كۆك يۈزىدە غەمگە پاتقان ئاي (شېئىر)
پۇشكىن كۆك يۈزىدە غەمگە پاتقان ئاي، ئۇچراپ قالدى خۇشال شەپەقكە. بىرى كۆيگەن ئوت، بىرى مۇز - سوغۇق، شەپەق ئوخشار كۈلگۈنچەك قىزغا، ئاي ئوخشايدۇ خۇنۇك ئۆلۈككە. كۆرگەن چېغىم سېنى ئېلۋىنا، مەنمۇ شۇنداق ئوخشاش سىياقتا. مۇھەممەد چاۋا ر تەرجىمىسى