Kayıtlar

غوجىمۇھەممەد مۇھەممەد etiketine sahip yayınlar gösteriliyor

مۇھەببەتنىڭ دوزىخىدا ئۆچۈپ قالماس ئوت (شېئىر)

  غوجىمۇھەممەد مۇھەممەد يارى جاندىن چىقىپ كەتسە يالغۇز ئۆلمەس كىم، دۇتار چالغان كىمكىن باغدا مەستخۇش، مۇلايىم؟ بەرمەسمۇ ھە، تاشقا سادا، تۇپراققا ناۋا قارىغۇغا ھاسا بەرگەن قادىر خۇدايىم؟! بىر جان بىلەن بىر جان ئىكەن ئاشىق – بىقارار، قاتىل كۆزلەر چاقناپ تۇرار يۇلتۇزلار ئارا. ھەر بىر گۈلنىڭ نەپرىتىدە تىكەنلەر قىلىچ، ساقىيارمۇ يۈرەكتىكى جاراھەت – يارا؟ سىلاپ ياتسام يۇلتۇزلارنىڭ نەم چاچلىرىنى يورۇپتۇ تاڭ، كۈلۈمسىرەپ غەمگۈزار ئاپتاپ. شاد كۆڭلۈمنىڭ دەرۋازىسى كەڭرى ئېچىلىپ قۇياش نۇرى يۈزلىرىمنى تۇرۇپتۇ سىلاپ... دىللار مۇزلاپ، بۇ ئالەمنى قاپلىماسمۇ جۇت مۇھەببەتنىڭ دوزىخىدا ئۆچۈپ قالسا ئوت؟ ئۆكۈنمەيمەن، ئەسلەپ تۇرار مېنى مەڭگۈگە چۈنكى يارىم دېدى ماڭا: ئۇنۇتقىن، ئۇنۇت! 2008 – يىلى 23 – ئىيۇن . خوتەن

قۇيۇنتاز (شېئىر)

غوجىمۇھەممەد مۇھەممەد 1 مەن بولۇپ قالىمەن گاھى مەن بولماي قۇم پوتام، قۇم دوپپام... مەن بىر قۇيۇنتاز. قارغىغان بولۇشى مۇمكىن مەلىكە قەدىمكى زاماندا بولۇپ ئېھ، ماڭا ئاشىق – بىقارار؛ قوناقلىقتا قوناق قۇيۇنتاز، بۇغدايلىقتا باشاق قۇيۇنتاز. يۈزىنى يۇمىغان دەرياغا بېرىپ بۆكىنى چۆلدىكى يۇلغۇنغا بېرىپ كونا تام تۆشۈكى ئىچىگە كىرىپ سالغان تاز بېشىغا ياماق، قۇيۇنتاز. ئىچىدىن قاينىغان قانداق قۇيۇن ئۇ، تولغىنىپ زارلىغان قانداق ئويۇن ئۇ؟ چۆلدىكى تۈگىمەس تۆگىنى كۆرۈپ مۇقامنى نەمۇ نە يېتىلەپ يۈرۈپ گاھىدا تىرىلىپ، گاھىدا ئۆلۈپ قوشاققا قوشۇلغان ئوماق قۇيۇنتاز... 2 بىر تۇپراق ئۈستىدە بىر ئاسمان بولۇر بىر خەلق ئۈستىدە بىر پەرمان بولۇر بىر قەلب ئىچىدە بىر ئارمان بولۇر. ئەگەر بىر بولمىسا، ئۇ ئىككى بولسا يەردە نە ئىمان بولۇر، ئېلدە نە سۇلتان بولۇر؟... قىرى جىن تېلىقىپ قالدى گۇگۇمدا رەڭلەندى مۇھەببەت شەھۋەت دېغىدا. كۆڭۈلگە كىرگۈدەك بىر يول قالمىدى، شورىلار كۆپەيدى يارنىڭ بېغىدا. قۇياشقا ئوت يەتمەس، دەريالارغا سۇ، تۇپراقنى كۆيدۈردى يامغۇر تامچىسى. توزۇدى كىرلىكتەك ئاپئاق قانسىراپ قىلىچنىڭ بېسىدا جاننىڭ غۇنچىسى....

قەپەس (شېئىر)

  غۇجىمۇھەممەد مۇھەممەد ئەي قۇش، قەپەس ساڭا زىندان ئەمەسمۇ؟ ئەركىڭ بەختىڭ سېنىڭ ئاسمان ئەمەسمۇ؟ نىچۈن يەنە كۈيۈڭ شۇنچە ناۋالىق، پەرۋازىڭدا قەپەز ۋەيران ئەمەسمۇ؟ سېغىنمامسەن قارلىق تاغنى، دالىنى، جۈپ قانىتىڭ ساڭا ئىمكان ئەمەسمۇ؟ قۇش ئېيىتتىكى؛ سېغىنىپ ھۆر ئاسماننى قەپەس ئىچرە مەن ئاھ ئۇرۇپ يىغلىغان. لېكىن ساڭا ئاڭلىنار بەك يىقىملىق يۈرىكىمدىن چىققان نالە ۋە پىغان. ئاجىزلارنىڭ ھەسرىتى ۋە نالىسى كۈچلۈكلەرنىڭ كۆڭۈل خوشى ھەرقاچان. ... چۈشەنمەيسەن، سەنمۇ قەپەس ئىچىدە، سەن ئاتايسەن ئۇنى روھى زىندان دەپ. قىستىلىسەن شۇنچە كەڭرى دۇنيادا، ئاھ ئۇرىسەن شىرىن ئۈمىد، ئارمان دەپ. قان- يېشىڭنى مەي قىپ ئىچەر ئۆزگىلەر، ھۆركىرەيسەن ئاھ رەھىمسىز جاھان دەپ. نالەڭ- ناخشا، شېئىرلارنىڭ پايانى، بۇ سەنئەتنىڭ ئىچىنىشلىق جەريانى. قەپەس مېنى ئايرىۋەتتى ئاسماندىن قايتالايمەن لېكىن ئاڭا بىر زامان. قەپەس سېنى ئايرىۋەتتى نېمىدىن؟ باقمىدىڭ سەن ئويلاپ بۇنى ھىچقاچان... چۇل- چۇل قىلىپ چېقىۋەتتىم قەپەسنى، ھاياجاندا قۇش ئۆلدى مەن قەپەسنى چېقىپ بولغۇچە. ئۆتەر ئەمدى مېنىڭ قالغان ھاياتىم ئىزدەپ ئاشۇ ھاياجاننى ئۆلگىچە. 2002-...

ئاخشام (شېئىر)

غوجىمۇھەممەد مۇھەممەد   يامغۇر ياغدى يىراق خوتەندە. ئۆزۈم تەنھا يامغۇردا قالدىم كۈنلۈكۈمنى بېرىپ ھەيكەل*گە. ئۇ تۇيۇقسىز قىمىرلاپ سۆزلەپ كەتتى لېۋى مىدىرلاپ. زاغرا ناننىڭ ئۇۋاقلىرىدەك دانە- دانە ۋارقىراپ؛ غېرىب بولۇپ كەلدىڭمۇ بالام، ئېزىپ قېلىپ كەلدىڭمۇ بالام؟ دىلىڭ سۇنۇق، كۆزۈڭ ياش، مېنى پاناھ بىلىپ كەلدىڭمۇ بالام؟ قارا، قارا مەنمۇ بىچارە كەتتى باغرىم ھەسرەتكە تولۇپ. ئېلىپ كېلىپ مېنى مەجبۇرىي ئېتىزغا سۇ تۇتقان يېرىمدىن خامان ئېلىپ تۇرغان چېغىمدىن ھاشار ئىشلەپ تۇرغان سېيىمدىن يەر ئاغدۇرۇپ قايىتقان يولۇمدىن بۇ يېگانە يوچۇن شەھەرگە ( ئۇلار مېنى قىلىپ مەسخىرە) ھەيكەل قىىلىپ قويدى قاتۇرۇپ. چاپالمايمەن، قولۇمدا كەتمەن، ماڭالمايمەن، پۇتۇم زەنجىربەند. تۇرۇپ ھەركۈن مۇشۇ سۇپىدا مەجبۇرمەن جىم قاراپ تۇرۇشقا شەرقكە ئاھ، شەرققە پەقەت. كۆز ئالدىمدا يات تەن، يات كوچا ئاشپۇزۇللار، ئەخلەتخانىلار تۆكۈلگەن ئاش، چىرىگەن نانلار باش- پاناھسىز ئاچ قالغان بالا تىرىسىگە سىغمىغان ئىتلار... ئۈن- تىنسىز مەن مەجبۇرمەن قاراپ تۇرۇشقا. كۈنلۈكۈڭنى ئېلىپ كەت بالام، كۆنۈپ قالدىم قارغا، يامغۇرغا. ئېلىپ كەتكىن خالىساڭ ...

ئانا تىلىم (شېئىر)

  ئانا تىلىم سەن مېنىڭ روھىمدا پارلىغان ئاپتاپ. قىينىلىپ قالىمەن گاھى ئېيتالماي، تىلىم قىپقىزىل كېتىدۇ قاناپ. تۇمانلار قاپلىغان ئۆمرۈمدە مېنىڭ ئۇچىسەن بىردىنبىر ئەركىن قۇش بولۇپ. نىچۈندۇر پەريادلىق سۈكۈتتە بەزەن يۈرەك سىرلىرىمغا سالىمەن قۇلۇپ. چوڭقۇرۇمدا قەدىم ئورمانلار بۆرىنىڭ ھۇۋلىشى ئاڭلىنار ئۇندا. كېلىدۇ تۇلپارنىڭ كىشنىگەن ئۈنى، كېلىدۇ ئەجەلدىن چاقىرغان نىدا. ئانا تىلىم سىرلىق قۇچىقىڭغا يىقىلغان ھېكمەت. ھەر تاۋۇشۇڭدا شاۋقۇنلايدۇ قان، ھەر تامچە قاندا چاقنار ھەقىقەت. سەن بارسەن ئەجەل ئاستانىسىدەك قايناق ئېتىزدا قاقاس دېھقاننىڭ پەريادلىرىدا. كىيىمى يىرتىلغان جۇل- جۇل ئانىنىڭ ئايەتتەك مۇڭلۇق پىچىرلىشىدا. سەن بارسەن؛ ھاشارغا ماڭغان غەمكىن يىگىتنىڭ يۈرەكنى يارغان ئۇھسىنىشىدا. سەن بارسەن ئەللەي قوشىقى، خامان ناخشىسى ھەر تامچە تەر، ھەرتامچە ياشتا. سەن ئۆلمەيسەن چۈنكى سەن بىر ئۆلمەس ئەلنىڭ تىلىسەن. ئانا تىلىم ئانا تىلىم!... 1996- يىل ماي. خوتەن

سادىر پالۋان (شېئىر)

غوجىمۇھەممەد مۇھەممەد   سەن كەزگەن تاغلارغا قۇياش پاتمايدۇ، سەن ياتقان قەبرىدە ئۆلۈك ياتمايدۇ. سەن مىنگەن ئوق ئاتنى ئىزدەپ ئاھ ئۇرۇپ مىڭ ئەركەك تۈنلەردە چۆلدىن قايىتمايدۇ. باردۇر مىڭ قوشاقچى ئۆز زىندانىدا قاچماقنى ئىستەيدۇ، روھنى بىلەيدۇ. ساقلار مىڭ گۇندىپاي سەگەك، ئۇخلىماي، قولىدا مىڭ مىلتىق ئوقسىز، بىلمەيدۇ. تاغقا بىر كەتكەنچە چۈشمىدىڭ قايتا، قوشاقلىرىڭدىن مىڭ غىرىب، مىڭ يىتىم سېنى ئىزلەيدۇ. كۈتەر بەش بالاڭنى بۇندا بەش داۋان، پىچىرلار داۋانلار؛ سادىر ئۆلمەيدۇ! 1997- يىل ئۆكتەبىر. خوتەن

ئاخشام چۈشۈم ئۇخلىمىدى (شېئىر)

غوجىمۇھەممەد مۇھەممەد           (1) ئاخشام چۈشۈم ئۇخلىمىدى   يار ئۇخلىغان چۈشنى ئويلاپ. يار كەلمىدى،دەردى كەلدى كۆزدىن ئاققان ياشنى بويلاپ. دېدىم: چىققىن، ئەجەل كەلدى، پىچاق بىلەن جاننى ئويناپ. جېنىم دېدى: چىقمايمەن يارىڭ ئالسۇن مېنى تويلاپ...           (2) ئاخشام ھايات باشقا ئۆلۈم ھايات باشقا، ئۆلۈم باشقا. خەت يازدى كىم، ئاللاھ، ئاللاھ يۈرەكتىكى قارا تاشقا؟ خەتتە كىتاب، ۋاراق- ۋاراق ۋاراق- ۋاراق دەردۇ- پىراق يەردىن كۆككە يىغلاپ- يىغلاپ   غىرىب- غۇرۋا، يالاڭئاياق... نىمە دەرمەن ياردەردىدە كۆزلىرىمدىن ئاققان ياشقا؟!           (3) ئاخشام ئاينىڭ ياغلىقىنى ئوغرىلىغان يۇلتۇزلارنى، ئاخشام گۈلنىڭ باغلىقىنى يېشىۋەتكەن ناخشىلارنى، ئاخشام ئوتتىن بىر دەستە قان   سۇغا كەتكەن باياۋاندا، ئاخشام چۈشۈم ئۇخلىمىدى چۈشۈمدىكى پىشايۋاندا... 2011- يىلى 15- نويابىر

ئۆزى بىلەن سۆزلىشىش (شېئىر)

  غوجىمۇھەممەد مۇھەممەد - ھەقىقەت نىمە؟ - يەتتە قات ئاسمان ۋە يەتتە قەۋەت يەر. - گۈزەللىك نىمە؟ - گۇناھنىڭ باغرىدا ئېچىلغان گۈللەر. - نە ئۈچۈن ئىزلەيسەن ئۆزۈڭنى ھامان؟ - قالدىم بۇ دۇنيادا يارسىز، مەبۇدسىز. - نە ئۈچۈن قاچىسەن روھىڭ غارىدىن؟ - بىر بۆرە ئۇ يەردە ھۇۋلار تىنىمسىز. - نەلەردە يوقاتتىڭ ئەركىنلىكىڭنى؟ - تىگىشتىم ئەتىكى جەننەتكە ئۇنى. - نە ئۈچۈن چىھرىڭگە يولىماس كۈلكە؟ - ھەدىيە قىلغانمەن بۆشۈككە ئۇنى. - نە ئۈچۈن كەلدىڭ بۇ پانىي دۇنياغا؟ - بىلمەيمەن، ئىھتىمال ياشاش ئۈچۈن. - بىلەمسەن، ياشاشتىن مەقسىتىڭ نىمە؟ - ياشىشىم ئۆزۈمگە ئىرىشىش ئۈچۈن. - ئىرىشمەك بولغان ئۇ ئۆزۈڭ قەيەردە؟ - بىلمەيمەن، بەلكىم ئۇ مېنىڭ ئۆزۈمدە. - ئۆزۈڭ شۇ قەدەر يىراقمۇ سەندىن؟ - ياق، ئۇ تارىم ۋە تەكلىماكاندا. - ياشاپ تۇرۇپسەنغۇ شۇ يەردە ھازىر؟ - ياق، ئۇندا تۇرغىنى تېنىم پەقەتلا. - تېنىڭ ئۆزۈڭگە ئەمەسمۇ شاھىد؟ - ياق، ئۇ مەن ئۈچۈن چوڭقۇر بىر قەبرە. - چىقىسەن قەبرەڭنى پاچاقلاپ قاچان؟ - ئەتە، ئەتە، ئەتە... 1997- يىلى 8- ئىيۇل. خوتەن

ئانا سېنى كەتتىم سېغىنىپ (شېئىر)

  غوجىمۇھەممەد مۇھەممەد ئانا سېنى كەتتىم سېغىنىپ غېرىبلىق تور تارتقان شەھەردە. خىيالىمدا كۆرىمەن سېنى بارسەن ئىشىك تۈۋىدە گويا. يۆتىلىسەن ئۇزاق ئاھ، ئۇزاق كۆز ياشلىرىڭ تۇرار تامچىلاپ. پەنجىرىدىن قارايسەن گاھى دەردمەن ئوغلۇم ئۇخلىدىمۇ دەپ، چىقسام ھېچكىم يوقتۇر تالادا ئاھ، سەن يىراق، يىراق سەھرادا... بۇ يەردە بار نۇرغۇن ئانىلار ئاتىشىدۇ « بالام» دەپ مېنى ھېچقايسىسى سەن ئەمەس لېكىن. پەرىشتىدەك قاناتلىرىڭ بار، ھەر كېچىسى كېلىسەن ئۇچۇپ چۈشلىرىمگە تاغلىق كەنتتىن... ئويغانساملا بولىمىز جۇدا، ئاھ، سەن يىراق، يىراق سەھرادا. كەلگەنمىدۇ تۈلكىلەر يەنە، تۇرغانمىدۇ قويلىرىڭ ئامان؟ بار ئىدى ئاز، ئازلا بۇغدىيىڭ، قىشتىن قانداق چىقارسەن ئۇنى كەتكەن بولسا ئوغرىلاپ چاشقان؟! بۇندا قىشنىڭ ئەلپازى يوچۇن، بىر تۈندىلا كەتتى قار قاپلاپ بىنالارنى ھەمدە يوللارنى. چىقىش مۇمكىن ئەمەس تالاغا، يات بىر سوغۇق كېزەر شەھەرنى مېنىڭ مىسكىن قەلبىمگە قەدەر. ياتىقىمدا ئۈنسىز، بىناۋا ئولتۇرىمەن خىيالغا پېتىپ؛ جېنىم ئانا قىلغانسەن قانداق قوشتاغدىمۇ ياغقان بولسا قار؟ بار ئىدى ئاھ، بىرلا پوپايكاڭ بار ئىدى بىر، بىرلا چاپىنىڭ ...

ئەي ئانا (شېئىر)

غوجىمۇھەممەد مۇھەممەد ئەي ئانا مەن بىر غېرىب، مەن بىر غېرىب، ئەي ئانا مەن بىر ساراڭ، مەن بىر ساراڭ. ئىشەنمە تۈننى مەڭگۈ زۇلمەت دېسە، مەغرىبتىن قۇياش چىقىپ ئاتمايدۇ تاڭ... چوققىلار يۈكسەكلىكنى چۈشەنمەيدۇ، دېڭىزلار چەكسىزلىككە ئىشەنمەيدۇ. گۈللەر ھەم بەرگى خازان توننى كىيىپ باھارنى كىپەنلەيدۇ، كىپەنلەيدۇ. بارخانلار ئۇخلار بوران كىرپىكىدە، توغراقلار ئۆز سازىمنى چالسام دەيدۇ. ۋەتەندۇر مېڭىپ يۈرگەن ھەر بىر ئادەم، يەر مەڭگۈ ئۆز- ئۆزۈمدە قالسام دەيدۇ. مۇھەببەت ئۈچۈن بارچە جىنايەت ھەم، ئەبەدىي ياشاش ئۈچۈن ئۆلىدۇ شام. توسالماس، توسالمايدۇ، توسالمايدۇ چۈشلەرنىڭ پەرۋازىنى زۇلمەتلىك تام. ئىشەنمە چۆللەردىكى سۈكۈناتقا، ئىشەنمە سايلاردىكى ئۆلگەن تاشقا. ئىشەنمە تۇرغىنىمغا كۈلۈمسىرەپ، ئىشەنمە كۆزۈمدىكى تامچە ياشقا. ئىشەنمە رىۋايەتنى قايتماس دېسە، سەلتەنەت جەسەدلەردىن ئۆرە بولغان... ئەي ئانا مەن بىر غېرىب، مەن بىر غېرىب، ئەي ئانا مەن بىر ساراڭ، مەن بىر ساراڭ! 1999- يىل ئۆكتەبىر. خوتەن

ھەسرەت بىلەن يىغلىسا ئاسمان (شېئىر)

غوجىمۇھەممەد مۇھەممەد ھەسرەت بىلەن يىغلىسا ئاسمان زېمىن چۈشىنەر كۆز ياشلىرىنى. ھەسرەت بىلەن يىغلىسا ئانام مەن بىلمىدىم پەريادلىرىنى. قىش پەسلىدە دەرەخ يالىڭاچ سېغىنىدۇ ياپراقلىرىنى. تۇرسا كۈتۈپ يېگانە ئانام مەن بىلمىدىم ئازابلىرىنى. بۆشۈككە بۆلىگۈسى كېلەر ھېلىمۇ يېقىپ بېشىمدا چىراغلىرىمنى. ئىمىتكۈسى كېلەر ھېلىمۇ قوشۇپ سېغىنىش، پىراقلىرىنى. يېنىمدىلا تەكلىماكان، قوغدار ئۇنى توغراقلىرى. كىشنەپ- كىشنەپ قاپتۇ ئانامنىڭ ماڭا باققان ئارغىماقلىرى. ھە، ھەي مەن بىلمىدىم، بىلمىدىم. سېغىنغاندەك ۋەتىنىنى قۇل بىلگەن چاغدا چەكسىز يىغلىدىم. 1997- يىل، ئاۋغۇسىت. خوتەن

تۇيۇقسىز ئۆلدى دەپ تارقالسا خەۋەر (شېئىر)

  غوجىمۇھەممەد مۇھەممەد تۇيۇقسىز ئۆلدى دەپ تارقالسا خەۋەر جەسىتىم ئىككى كۈن قالار كوچىدا. جېنىمنى زۇلمەتلەر ئىچىدىن سۈزۈپ يارىمنىڭ ناخشىسى ئاڭلانماس قايتا. كىم بىلەر ئىتلارنىڭ غىرىبلىقىنى شەھەرنىڭ قار ياغقان كېچىلىرىدە. جەسىتىم يېنىدا ئولتۇرغان ئىتنى چۈشەنمەس ھىچكىشى، چۈشەنمەس قىلچە... ئاخىرقى تاماكام تۈگىىدى كۆيۈپ، بەك ئۇزاق ياشىدىم، قالمىدى تاقەت. قازدىم مەن قەبرەمنى قەلبىمگە چوڭقۇر مەن ئۇنى كۆتۈرۈپ يۈرىمەن ئەبەد. 2006- يىلى دېكابىر. خوتەن

غوجىمۇھەممەدكە (شېئىر)

غوجىمۇھەممەد مۇھەممەد ئادەم بولۇپ يارالغاچقىلا ياشاپ كەلدى ئادەملەر ئارا. سۆيگۈ ئۈچۈن توقۇدى داستان باھار رەڭلىك جىنازىسىدا. شائىر بولۇپ يارالغاچقىلا شېئىر يازدى ئۆلۈپ ئولتۇرۇپ. چىڭ قۇچاقلاپ جەسىتىنى، ئاھ يىغلىدى ئۇ كۈلۈپ ئولتۇرۇپ. ئۇ ھېچكىمگە ھېچنېمە دېمەي دەرۋازىسى چېقىۋىلدى. ئۈچ كۈنگىچە ھېچنېمە يېمەي پۇت- قوللىرى كېسىۋىتىلدى. ھارۋىكەشنىڭ سۇمبۇل قامچىسى قامچىلىدى تارام ئاھ، تارام. كېپىنەكنىڭ گۈزەل ئۆلۈمى ھاياتىنى قاپلىدى تامام. موزاي كىرپىك، تەخەي سۇباتلىق چۈمۈلە بەل، چىۋىن قاناتلىق ئۆمۈچۈك قىز كىردى ئۇياتلىق چۈشلىرىنى قىلدى سەرگەردان... ئۇ ئۆيىدىن ھىچيەرگە بارماي قۇرۇپ كەتتى چۆلنىڭ بايانى. كېزىپ چىقتى ئۆزىنى ھارماي كۆرۈنمىدى لېكىن پايانى. تاغلار ئۇنىڭ كىردى قەددىگە، كىرپىكىگە قوندى باياۋان. قەلەندەرلەر ساپايە چالدى ئىشىكىدە زارۇ- زار، ۋەيران. مەڭگۈ كىيىم كىيمەيدىغان گۈل مەڭگۈ كىيىم سالمايدىغان قىز مەڭگۈ ئۆلۈپ كەتمەيدىغان ئاي مەڭگۈ ئۆچۈپ كەتمەيدىغان ئىز... ئۇنى يالاپ ئاپاردى بۈگۈن قەلبىدىكى دارنىڭ ئالدىغا. سۇندۇرۇپ دار تۈۋرۈكلىرىنى يۈگۈردى ئۇ يارنىڭ ئالدىغا. يار ئۆلدى! توۋلىدى ئاھ، ھ...

مېنىڭ يالغۇزلۇقۇم يالغۇز (شېئىر)

  (غەزەللەر) غوجىمۇھەممەد مۇھەممەد 1 مېنىڭ يالغۇزلۇقۇم يالغۇز، تىكەننى خارۇ - زار ئەتتى، لېۋىم مەيخانىگە كىردى شاراب يوق، نالە - زار ئەتتى. قېنىم مەشرەپتە ئۇلغايدى، ناۋا قىلدى قەلەندەرلىك، دىلىمدا يەرۇ - ئاسمان ھەم كۆيۈشنى ئىختىيار ئەتتى. كۇلاھىم كۆك ئىرۇر، جەندەم پايانسىز چۆل - باياۋاندۇر، دەردى - غەم، نالە - ئەفغانلار مېنى پىنھان مازار ئەتتى. ئىتمۇ ھەم تۇرمايدىغان ھەرگىز مېنىڭ ۋەيرانە كۆڭلۈمنى جۇدالىق مۇڭلىرى قايناق قىيامەتلىك بازار ئەتتى. يۈزۈمدۇر قىبلىگە، كۆڭلۈم نىگارغا بۇ ئىبادەتتە ۋۇجۇدۇم ئىشىقنى ئاھ، يىغلاپ پەدەر- پەرۋەردىگار ئەتتى. مۇقاملار توۋلىدى زار- زار مېنىڭ ھەر بىر تۈركۈم ھەتتا، قۇچاقلاپ گۆشلىرىمنى ھەم سوڭەكلەر يارىيار ئەتتى. سېسىدى جان- جېنىم تەندە، ئالغىلى ناز ئىلە ئاھ، ئاھ ئەجەبمۇ كەلمىدى يارىم ئەجەلگە ئىنتىزار ئەتتى. 2 كۆزۈم يار يولىدا قالدى، مېنى سەيلانە ئەتمەڭلار، يۈزۈم يار ئاياغىدا تۇپراق، گۈلى- گۈلدانە ئەتمەڭلار. ياتار دەشىت، چۆل- باياۋانلار ئىشق ئاپتاپىدا چاڭقاپ، يېشىم زار ۋارقىراپ ئاقسۇن، مېنى پىيالە ئەتمەڭلار. ۋىسال ئارغامچىسىن بىر دەم ئۈزەي قەلبىم قاناتلان...