Kayıtlar

زۆھرەگۈل ھامۇت etiketine sahip yayınlar gösteriliyor

بەربات بولغان چۈش (ھېكايە)

 زۆھرەگۈل ھامۇت ھەجىخان پۇت-قوللىرى ماغدۇرسىزلىنىپ، ئەلفىرەنىڭ چېچىنى كۈچسىز بارماقلىرىدا ئاستا سىلاپ باشلىدى. لەۋلىرى تىترەپ، ئاۋازى ئۆچۈككىنە چىقىپ قالدى: — قىزىم... مېنى چاقىرتىپتىلا... — ئاپا... — ئەلفىرە قوللىرىنى ھەجىخاننىڭ بوينىدىن ئاجرىتىپ گەپ باشلىدى، بوغۇزىغا بىر نېمە كەپلىشىپ قالغاندەك ھېلىدىن-ھېلىغا كۈچەپ تۈكۈرۈكىنى يۇتاتتى. ئاۋازى يەنىلا زەئىپ ئىدى. سەلدەك ئېقىۋاتقان كۆز ياشلىرى چاچلىرىنىڭ ئارىسىغا سىڭىپ كىرەتتى، — ئاپا... شەۋكەت كۈندىن-كۈنگە ئۆزگىرىپ كېتىۋاتىدۇ، بۈگۈن ئۇ مەن بىلەن قەستەن سوقۇشتى، ئەرزىمەس پاراڭ ئۈچۈن مېنى قاتتىق ئۇردى. ئۆزلىرى بىلىدىلا، ئەلمۇراتنىڭ ئۆپكە ياللۇغى بىلەن داۋالىنىۋاتقىنىغا ئون كۈن بولدى. مۇشۇ جەرياندا ئۇ دوختۇرخانىغا بىرەر قېتىم بېرىپمۇ قويمىدى. بۈگۈن دوختۇرخانىدىن چىقىشتىن ئىلگىرى تېلېفوندا ئۇنىڭغا بالىنى قايتۇرۇپ ئەكىلىدىغانلىقىمنى ئېيتقان ئىدىم، ئۆيگە كەلسەم ئۆينىڭ تالادىن ھېچ پەرقى يوق، مۇزدەك سوغۇق ئىكەن. شەۋكەت مەشكە ئوتمۇ ياقماي يوتقانغا پۈركىنىپ يېتىپتۇ. «مەشكە ئوت يېقىۋەتسىڭىز بولمامدۇ؟ بالىغا سوغۇق تېگىپ كېسىلى قايتىلاپ قالسا قا...

سۈكۈتلۈك نەپەس

 زۆھرەگۈل ھامۇت — چىق ئۆيدىن، پاسكىنا! سەندەك قانجۇقنى كۆزۈم كۆرمىسۇن! — ھۈ... ھۈ... ھۈ... — تولا كۆزۈڭنىڭ سۈيدۈكىنى ئېقىتماي يوقال! شەۋكەت غەزەپتىن كۈچىيىپ كەتكەن قوللىرى بىلەن ئەلفىرەنىڭ غولىدىن زەرب بىلەن ئىتتىرىۋەتتى. ئەلفىرەنىڭ ئورۇق، ئاجىز تېنى بۇ زەربىگە چىدىماي ئۆينىڭ شەرق تەرىپىگىرەك قويۇلغان، گۆرۈلدەپ ئوت كۆيۈۋاتقان مەشنىڭ يېنىغا گۈپپىدە يىقىلدى. پىششىق خىش ياتقۇزۇلغان يەرگە قاتتىق يىقىلغانلىقتىن، ئادەمنىڭ ئىچى سىيرىلغۇدەك دەرىجىدە «ۋايجان!» دەپ توۋلىۋەتتى. — شەۋكەت، سەن ئادەم سىياقىدىكى ھايۋان! ھۈ... ھۈ... ھۈ... مېنى بۇنداق خارلايدىغانلىقىڭنى ئۇقماپتىمەن. سەن بىلەن توي قىلغىنىمغا پۇشايمان قىلىمەن. مەن ساڭا ئۆچ! خېتىمنى بەر، ئاجرىشىمەن! ھۈ!... ھۈ!... — «خېتىمنى بەر» دېدىڭما؟! مانا خېتىڭ!!! شەۋكەت تاراملاپ ياش تۆكۈپ ئۆزىگە غەزەپ بىلەن تىكىلگەن ئەلفىرەنىڭ قىياقتەك ئۇزۇن كىرپىكلەر ئوراپ تۇرغان بىر جۈپ بۇلاقتەك شەھلا كۆزلىرىگە ياۋۇزلۇق بىلەن چەكچەيدى. ئەلفىرەنىڭ ياش بىلەن ھۆللەنگەن يۈزىگە بىرنەچچە شاپىلاق سېلىپ، كۆكرىكىگە، قورسىقىغا، سۆڭگىچىگە قاتتىق شەپكىسى بىلەن تېپىپ كەتتى...

«ئىزدىنىش» ئىچىدە ئىزدىنىش

  (كىتاب ئوقۇش خاتىرىسى) زۆھرەگۈل ھامۇت ئۇيغۇرلارنىڭ ئاتاقلىق يازغۇچىسى زۇردۇن سابىرنىڭ «ئىزدىنىش» ناملىق رومانىنى تولۇق ئوتتۇرا مەكتەپتىكى چاغلىرىمدا ئوقۇغىنىمدا، روماننىڭ باش قەھرىمانى ئەلانىڭ تىرىشچانلىقى، پۈتۈن زېھنىنى ئۆگىنىشكە، بىلىم ئىگىلەشكە قاراتقانلىقى، ئىلىم-پەننىڭ يۈكسەك چوققىسىغا يېتىش يولىدا تىنماي ئىزدەنگەنلىكى، بۇ يولدا جاپا-مۇشەققەت، ھېرىپ-چارچاشقا بوي بەرمەي ئالغا ئىلگىرىلىگەنلىكى ھەم يېڭىلىق ياراتقانلىقى، چەككەن رىيازىتىگە يارىشا ھەممە كىشى ھۆرمەتلەيدىغان، ئۇلۇغلايدىغان، قوغدايدىغان مۇھىم شەخسكە ئايلانغانلىقىدەك ئىجابىي ئوبرازى بىلىمگە تەشنا سەبىي قەلبىمگە تىرىشىش نىشانى بەلگىلەپ بەرگەن بولسا؛ ئول كىتابنىڭ شۇ چاغدا قالدۇرغان چوڭقۇر ئىزنالىرى يۈرىكىمگە خىتاب قىلىپ، ئۇلۇغ يازغۇچىنىڭ يۈرەك قېنى سىڭگەن دۇردانىلەرنى ئۆتكەن يىل ئۆكتەبىردىن باشلاپ قايتا ئوقۇپ چىقتىم. ئاق بىلەن قارا، ھەق بىلەن ناھەق، ياخشى بىلەن يامان چەك-چېگرىسىنى ئېنىق ئايرىغان ئەقىل-ئىدراكىمدا مەرھۇمنىڭ داڭلىق ئەسىرى يەنە بىر قېتىم قەلبىمنى لەرزىگە سېلىپ ئۆتتى. ئەسەر گەرچە نەشر قىلىنغىنىغا ئۇزۇن بولغا...

مەن سېتىۋالغان رومان — «كەچمىش»

  (ئەدەبىي خاتىرە) زۆھرەگۈل ھامۇت «8-مارت خەلقئارا ئاياللار بايرىمى» تەبرىكلىنىۋاتقان، ئاياللارنىڭ جەمئىيەتكە قوشقان تۆھپىسى، پەرزەنت تەربىيەلەشتىكى رولى، ھەرقايسى ساھەلەردە قولغا كەلتۈرگەن نەتىجىلىرى مۇئەييەنلەشتۈرۈلۈۋاتقان بۇ قۇتلۇق كۈندە شىنخۇا كىتابخانىسىنىڭ سىرلىق بوسۇغىسىدىن ئاتلاپ كىرىۋېتىپ، بىلىم غەزىنىسىگە ئاشىيانە كۆزلىرىم قەترە-قەترە رەڭدارلىققا تولغان بىباھا كىتابلارنى كۆرۈپ قەلب تارىمنى تىترەتتى؛ تۈرلۈك كىتابلارنى يورۇقلۇققا چىقىرىش يولىدا تىنىمسىز ئىزدەنگەن قەلەم ئىگىلىرىگە ئاپىرىن ئېيتماي تۇرالمىدىم. مەندە كۈتۈپخانىنىڭ كىتاب ئارىيەت ئېلىش كىنىشكىسى بولغاچقا، كىتاب سېتىۋېلىشقا چىدىمىغان چاغلىرىمدا كۈتۈپخانىدىن كىتاب ئارىيەت ئېلىپ ئوقۇيتتىم. كىتاب ئارىيەت بېرىش ۋاقتى پەقەت 15 كۈن دەپ بېكىتىلگەن بولغاچقا، ھەجىمى چوڭراق كىتابلارنى ئوقۇپ بولۇشقا ۋاقىت يار بەرمەي قالاتتى-دە، كۈتۈپخانىغا بېرىپ كىتابنى قايتۇرۇش رەسمىيىتى بېجىرىپ، ئارقىدىن يەنە بىر نۆۋەت ئارىيەت ئېلىشقا تىزىملىتىشقا توغرا كېلەتتى. بەزىدە ئالدىراشلىق ئىچىدە كىتابنى قايتۇرۇشقا بارالمىغاندا، كۈتۈپخانىنىڭ بەلگىلى...