ئەجەبمۇ ئوخشايدۇ مېڭىشىڭ ماڭا (شېئىر)
سىۋىتايېۋا
ئۇياتچان كۆزلىرىڭ، يەرگە باققان ھەم.
مېنىڭمۇ كۆزلىرىم شۇنداقتى دەسلەپ،
توختىغىن يولۇچى، توختىغىن بىردەم.
ئوقۇپباق سىنچىلاپ سىنتاشنى ھەمدە.
ئۇندا بار ئىسمىمنىڭ مارىنالىقى،
قانچىلىك بولغىنىم يورۇق ئالەمدە.
شۈركىنىپ كېتىسەن چىقسام ناۋادا.
ئەزەلدىن ھەزىلگە ئامراق خۇيۇم بار،
چىن ئىزھار چەكلەنگەن لېكىن ئۇ چاغدا.
چىڭگىلەك چاچلىرىم يەلپۈنگەن كۆركەم.
ئەسلىدە مەنمۇ بىر تىرىك جان ئىدىم،
يولۇچى توختىغىن، توختىغىن بىردەم.
ۋە كېيىن ئۈزەرسەن مېۋە بىر قۇچاق
تەڭداشسىز ئۆسىدۇ بۇندا بۆلجۈرگەن،
ئەتلىك ۋە سەردانە، شېرىن، خۇش پۇراق.
ئۈنسىز ۋە جىمجىت تۇر تۆۋەن سېلىپ باش.
شادىمان ھالەتتە ئەسلىكىن مېنى،
شادىمان ئۇنتۇغىن ئەسلەشكە ئوخشاش.
تېنىڭنى قاپلىدى نۇرلاردىن مانان.
پىنھاندىن يوللانغان مېنىڭ ئاۋازىم،
قىلمىغاي ھەرگىزمۇ سېنى پەرىشان.
ئوسمانجان ساۋۇت تەرجىمىسى
Yorumlar
Yorum Gönder