لى بەي 1 مۇناجات چىقمىدى خېلىدىن بۇيان، ياشاندىم مەن ئەمدى كىم سۈرەر زۇۋان؟ خەلق ئارا تەرك بولدى شاھانە نەزمە، چاتقالغا ئوخشىدى يېغىلىق زامان. ئەجدىھار، يولۋاسلار ئوزۇق تالاشتى، جەڭ ئوتى يامرىدى غالجىر چىن تامان. نەزمىچى زارلىنىش دەرياسىغا غەرق، چىن سادا ئۈستىنى قاپلىدى مانان. بېسىلىپ ياڭ شيۇڭۇ، سىما دولقۇنى، سەل يامراپ كەتكەندەك بولدى يار شۇئان. گۈللىنىش خارابلىق بولسىمۇ بىئەت، لاتقىغا ئايلاندى نەزمىدە مىزان، نەزمىلەر تۈگەشتى جىيەنئەندىن كېيىن، يارماققا ئەرزىمتى رەزگى چاقنىغان؟ تەۋەرۈك ساددىلىق ئىزىغا چۈشتى، قەدرىنى تاپتى چىن- ساپلىق بۇ دەۋران. قابىللار ئۇلىشىپ ، ئادىل زامانغا، كارامەت كۆرسەتتى، ئەيلىدى جەۋلان، پارلىدى نەزمىنىڭ شەكلى مەنىسى، يۇلتۇزغا تولغاندەك بولدى كەڭ ئاسمان. مۇرادىم: بوۋامنىڭ كۈتكەنلىرىدەك، تارىختا پارلىسا نەزمەم بىئارمان. ۋۇجۇدۇم، زېھنىمنى بەخش ئېتىمەن، ئەۋلىيا بوۋامدەك قۇچۇش ئۈچۈن شان! 2 لوياڭنى قۇچقاندا خوش باھار كۈنلەر، تۈمەن مىڭ ھويلىدا ئېچىلدى گۈللەر. سەھىرى كۆڭۈلنى مە...