جىنلىڭدىكى سۇمرۇغگاھقا چىققاندا (شېئىر)
لى بەي
سۇمرۇغگاھتا سۇمرۇغ بىر چاغ دەۋران سۈرگەن سەير ئېتىپ،
كۈۋەجىگەن ئېقىنغىنا قاپتۇ بۇ تاپ سۇمرۇغ كېتىپ.
ۋۇ قەسرىنىڭ ئىزنىسىدا ئوت بېسىپتۇ چىغىر يولنى،
چىن دەۋرىنىڭ بەگ- خانلىرى قەدىم قەبرە بوپتۇ سېسىپ.
ئېگىز كۆكنىڭ قەھرىگىچە قادىلىپتۇ ئۈچ چوققا تەڭ،
ئاققوتاندا ئايرىلاركەن ئىككى ئېقىن ئويناپ ئېقىپ.
قارا بۇلۇت توسۇۋالغاچ كۈن نۇرىنى بۇ دەم تۈگەل،
چاڭئەن ياقنى كۆرەلمەي ھېچ قالدى دىلىم غەمگە پېتىپ.
ياسىن ھاۋازى تەرجىمىسى
Yorumlar
Yorum Gönder