قالدى يۇرتۇم كۆز يەتكۈسىز يىراقتا (شېئىر)
بۇنىن قالدى يۇرتۇم كۆز يەتكۈسىز يىراقتا، چۈشلىرىمگە ھەمراھ يېزا، باغلىرى، يول بويىدا كۆككە يەتكەن دەلدەرەخ، يېشىللىققا تولغان باھار چاغلىرى. ئاق بۇلۇتلار ئوينار مەيىن داۋالغۇپ، سەھەر پەيتى زۇمرەتتەك كۆك ئاسماندا. شۈدىگەردە ئېڭىزلارنىڭ جىلۋىسى، تەڭكەش بولۇر گويا قۇشلار ساپانغا. بوز تورغاينىڭ مۇڭلۇق، ياڭراق ناۋاسى چۈشەر كۆكتىن يەر —مۇقەددەس ماكانغا. قالدى يۇرتۇم كۆز يەتكۈسىز يىراقتا، چۈشلىرىمدە ئۇ يەردىكى ھۆر نىگار، شەھلا كۆزى ئەسلىتەر كۆك دېڭىزنى، مەجنۇنتالدۇر چېچى، قەددى بىر چىنار. شەيدا قىلغان ئۇنى ئوتلاق، جىمجىتلىق، ئانا يۇرتى ھەمدە نۇرلۇق تاڭ سەھەر. ئالدىدىكى چەكسىز كەتكەن دالىغا تۇرار سېلىپ ھۆرمەت بىلەن كۆز-نەزەر؛ پەرۋاز قىلار خىيالنىڭ كەڭ كۆكىدە، لەۋلىرىدە تەبەسسۇمى شادلىقنىڭ. ئېھ، ئۇنىڭدا ئەكس ئەتكەن دەسلەپكى گۈل باھارى بەخت بىلەن ياشلىقنىڭ. جاسارەت تاش تەرجىمىسى