Kayıtlar

نۇرمۇھەممەت توختى etiketine sahip yayınlar gösteriliyor

تاغام ھەققىدە ھېكايە (3)

(راست ئىشلار خاتىرىسى) نۇرمۇھەممەت توختى 5 ئ ۈچ كۈن ئۆتتى، كۆكقۇمنىڭ تېرەك بوستانلىق مەھەللىلىرى ئېغىر سۈكۈنات ئىچىدە جىمىپ كەتتى. پەقەت خورازلارنىڭ چىللىشى، مۇئەز زىن ئاخۇنۇمنىڭ ئەزان ئاۋازى، كالىلارنىڭ مۆرىشى، ئېشەكلەرنىڭ ھاڭرىشىلا بۇ يەردە ھاياتلىقنىڭ داۋام قىلىۋاتقانلىقىدىن بېشارەت بېرەتتى. ئەترەت باشلىقىنىڭ تاڭ ئاتماستىنلا تاك-تاك ئۇرۇپ «سەھەرلىك دولقۇن»غا چىللايدىغان، ئۆگزىگە چىقىۋېلىپ قاڭالتىر كانايدا ئىشقا ئالدىرىتىد ىغان سادالىرى يوق بولغانىدى. ئۇ مەڭگۈگە يوق بولىدىغ اندەك تۇيۇلاتتى. يۈسۈپ قارا قۇلاقمۇ گويا ئ ۆچەككە كىرگەن قارا قۇلاقتەك كۆرۈنمەي قالدى . كىشىلەر ئۇنى يۇرتنى تاشلاپ چىقىپ كېتىپتۇ دېيى شەتتى. ئەمما كوپىراتسىيە بۇلاڭ-تالاڭغا ئۇچراپ ئۈچىنچى كۈنى كەچتە ئۇ بىر توپ شەپكە كىيگ ەن كادىرلارنى باشلاپ قايتىپ كەلدى. شۇ كۈنى كېچە كۆكقۇملۇقلارنىڭ دەرۋازا-ئەگۈنلىرى داقىلدىتىپ قېقىلىپ ئەنسىزلىك بىلەن ئۆتتى. تاڭ ئاتقاندا ئاۋۋال تاك-تاك ئاۋازى، كېيىن ئۆگزىگە چىقىپ قاڭالتىر كانايدا ۋارقىرىغان يۈسۈپ قارا قۇلاقنىڭ تونۇش ئاۋازى ئاڭلاندى. ئۇ ھەممە كىشىنى كوپىراتسىيىنىڭ چوڭ خامىنىدا...