يىراقتىكى ئىللىق ماكان (پوۋېست)
ئاپتورى: ماھىنۇر ئابدىلىم رەھىمسىز تەقدىر تەرىپىدىن تېڭىلغان غۇربەت، يوقسۇل تۇرمۇش قاينىمىدىن ئەسلىي ساڭا مەنسۇپ بولغان، ئەمما تۇرمۇشنىڭ تەتۈر قويۇنلىرى سەندىن تارتىۋالغان، ئۇزاق يىللار كۈتكەن، ئارزۇ قىلغان راھەت - پاراغەتلىك، مېھىر − مۇھەببەتلىك تۇرمۇش قاينىمىغا قايتىپ كېلىش نەقەدەر ياخشى، نەقەدەر لەززەتلىك - ھە؟ بائىمە شۇلارنى خىيال قىلغاچ يۇيۇنۇپ بولغان بولسىمۇ مۇنچىدىن چىققۇسى كەلمەي، ئىلمان سۇنىڭ ۋۇجۇدىنى يېنىك غىدىقلاپ ئەركىلىتىشىدىن، زامانىۋى ئۈسكۈنىلەر سەپلەنگەن تازىلىق ئۆيىنىڭ ئارامبەخش مۇھىتىدىن ھۇزۇرلىنىپ خېلى ئۇزاق تۇرۇپ قالدى. ئۇ ئۆزىنىڭ مۇنچىغا چۈشۈپ باقمىغىنىغا 15يىللارچە بولۇپ قالغانلىقىنى ئەسلىدى. بەلكىم ئۇنىڭدىنمۇ ئۇزاق بولۇپ كەتكەندۇ. يېرىلغان تاپانلىرى، يىرىك ئالىقانلىرى ئۇنىڭغا ئارقىسىغا تاشلىۋېتىپ كەلگەن جاپالىق تۇرمۇشىنى دەممۇدەم ئەسلىتىپ تۇراتتى. كۆزىگە ھويلا تېمى چۆرۈلمىگەن، ئالدىدا چەللە باراڭ بار ئاددىيغىنە ئۆيى، ئۇنى كۆرسىلا مۆرىشىپ، مەرىشىپ يەم - خەشەك جېدىلى قىلىدىغان قوي - كالىلىرى، ئېشەك ھارۋىسىغا دۆۋىلەپ باسقان ئوت - چۆپ ئۈستىدە ئولتۇرۇپ كېلىۋاتقا...