رۇبائىيلار (ئابدۇكېرىم مەخسۇت)
1 مەن يىغلاپ تۇغۇلدۇم، كۈلۈپ ياشايمەن، ھاياتنى قەدىرلەپ، سۆيۈپ ياشايمەن. بىلىم ئىشتىياقى قەلبىمدە چەكسىز، ئۆمۈرنى ئۇزاققا سوزۇپ ياشايمەن. 2 تارىخ مەندىن دائىم ئالار ئىمتىھان، بۇ ئىمتىھان مېنى تاۋلايدۇ ھامان. مەن خۇشال، بەختىيار، تامچە تەرىمدىن خەلقىم بەھرە ئېلىپ بولسا شادمان. 3 تېنىڭدە بار ئىكەن جېنىڭ مەرد يىگىت، ئەجرىڭدىن چۆللەرنى بوستان ئەت يىگىت. ياۋ رۇستەم بولسىمۇ ئەگمە بېشىڭنى، ۋەتەن دەپ ئالەمدىن خۇشال كەت يىگىت. 4 ۋۇجۇدۇڭ چۆمۈلسە كۈمۈشتەك تەرگە، يىللارنىڭ كۆكسىنى چۈمكەيدۇ زەرگە. قازا ئۇزارتسىمۇ سېنى يەرلىككە، نۇر كەبى ئىجادىڭ كۆمۈلمەس يەرگە. 5 يىل ئىكەن ئۆمۈرگە ئۆلچەم ۋە مىزان، ئەزەلدىن بۇ ھېساب ھەممىگە ئايان. ھاياتنىڭ قىممىتىن ئانا تۇپراققا، تۆكۈلگەن ھەر تامچە تەر قىلۇر بايان. 6 مۇشەققەت - ھالاۋەت قوشكېزەك ئەسلى، قىش ئۆتسە كېلىدۇ گۈل باھار پەسلى. يەڭ تۈرۈپ تەر تۆكسە ئانا يەرگە كىم، يار ئاڭا تۈگىمەس خەزىنە ۋەسلى. 7 ئۆمۈرنىڭ گۈل پەسلى - كۆكلىمى ياخشى، كۆكلەمنىڭ مىننەتسىز تەقدىمى ياخشى. ھەسرىتىڭگە ئۆتمۈش قايتىپ كەلمەيدۇ، بىلگىنكى، بۈگ...