غازى ئەھمەدكە بېغىشلىما (شېئىر)
ياسىن زىلال تىلغا كىردى تاغۇ تاش، سۇ، گۈل - گىياھ، ئەسسالام مۆھتەرەم، ئەللامە رەسسام، سەنئەتكە رەڭ - جىلۋە بەرگەن قەدىردان، مۇبارەك ۋەسپىڭگە ئالىي ئېھتىرام، كامالەت سۈبھىدە چاقنىغان چولپان. نىگاھىڭ بەھرىگە چۆمگەن كەڭ دالام، ئەقلىڭدىن بېھىشزار بولدى گۈلىستان. چېكەڭدىن چىپىلداپ قەترىلەر تارام... چېچەكزار باغلارنى قىلدى ئاشىيان. ئۆمرۈڭنى ئېقىتتى دەريايى ئىلھام، تەپەككۇر دۇنياسى ئەقلىڭدىن ھەيران. تەبىئەت تۇيغۇڭدا گۈزەل گۈلئەندام، رەڭ چەكسەڭ تاشلاردىن تىرىلەر جانان. ھېسلىرىڭ يەلپۈنگەن تاغلاردا ئىكرام، ئەجرىڭگە تەئەززۇ بىلدۈرەر ئاسمان. قالتىس بىر كارتىنا ئون ئىككى مۇقام، روھلاردا جاراڭلاپ ياڭرايدۇ داستان. باغرىڭدا تەڭرىتاغ، تارىم، كەڭ دالام، ئىلى - قاش، يۇرۇڭقاش، تۈمەن، زەرەپشان.