Kayıtlar

ئابلەھەت ئابدۇللاھ etiketine sahip yayınlar gösteriliyor

رۇبائىيلار (ئابلەھەت ئابدۇللاھ)

1 كەلگۈسىدە مارسقا سېلىنسا بىر يول، ئادەملەر ئۇچۇشسا شادلىنىپ ئۇدۇل. شۇندىمۇ ۋەتىنىم، بىر گىيا بولۇپ، باغرىڭدا ياياتتىم يەنىلا تومۇر.   2 كىم ياخشى كۆرمەيدۇ شېرىن ئالمىنى، كۆزنى يەپ، دەپ تۇرسا "قېنى، ئال مېنى!" نە ئۈچۈن ئۈرتەنمەس ۋىجدان غەزەپتىن، ئالما يەپ، باغۋەنگە ئاتسا چالمىنى.   3 سۆزلىمەك ھەممىدىن ئاسان ۋارقىراپ، سۆز ئەمەس كىشىنىڭ ھەرىكىتىگە باق. بەزىلەر سۆز بىلەن كۆككە يامىشار، ئىشىدىن باراڭغا چۈشمەيدۇ قاپاق.