Kayıtlar

مۇئەللىم etiketine sahip yayınlar gösteriliyor

كۆيگىلى كەلدىڭلىمۇ، كۆيدۈرگىلى كەلدىڭلىمۇ!

ئادەم ئىلاۋە: «ئىنتايىن نامۇناسىپ بىر پەيتتە، ئىنتايىن بىنورمال بىر يازمىنىڭ ئوتتۇرىغا تاشلانغانلىقىغا قارىتا دەسلەپتە بىرئاز ئىچىم ئاچچىق بولدى. شۇ سەۋەبتىن «مۇئەللىم» توردىشىمىزنىڭ مەزكۇر يازمىسىدىن سۆزمۇسۆز ئېلىپ دىئالوگلاشماقچى بولۇپ، ئازراق يازغاندىن كېيىن يەنىلا پەقەت ئۆزۈمنىڭ ئويلىغانلىرىمنى ئوتتۇرىغا قويۇش بىلەنلا كۇپايىلىنىشنى توغرا كۆردۈم. بۇنىڭدىكى سەۋەب ئىنتايىن ئاددىي، ئۇ بولسىمۇ چۈشىنىشمەسلىكنىڭ تېخىمۇ ئەۋجىگە چىقىپ كەتمەسلىكى... شۇ مۇناسىۋەت بىلەن بارلىق قېرىنداشلىرىمىزنىڭ ئېغىر-بېسىقلىق بىلەن يازمامنى ئوقۇپ چىقىپ، ئاندىن پىكىر-تەكلىپلىرى ياكى ئېتىرازلىرى بولسا يوللۇق رەۋىشتە ئوتتۇرىغا قويۇشىنى سورايمەن. ئۇزۇن خەتلەرنى بېسىپ بولالمايدىغان قېرىنداشلارنىڭ بىر ئېغىزلا «ئەخلەت» ياكى ئۇنداق، مۇنداق دەپ ئىنكاس يازماستىن سەۋر قىلىپ، ئەخلىتى بىلەن جەۋھىرىنى ئايرىيالىغۇدەك بولغاندا قايتا كۆرۈپ چىقىشىنى تەۋسىيە قىلىمەن. ئاندىن يازمامدا تولۇق ھەققىنى بېرەلمىگەن ئۇستازلار ۋە سەپداش قېرىنداشلاردىن ئالدىن كەچۈرۈم سورايمەن. مۇشۇ يازمىنىمۇ يەنە يامانغا بۇراپ، تىرناقنىڭ ئاستىدىن كىر ئىزد...

«كۆيگىلى كەلدىڭلىمۇ، كۆيدۈرگىلى كەلدىڭلىمۇ» تېمىسىنى يازغۇچىغا جاۋاب (مۇئەللىم)

 ئەسسالامۇئەلەيكۇم. ئالدى بىلەن ناھايىتى قاملاشتۇرۇپ يېزىشقا تىرىشىلغان بۇ بىر پارچە خۇتبىنىڭ ئىگىسىنى تەبرىكلەيمەن. گەرچە مەن تەنقىتلەۋاتقان ئوبيېكتلارنىڭ پىكىرلىرىمگە نېمە دەپ ئىنكاس بىلدۈرۈشى مېنى ئانچە قىزىقتۇرمىسىمۇ، قارشى پىكىردىكى قېرىنداشلىرىمدىن چوقۇم مەن ئويلىيالمىغان، مەن كۆرۈپ يېتەلمىگەن جايلار بولسا، تۈزىتىپ بېرىشى مۇمكىن دەپ ئويلايتتىم. بىراق يازمىڭىزنى تولۇق ئوقۇپ چىققىنىمدىن كېيىن نەزىرىڭىزدىكى ئېغىر زىددىيەت، مەنتىقىسىز ۋە چۇۋالچاقلىققا تولغان بىر دۆۋە سۆز دۆۋىلىرىدىن پۈتۈپ چىققان بۇ بىر پارچە تېمام سىزدەك قەلەم قۇۋۋىتى ياخشى، ئەدەبىياتتىن ئاساسى بار، تىل سەنئىتىگە يامان ئەمەس، ئوقۇرمەننى گاھ ھاياجانغا، گاھ دەككىگە سالالايدىغان يازارمەننى شۇنچە ئۇزۇن ۋە تەخىرسىز چىچاڭشىتىۋېتەلىگەن، ئىچىڭىزنى تېشىغا تولۇق ئۆرۈپ ئەسكى پالازنى قاققاندەك راسا قاقتۇرۇۋېتەلىگەنلىكىدىن تەنقىدنى ناھايىتى جايىغا كەلتۈرۈپ يېزىۋەتكەنلىكىمگە قانائىتىم ئاشتى. يازمىڭىزنى باشتىن-ئاخىر ئېرىنمەي ئوقۇپ چىقىپ سىزگە بىرمۇبىر جاۋاب قايتۇرۇشنى ئارتۇقچە ھېس قىلدىم. ئەمما سىز ئەجىر قىلىپ يازغان ئىكەنسىز، ...

تۇرغۇن سۇدىكى ئۈنسىز بېلىجانلار (مۇئەللىم)

بىلىم-مەرىپەتنىڭ رولى ۋە ئەمەلىيىتى كۆرۈلمەيۋاتقان، ئەمما ئاڭسىزلارچە بىلىم-مەرىپەتكە رىغبەتلىنىش ئەۋج ئالغان بۇ مىكروجەمئىيەتتە كۆزىمىزنى قاياققا تىكمەيلى ئوقۇشنىڭ، ئىلىمنىڭ كويىدا يۈرۈۋاتقانلارنى قەدەمدە ئۇچرىتىپ تۇرىمىز. ئىلىمنىڭ ھىدىنى ئېلىشقا باشلىغان ئادەتتىكى ئوقۇغۇچىدىن تارتىپ تاكى ئىلىمنىڭ شېرىن لەززەتلىرىنى سۈرۈۋاتقانلارغا قەدەر ھەممىگە «سىز نېمە ئىش قىلىسىز؟» دېگەن سوئالنى قويغىنىڭىزدا، بۇنىڭ جاۋابىنى پەرەز قىلماق ئانچە تەس بولمايدۇ. ئەمما سوئال: «ئوقۇشتىكى غايە نېمە؟» دېگەن نۇقتىغا كەلگەندە جاۋاب ئىگىلىرىنىڭ چىراي-شەكلىنىڭ تۈرلۈك ئۆزگىرىشلىرىگە بېقىپ ئوخشىمىغان جاۋابلارنى ئاڭلايسىز. دەسلەپتە قاھىرەدە ئوقۇغۇچىلارنىڭ كۆپىيىشىگە نىسبەتەن ئۇستاز ئاتىقىدىكىلەرنىڭمۇ ئاۋۇپ قېلىشىدىن «ھەرھالدا ئىلىمنىڭ لەززىتىنى ئالدىن ئالغانلار ئىلىمغا يېڭىدىن قەدەم ئېلىۋاتقانلارغا ھەمدەم بولۇشنى ئويلاپتۇ» دېگەن ئويغا كەلگەن بولسام، مانا ئەمدى ئاشۇ ئىلىمنىڭ لەززىتىنى ئېلىۋاتىدۇ دېگەنلەر نەزىرىمدە ئىلىمنىڭ ئېچىغان، سېسىغان قىسمىغا ھەمدەمچى شېرىك ئىزدەۋاتقانلاردەك بىلىنىدىغان بولۇپ قالدى. ياق، بەلكى...