاڭ بىگىزلەرنى يوشۇرغايمۇ؟ چىقار بوران تەرەپپىللىكتە، گەرچە ئويلىماي تۇرساڭ، ئەگەر قاتتىڭ چىقىپ كەتسە بۇزۇق تۈڭلۈك يېپىلغايمۇ؟ جاھالەت بۇلۇتى توستى قۇياشنى ھېچ كۆرۈپ بولماس، مۇقەددەس ئۇ قۇياش نۇرى بىزدە ھەم تېپىلغايمۇ؟ ئوقۇتالماي بالىلارنى ئوينىتىپ خوپ ياخشى چوڭ قىلدۇق، ئىسىت! بۇ بالىلار ئاخىرى يېرىم ناننى تاپالىغايمۇ؟ ئوقۇڭلار، ئوقۇتۇڭلار ھەم ھاۋا ئەۋزائىنى بۇزدى، ئەگەر يوق بولسا ھازىرلىق بۇ مىللەت ھەم يوقالغايمۇ؟

ئۇيغۇر قىزى (شېئىر)

ئابدۇخالىق ئۇيغۇر   ئەي قەمەر، قارىشىڭدا مەن ھەيرەتتە قالدىم ئۇشبۇ تۇن ، ماھى رۇخسارىڭ سىنىڭ ئون تۆت ئىكەن تولغان بۇ كۈن . ئول قۇياش تارلىق قىلىپ، چاچقانى راسىت ئوخشايدۇ ياغ، شۇل سەۋەبتىنمۇ يۈزۈڭدە بار ئەجەپ يىتمەس بۇ داغ، ئۇشبۇ داغدىن گۈل يۈزۈڭگە يەتمىدى ھېچبىر زەرەر. بۇ ئەسەر بىر مەڭ بۇلۇپ، ھۆسنۈڭنى ئارتتۇردى مەگەر. بىر قاراشتا گۈل يۈزۈڭگە ئاشىق بولدۇم بىمارار، ئوخشىغان نەركەس كۆزۈڭ خۇددىي ئېلېكتىر يالتىراق ، لەۋلىرىڭنىڭ قېنى ئانار رەڭگىدىنمۇ ياخشىراق . چىشلىرىڭ چىن ئۈنچىدىن، تىللىرىڭ مەھبوبراق . قاشلىرىڭدۇر يىڭى چىققان ئەينى شەۋۋالىنىڭ ئېيى ، سىنىڭ ئالدىڭدا باراۋەردۇر گادا، شاخۇ بېيى . سېھىرگەر گۈل، كۆزگە ساقچى، كىربىكىڭ بىر نەيزىدۇر، ھەر قاراشىڭدا نەيزەڭ، يۈرەكنى ئىزىدۇر. ساچلىرىڭ رەقىبلىرىڭ كۆڭلى كەبى بىر سىر قارا، ئەۋرىشىمدەك يەلپۈنۈپ سالدى كۆڭۈلگە جىق يارا. قوللىرىڭنىڭ ئاقلىقى، سۈزۈكلۈكتىن نۇر چىقۇر ، بۇ قۇپال قۇلۇم بىلەن تۇتسام قۇلۇڭغا ھۆر چىقۇر. تەنلىرىڭ ئالماسقا ئوخشاش ئاق سۈزۈك بىر شەئىلدۇر، خېنە ياققان تىرنىقىڭ مىسلى بەدەخشان لەئىلدۇر. بويلىرىڭ زىلۋالىقى سەرۋىگە ئوخشار ...

ﺧﻪﻳﺮ، ﻛﯚﺭﯛﺷﻪﺭﻣﯩﺰ! (شېئىر)

ئابدۇخالىق ئۇيغۇر   ﯞﺍﺩﻩﺭﯨﺨﺎ، ﻛﻪﺗﺘﻰ ﺋﯘ ﺟﺎﻧﯩﻢ ﻣﯧﻨﯩﯔ ﺟﺎﻧﻨﻰ ﺋﯧﻠﯩﭗ، ﺋﯘ ﻛﯧﺘﻪﺭﺩﻩ ﻣﻪﻧﺪﻩ ﺟﺎﻥ ﻗﺎﻳﺪﺍ، ﻳﺎﻏﺎﭺ ﺑﻮﻟﺪﯗﻡ ﻗﯧﺘﯩﭗ. ﺟﺎﺩﯗ ﻛﯚﺯ ﮔﯜﻝ ﻛﯩﺮﭘﯩﻜﻰ ﺑﯩﺮﻟﻪ ﻳﯜﺭﻩﺭﺩﻩ ﺑﯩﺮ ﻗﺎﺭﺍﭖ، ﺗﺎﺵ ﻛﯚﯕﯜﻟﻨﻰ ﻗﻮﻏﯘﺷﯘﻧﺪﻩﻙ ﺋﯧﺮﯨﺘﯩﭗ ﻗﯩﻠﺪﻯ ﺧﺎﺭﺍﭖ. ﻣﻪﻧﯩﻠﯩﻚ ﺳﯩﺮﻟﯩﻖ ﻗﺎﺭﺍﭖ: «ﺑﻮﻟﻐﯩﻦ ﺋﺎﻣﺎﻥ ﻳﺎﺭﯨﻢ» ﺩﯦﺪﻯ، «ﻣﻪﻥ ﺋﯚﺯﯛﻡ ﻛﻪﺗﻜﻪﻥ ﺑﯩﻠﻪﻥ ﺳﯧﻨﯩﯔ ﺑﯩﻠﻪﻥ ﻳﺎﺩﯨﻢ» ﺩﯦﺪﻯ. ﻧﺎﺋﯩﻼﺝ ﻣﻪﻧﻤﯘ ﺩﯦﺪﯨﻢ: «ﺑﻮﻟﺴﯘﻥ ﻣﯘﺑﺎﺭﻩﻙ ﺑﯘ ﺳﻪﭘﻪﺭ، ﺗﺎﻛﻰ ﺟﺎﻳﯩﯖﻐﺎ ﻳﯧﺘﯩﭗ ﺑﺎﺭﻏﯘﭼﻪ ﻳﻮﻟﻼﺭ ﺑﯩﺨﻪﺗﻪﺭ.» ﺋﺎﻕ ﺑﯩﻠﻪﻙ ﮔﻪﺩﻩﻧﮕﻪ ﭼﻪﻣﺒﻪﺭ، ﺑﯩﺮﻟﻪﺷﺘﻰ ﮬﻪﺭ ﺋﯩﻜﻜﻰ ﺗﯩﻨﯩﻖ، ﺋﺎﻟﻤﺎ، ﺋﺎﻧﺎﺭ ﺑﻮﻟﺪﻯ ﺑﯩﺮ ﺟﯜﭖ، ﺋﯚﭘﺘﻰ ﺗﻮﻳﻐﯘﭼﻪ ﻳﯧﻨﯩﭗ. «ﺧﻪﻳﺮ، ﻛﯚﺭﯛﺷﻪﺭﻣﯩﺰ» ﺩﯦﺒﺎﻥ، ﺋﺎﻳﺮﯨﻠﯩﺸﺘﯘﻕ ﻧﺎﺋﯩﻼﺝ، ﺋﯘﻳﻐﯘﺭ ﻳﻮﻗﺎﺗﺘﻰ ﺋﯧﺴﯩﻨﻰ، ﺩﯦﺪﻯ: ﺑﻪﺧﺘﯩﻢ ﺯﺍﺩﻯ ﻛﺎﺝ.

ﻣﯘﮬﻪﺑﺒﻪﺕ ﺋﯩﺸﻘﻰ (شېئىر)

ئابدۇخالىق ئۇيغۇر   ﺳﻪﻥ-ﺳﻪﻥ ﻳﯜﺭﻩﻛﻜﻪ ﺋﻮﺗﻼﺭﻧﻰ ﺳﺎﻟﻐﺎﻥ، ﺋﻪﻗﯩﻞ-ﮬﻮﺷﯘﻣﻨﻰ ﺳﯚﺯ ﺑﯩﻠﻪﻥ ﺋﺎﻟﻐﺎﻥ. ﻣﯘﮬﻪﺑﺒﻪﺕ ﺳﺎﺯﯨﻦ ﺧﯘﺵ ﺋﺎﯞﺍﺯ ﭼﺎﻟﻐﺎﻥ، ﺑﺎﻗﻤﺎﻣﺴﻪﻥ ﻗﯩﻴﺎ،ﯞﺍﺭ ﺳﻪﺗﻪﯓ ﺑﺎﻟﯩﺨﺎﻥ. ﭼﯩﻨﻤﯩﺪﻯ-ﻳﺎﻟﻐﺎﻥ، ﺟﺎﯞﺍﭖ ﺑﻪﺭ ﺋﯚﺯﯛﯓ، ﻳﺎﻏﺪﻩﻙ ﻳﺎﺭﺍﺷﯘﺭ ﮬﻪﺳﻪﻟﺪﻩﻙ ﺳﯚﺯﯛﯓ. ﺟﺎﻧﻼﺭﻧﻰ ﺋﺎﻟﻐﺎﻥ ﺑﯘﻻﻗﺘﻪﻙ ﻛﯚﺯﯛﯓ، ﺳﻪﻧﺪﯗﺭﺳﻪﻥ ﻣﯧﻨﯩﯔ ﺑﻪﺧﺖ ﻳﯘﻟﺘﯘﺯﯗﻡ. ﺩﻩﺭﺩﯨﯖﺪﻩ ﻛﯚﯕﯜﻝ ﮬﻪﺭ ﻛﯜﻧﻰ ﻏﻪﻣﺪﻩ، ﺋﯩﺴﯩﺖ،ﮔﯜﻝ ﺋﯚﻣﺮﯛﻡ ﺋﯚﺗﻤﻪﻣﺪﯗ ﻏﻪﻣﺪﻩ. ﻛﻪﺑﻪﯕﮕﻪ ﺑﯧﻘﯩﭗ،ﻛﯚﺯﺩﯨﻦ ﻳﺎﺵ ﺋﯧﻘﯩﭗ، ﺳﺎﻗﻼﺭﻣﻪﻥ ﺟﺎﻧﯩﻢ ﮬﻪﺭ ﺑﯩﺮ ﻗﻪﺩﻩﻣﺪﻩ. ﻗﯩﻠﻐﯩﻦ ﺋﯩﻠﺘﯩﭙﺎﺕ، ﻛﯚﺭﻣﻪ ﺑﯩﺰﻧﻰ ﻳﺎﺕ، ﮬﺎﻟﯩﻢ ﺧﻪﺗﻪﺭﺩﯗﺭ ﻳﯧﺘﯩﺸﻜﯩﻞ ﭘﺎﺕ-ﭘﺎﺕ. ﻛﯚﺭﯛﭖ ﺑﻮﻳﯘﯕﻨﻰ، ﺳﯚﻳﺪﯛﻡ ﺧﯘﻳﯘﯕﻨﻰ، ﻛﯚﻳﮕﻪﻥ ﻳﯜﺭﻩﻛﻨﻰ ﺋﻪﻳﻠﯩﮕﯩﻦ ﺑﯩﺮ ﺷﺎﺩ. ﺗﯜﻧﻠﻪﺭﺩﻩ ﺩﺍﺋﯩﻢ ﺗﺎﺗﯘﺭﻣﻪﻥ ﯞﺍﻳﯩﻢ، ﺩﻩﺭﺩﯨﯔ ﻗﯩﻠﯩﭙﺘﯘﺭ ﺩﻭﺯﺍﺧﻨﻰ ﺟﺎﻳﯩﻢ. ﻛﯚﻳﺪﯛﻡ، ﻛﯜﻝ ﺑﻮﻟﺪﯗﻡ، ﺳﯚﻳﺪﯛﻡ، ﻗﯘﻝ ﺑﻮﻟﺪﯗﻡ، ﻛﻪﻟﺘﯜﺭ ﻳﺎﺩﯨﯖﻐﺎ ﺑﯩﺰﻧﻰ ﮬﻪﻡ ﺟﺎﻧﯩﻢ. ﺳﻪﻥ ﺑﯩﺮ ﻗﯩﺰﯨﻞ ﮔﯜﻝ، ﺷﺎﺋﯩﺮﯨﯔ ﺑﯘﻟﺒﯘﻝ، ﺗﯜﻧﻠﻪﺭﺩﻩ ﺳﺎﻳﺮﺍﺭ ﺩﻩﺭﺩﯨﯖﺪﻩ ﻏﯘﻟﻐﯘﻝ. ﺑﯩﺰﻧﻰ ﺋﯘﻧﯘﺗﻤﺎ، ﮔﯜﻟﻨﻰ ﻗﯘﺭﯗﺗﻤﺎ، ﺋﯘﻳﻐﯘﺭ ﺑﯩﭽﺎﺭﻩ ﺑﻮﻟﺪﻯ ﺳﺎﯕﺎ ﻗﯘﻝ.