ئانا سېنى كەتتىم سېغىنىپ (شېئىر)
غوجىمۇھەممەد مۇھەممەد
غېرىبلىق تور تارتقان شەھەردە.
خىيالىمدا كۆرىمەن سېنى
بارسەن ئىشىك تۈۋىدە گويا.
يۆتىلىسەن ئۇزاق ئاھ، ئۇزاق
كۆز ياشلىرىڭ تۇرار تامچىلاپ.
پەنجىرىدىن قارايسەن گاھى
دەردمەن ئوغلۇم ئۇخلىدىمۇ دەپ،
چىقسام ھېچكىم يوقتۇر تالادا
ئاھ، سەن يىراق، يىراق سەھرادا...
بۇ يەردە بار نۇرغۇن ئانىلار
ئاتىشىدۇ « بالام» دەپ مېنى
ھېچقايسىسى سەن ئەمەس لېكىن.
پەرىشتىدەك قاناتلىرىڭ بار،
ھەر كېچىسى كېلىسەن ئۇچۇپ
چۈشلىرىمگە تاغلىق كەنتتىن...
ئويغانساملا بولىمىز جۇدا،
ئاھ، سەن يىراق، يىراق سەھرادا.
كەلگەنمىدۇ تۈلكىلەر يەنە،
تۇرغانمىدۇ قويلىرىڭ ئامان؟
بار ئىدى ئاز، ئازلا بۇغدىيىڭ،
قىشتىن قانداق چىقارسەن ئۇنى
كەتكەن بولسا ئوغرىلاپ چاشقان؟!
بۇندا قىشنىڭ ئەلپازى يوچۇن،
بىر تۈندىلا كەتتى قار قاپلاپ
بىنالارنى ھەمدە يوللارنى.
چىقىش مۇمكىن ئەمەس تالاغا،
يات بىر سوغۇق كېزەر شەھەرنى
مېنىڭ مىسكىن قەلبىمگە قەدەر.
ياتىقىمدا ئۈنسىز، بىناۋا
ئولتۇرىمەن خىيالغا پېتىپ؛
جېنىم ئانا قىلغانسەن قانداق
قوشتاغدىمۇ ياغقان بولسا قار؟
بار ئىدى ئاھ، بىرلا پوپايكاڭ
بار ئىدى بىر، بىرلا چاپىنىڭ
كونا ئىدى نېپىز ھەم ئۇلار
قىش بولاتتى بىزنىڭ ئۆيدە بەك،
قار ياغاتتى بىزنىڭ ئۆيگىمۇ
كىمدۇ ئېچىپ قويغان تۈڭلۈكتىن.
دەيىتتىم غەمكىن تۇرقۇڭغا قاراپ؛
ئۈمىدۋار بول، ھامان بىر كۈنى
قۇتقۇزىمەن سېنى بۇ قىشتىن...
لېكىن ئانا
كەچۈرگىن مېنى،
توقۇمىچى بولساممۇ بۇندا
بېرەلمىدىم بىرەر پوپايكا
توقۇپ ساڭا، ساڭىلا ئاتاپ.
سېغىنىپ مەن خىجىللىق ئىچرە
پەقەت مۇڭلۇق قەسىدەم بىلەن
مىسكىن قەلبىم، كۆز يېشىم بىلەن
ئۆتتۈم ھامان، ئۆتتۈم ئاھ ھامان
يىراقلاردىن سېنى قۇچاقلاپ.
كەچۈر ئانا،
سەنمۇ مېنى كەتتىڭ سېغىنىپ،
تۇردۇڭ ماڭا ئۈمىدلەر باغلاپ.
لېكىن مەنچۇ، بۇندا ياش تۆكۈپ
تۇرماقتىمەن تەقدىرگە يىغلاپ.
1994- يىل 11- دېكابىر. خوتەن
Yorumlar
Yorum Gönder