سۈكۈتلۈك نەپەس

 زۆھرەگۈل ھامۇت



— چىق ئۆيدىن، پاسكىنا! سەندەك قانجۇقنى كۆزۈم كۆرمىسۇن!

— ھۈ... ھۈ... ھۈ...

— تولا كۆزۈڭنىڭ سۈيدۈكىنى ئېقىتماي يوقال!

شەۋكەت غەزەپتىن كۈچىيىپ كەتكەن قوللىرى بىلەن ئەلفىرەنىڭ غولىدىن زەرب بىلەن ئىتتىرىۋەتتى. ئەلفىرەنىڭ ئورۇق، ئاجىز تېنى بۇ زەربىگە چىدىماي ئۆينىڭ شەرق تەرىپىگىرەك قويۇلغان، گۆرۈلدەپ ئوت كۆيۈۋاتقان مەشنىڭ يېنىغا گۈپپىدە يىقىلدى. پىششىق خىش ياتقۇزۇلغان يەرگە قاتتىق يىقىلغانلىقتىن، ئادەمنىڭ ئىچى سىيرىلغۇدەك دەرىجىدە «ۋايجان!» دەپ توۋلىۋەتتى.

— شەۋكەت، سەن ئادەم سىياقىدىكى ھايۋان! ھۈ... ھۈ... ھۈ... مېنى بۇنداق خارلايدىغانلىقىڭنى ئۇقماپتىمەن. سەن بىلەن توي قىلغىنىمغا پۇشايمان قىلىمەن. مەن ساڭا ئۆچ! خېتىمنى بەر، ئاجرىشىمەن! ھۈ!... ھۈ!...

— «خېتىمنى بەر» دېدىڭما؟! مانا خېتىڭ!!!

شەۋكەت تاراملاپ ياش تۆكۈپ ئۆزىگە غەزەپ بىلەن تىكىلگەن ئەلفىرەنىڭ قىياقتەك ئۇزۇن كىرپىكلەر ئوراپ تۇرغان بىر جۈپ بۇلاقتەك شەھلا كۆزلىرىگە ياۋۇزلۇق بىلەن چەكچەيدى. ئەلفىرەنىڭ ياش بىلەن ھۆللەنگەن يۈزىگە بىرنەچچە شاپىلاق سېلىپ، كۆكرىكىگە، قورسىقىغا، سۆڭگىچىگە قاتتىق شەپكىسى بىلەن تېپىپ كەتتى.

ئەلفىرە بەدىنىگە توختاۋسىز تېگىۋاتقان مۇشت-پەشۋالاردىن زۇۋان سۈرۈشكىمۇ جۈرئەت قىلالمايتتى. زىيادە قورقۇشتىن دۈگدەيگىنىچە چوكىدەك ئىنچىكە بارماقلىرى بىلەن چۇۋۇلغان چېچىنى چىڭ قاماللىۋالغانىدى. شەۋكەتنىڭ كۈچتۈڭگۈر قوللىرى ئەلفىرەنى تۇنجى قاردىن ئاپئاق لىباس كىيگەن، شىۋىرغان ھۇشقىرىپ تۇرغان ھويلىغا رەھىمسىزلەرچە ئىتتىرىپ چىقاردى.

— يوقال، بۇزۇق خوتۇن! كۆزۈمگە ئىككىنچى كۆرۈنمە! سەندىن جاق تويدۇم، ئۈچ تالاق!

— ۋايجان!

ئەلفىرە گۈللۈك يېنىدىكى چويۇندەك مۇز تۇتقان باسما قۇدۇق يېنىغا گۈپپىدە يىقىلدى. كۆز ئالدى قاراڭغۇلىشىپ، ئىنچىكە ئاۋازى زەئىپ ئىڭرىغاندەك بولدى-دە، بېشىنىڭ ئېغىرلىقىنى كۆتۈرەلمىگەندەك دۈم چۈشتى. شەۋكەت تېخى دەردى چىقمىغاندەك ئەلفىرەنىڭ بېقىنىغا كۈچەپ بىرنى تەپتى-دە، «تۈپۈك!» دەپ تۈكۈرۈۋېتىپ، غەزەپ بىلەن كىيىم ئاسقۇچقا ئېلىنغان خۇرۇم چاپاننى قولىغا ئالدى ۋە كەپكىسىنى بېشىغا بېسىپ كىيىپ، ھويلىدىكى قارلارنى غاچىلدىتىپ دەسسىگىنىچە چىقىپ كەتتى.

ھويلىنىڭ قورشاۋ تېمىغا يېقىن ياسالغان تال باراڭ ۋە باراڭ يېنىدىكى بىرنەچچە مېتىر كەڭلىكتە چوقچىيىپ تۇرغان ئەنجۈر، قارا ئۈرۈك، ئالما، نەشپۈت كۆچەتلىرىگە قونغان ئاپئاق قار ئايسىز قاراڭغۇدا كۆكۈش يورۇپ تۇراتتى.

يېڭى دۇنياغا كۆز ئاچقىنىغا ئەمدىلا سەككىز ئاي بولغان ئەلمۇرات قورققىنىدىن «ۋىغ... ۋىغ...» يىغلاپ تېلىقىپ قالغان ئىدى. 16 ياشلاردىكى بالا باققۇچى قىز رەنا ئەلمۇراتنى قۇچاقلاپ، غال-غال تىترىگىنىچە ھاڭگەچ ئوچۇق قالغان ئىشىكتىن سوغۇق ھاۋا ھۇشقىرىپ تۇرغان ھويلىدا مىدىر-سىدىر قىلماي ياتقان ئەلفىرەگە قاراپ كۆز يېشىنى توختىتالماي قالدى. ئەلمۇرات ھېلىدىن-ھېلىغا تېلىقىپ-تېلىقىپ يىغلاۋاتاتتى. رەنا بالىغا سۈت پاراشوكىدىن بەرگەندىن كېيىن، بالا ئاستا ئۇيقۇغا كەتتى. ئۇ بالىنى ياتقۇزۇپ قويۇپ، يۈگۈرۈپ سىرتقا چىقتى ۋە ئەلفىرەنىڭ يېنىدا زوڭزىيىپ ئولتۇردى. مەرۋايىتتەك تۆكۈلۈۋاتقان كۆز ياشلىرىنى توختىتالماي ھېققىدايتتى.

— ئاچا... ئاچا... كۆزىڭىزنى ئاچىڭە! جېنىم ئاچا!...

ئۇ ئەلفىرەنىڭ بېشىنى كىچىككىنە يوتىسىغا ياتقۇزدى. تېخىچە ئۈن-تۈنسىز ياتقان ئەلفىرەگە قاراپ رەنانىڭ يۈرىكى ئېچىشىپ كەتتى. قار ئۈستىدە ئەلفىرەنىڭ بەدىنى مۇزلاپ، ياپراقتەك تىترىمەكتە ئىدى. رەنانىڭ كۆزلىرىدىن ئاققان ياش ئەلفىرەنىڭ قار ئارىلاش چاچلىرىغا سىڭىپ كىرەتتى.

— ئاچا، نېمە بولدىڭىز?!...

رەنانىڭ ۋۇجۇدىنى بىر خىل مۇدھىش قورقۇنچ چىرمىۋالغان بولۇپ، ئەلفىرەنىڭ يۈزىنى ئالقانلىرى ئارىسىغا ئېلىۋېلىپ ئەسەبىيلەرچە ۋارقىراشقا باشلىدى.

ئەلفىرە ئاستا كۆزىنى ئاچتى. قاتتىق تاياق زەربىسىدىن ياڭاقتەك ئىششىپ چىققان ئوڭ قاپىقى شىددەتلىك ئاغرىق ئازابىدىن كۆزلىرىنى ئېچىشقا پۇتلىكاشاڭ بولۇۋاتاتتى. ئۇ رەنانىڭ ياردىمىدە تەسلىكتە ئورنىدىن تۇردى ۋە دەلدۈڭشىپ مېڭىپ ئۆيگە كىردى. خرۇستال لامپا يورۇقىدا ئەلفىرەنىڭ تامدەك تاتارغان يۈزىنىڭ ئوڭ تەرىپىدىكى ئىششىق ۋە كۆك ئالاھىدە كۆزگە تاشلىناتتى. جاۋغىيىدىن ئېقىپ چىققان قان مايسىرەڭ پوپايكىسىنى قىپقىزىل بويىۋەتكەنىدى. چۇۋۇلغان چاچلىرى قان يۇقىدا بىر-بىرىگە چاپلىشىپ كەتكەنىدى. ئۇ سەلدەك ئېقىۋاتقان ياشلىرىنى قولىنىڭ دۈمبىسىدە سۈرتۈۋېتىپ، كۆزلىرىنى ئوماق ئوغلىغا تىكتى. بالا يېنىك تىنىپ، پۇشۇلداپ ئۇخلاۋاتاتتى. چۈش كۆرۈۋاتامدىكىن، گاھىدا پىسسېڭڭىدە كۈلۈپمۇ قوياتتى. ئۇ ياشتا خىرەلەشكەن كۆزلىرى بىلەن ئۆينىڭ ھەممە بۇلۇڭلىرىغا ئۈمىدسىزلىك، غېرىبلىق، نەپرەتلىنىش ئارىلىشىپ كەتكەن مۇرەككەپ ھېسسىياتلارنىڭ ئىسكەنجىسىدە قاراشقا باشلىدى. ئۇ بىر بېسىپ، ئىككى بېسىپ تېلېفوننىڭ تۈۋىگە كەلدى ۋە كۈچسىز بارماقلىرى بىلەن تېلېفوننىڭ كۇنۇپكىلىرىنى بېسىشقا باشلىدى.

— ۋەي، سىڭلىم گۈلنىگار، مەن ئەلفىرە. ئاپام ئۆيدە بارمۇ؟ — دېدى ئۇ زەئىپ ئاۋازدا.

— ئەلفىرە ئاچاممۇ سىز؟ ئاپامنى چاقىرىپ قوياي-ھە! — تېلېفون ترۇپكىسىدىن شەۋكەتنىڭ سىڭلىسى ئاينىگارنىڭ زىل ئاۋازى ئاڭلاندى.

— بولدى، چاقىرماڭ، ئاپام بىزنىڭ ئۆيگە بىر كېلىپ كەتسە بوپتىكەن، سىز يەتكۈزۈپ قويۇڭ، بولامدۇ?... — دېدى ئەلفىرە تىترەڭگۈ ئاۋازدا.

ئۇزاق ئۆتمەي، كۈلرەڭ قېلىن تىۋىتلىق ياغلىقنى پېشانىسىگە چۈشۈرۈپ چەككەن، ئۇچىسىغا ساپ قوي يۇڭىدىن ئىشلەنگەن قارا رەڭلىك پالتو كىيگەن ئەلفىرەنىڭ قېينانىسى ھەجىخان ھاسىراپ-تۆشۈككەن ھالدا پەيدا بولدى. ئۇلارنىڭ ئۆيى ئەلفىرەنىڭ ئۆيىگە ئانچە يىراق ئەمەس ئىدى. ھەجىخان كارىۋاتتا ئوڭدىسىغا ياتقان ئەلفىرەنىڭ چىرايىغا قاراپلا ئوغلىنىڭ ئۇنى ئۇرغانلىقىنى پەملىدى ۋە چىرايى ئۆڭۈشكە باشلىدى. ھاسىراشتىن سېمىز گەۋدىسى بىر كۆتۈرۈلۈپ، بىر پەسەيتتى.

— ئاپا!... — ئەلفىرە ئالدىدىكى پور كۆتەكتەك گەۋدىگە ئۆزىنى ئېتىپ، سېمىز بوينىغا گىرە سالدى-دە، قوبۇل قىلىش ئىنتايىن قىيىن بولغان، كۆز ئالدىدا رۇي بەرگەن ۋەقە كەلتۈرۈپ چىقارغان روھىي ۋە جىسمانىي ئازابتىن ئۈن سېلىپ يىغلىۋەتتى. ئۆزى چىن قەلبىدىن ئىشەنگەن ئادەم ئەلفىرەنىڭ قەلب كېمىسىنى تۇرمۇش دېڭىزىنىڭ تەتۈر قايناملىرىدا رەھىمسىزلەرچە ئازاب دېڭىزىغا چۆكتۈرۈۋەتكەن ئىدى. ئۇ بۇنىڭ بىر قېتىملىق قاباھەتلىك چۈش بولۇپ قېلىشىنى چىن قەلبىدىن ئۈمىد قىلاتتى. ۋاھالەنكى، بۇ چۈش ئەمەس، بەلكى ھەقىقەت، يەنە كېلىپ تېخى ھېلىلا زاھىر بولغان رەھىمسىز رېئاللىق ئىدى.

Yorumlar

Bu blogdaki popüler yayınlar

تاڭ دەۋرى شېئىرلىرىدىن

ئۇيغۇرلۇق روھى بىزگە نېمە دەيدۇ؟

سىياسىي ئانسامبىلچىلىقتا قوش يۈزلۈك سەتچىلىك