كۆيگىلى كەلدىڭلىمۇ، كۆيدۈرگىلى كەلدىڭلىمۇ!
ئادەم ئىلاۋە: «ئىنتايىن نامۇناسىپ بىر پەيتتە، ئىنتايىن بىنورمال بىر يازمىنىڭ ئوتتۇرىغا تاشلانغانلىقىغا قارىتا دەسلەپتە بىرئاز ئىچىم ئاچچىق بولدى. شۇ سەۋەبتىن «مۇئەللىم» توردىشىمىزنىڭ مەزكۇر يازمىسىدىن سۆزمۇسۆز ئېلىپ دىئالوگلاشماقچى بولۇپ، ئازراق يازغاندىن كېيىن يەنىلا پەقەت ئۆزۈمنىڭ ئويلىغانلىرىمنى ئوتتۇرىغا قويۇش بىلەنلا كۇپايىلىنىشنى توغرا كۆردۈم. بۇنىڭدىكى سەۋەب ئىنتايىن ئاددىي، ئۇ بولسىمۇ چۈشىنىشمەسلىكنىڭ تېخىمۇ ئەۋجىگە چىقىپ كەتمەسلىكى... شۇ مۇناسىۋەت بىلەن بارلىق قېرىنداشلىرىمىزنىڭ ئېغىر-بېسىقلىق بىلەن يازمامنى ئوقۇپ چىقىپ، ئاندىن پىكىر-تەكلىپلىرى ياكى ئېتىرازلىرى بولسا يوللۇق رەۋىشتە ئوتتۇرىغا قويۇشىنى سورايمەن. ئۇزۇن خەتلەرنى بېسىپ بولالمايدىغان قېرىنداشلارنىڭ بىر ئېغىزلا «ئەخلەت» ياكى ئۇنداق، مۇنداق دەپ ئىنكاس يازماستىن سەۋر قىلىپ، ئەخلىتى بىلەن جەۋھىرىنى ئايرىيالىغۇدەك بولغاندا قايتا كۆرۈپ چىقىشىنى تەۋسىيە قىلىمەن. ئاندىن يازمامدا تولۇق ھەققىنى بېرەلمىگەن ئۇستازلار ۋە سەپداش قېرىنداشلاردىن ئالدىن كەچۈرۈم سورايمەن. مۇشۇ يازمىنىمۇ يەنە يامانغا بۇراپ، تىرناقنىڭ ئاستىدىن كىر ئىزد...