شائىرلار (شېئىر)
سىۋىتايېۋا شائىر ئۇ سۆز باشلاپ كېلەر يىراقتىن، شائىر ئۇ سۆز قوغلاپ بارار يىراققا. سەييارە، بېشارەت، غەيرىي ئىشلارنىڭ ئازگىلى، ھەق-ناھەق تارتىشلار ئارا ئۇ ھەتتا بىنادەك قەد كەرگەن ئادەم، قۇيرۇقلۇق يۇلتۇزنىڭ يولى… ..........................سەن قارا! شائىرنىڭ يولىدۇر چەمبەرچەس زەنجىر، ئۇندىكى تۇرمۇشقا ئەينى بىر مىسال. بېشىڭنى كۆتۈرۈش، ئۈمىدسىز سىلەر شائىرلار قوۋمىدا ئاي كۆيۈش دېگەن ئىلگىرى تەقۋىمگە يېزىلمىغان ھال. ئۇ ئاشۇ قارتىنى قوچىغان ئادەم، ھەسسە ۋە مىقدارنى سىرغا ئورىغان. ئۇ ئاشۇ كىتابلار كەينىدە تۇرۇپ كانتىنى تۈگەتكەن كىم دەپ سورىغان… تاۋۇتى ئىچىدە باستىلىيانىڭ[1] دەرەختەك دېگەن كىم! كۆرۈڭلار مەن ئۇز. ئىزلىرى مەڭگۈگە ئىسسىمايدىغان خەق مەڭگۈ يېتەلمەس ئۇ بىر پاراۋۇز. قۇيرۇقلۇق يۇلتۇزنىڭ يولى سەن قارا، شائىرنىڭ يولىدۇر ياندۇرۇش پال-پال. پەرۋىش-مەس، ئۈزۈشتۇر، قوپۇرۇش، بۇزۇش ھاياتنىڭ يوللىرى يايلىلىق سوقماق، ئىلگىرى تەقۋىمدە يېزىلمىغان ھال. 1923- يىل 28- ئاپرېل ____ [1] جاي ئىسمى. ئوسمانجان ساۋۇت تەرجىمىسى