مومام خاتىرىسىگە (پەرھات تۇرسۇن)
پەرھات تۇرسۇن مەن كىچىك چاغلىرىمدا تالاي قېتىم مېڭىپ ئۆتكەن ئاشۇ چىغىر يوللار بىلەن مومامنىڭ ئۆيىگە كېتىپ بارماقتىمەن. كىچىك چاغلىرىمدا ئاجايىپ كەڭرى كۆرۈنىدىغان بۇ ساسلىق ھازىرقى زامان ئادەملىرىنىڭ قەلبىگە ئوخشاش بارا-بارا تارىيىپ كىچىككىنە بىر ئويمانغا ئايلىنىپ قالغانىدى. مومام ئۆلۈپ كەت تى، مەن مومام ئۆلۈپ كەتك ۈچە مۇشۇ ساسلىقمۇ تارىيىپ-تارىيىپ يوقاپ كېتىشى مۇمكىن دەپ ئويلىغانىدىم. ئۇلار مېنىڭ قەلبىمدىكى مۇھەببەت ۋە ئەركىنلىك ئىدى. مەندىكى بارلىق مېھرى-مۇھەببەت ۋە ئەركىنلىك تۇيغۇسى ئاشۇ مومام بىلەن مۇشۇ ساسلىقتىن شەكىللەنگەنىدى. ئەمدى ئۇلارنىڭ غايىب بولۇشى مېنىڭ روھىمنىڭ يىلتىزىغا پالتا چېپىلغاندەكلا تۇيۇلماقتا ئىدى. مەن ساسلىقتىكى يوقىلىشقا قاراپ يۈزلەنگەن زەي پۇرىقىنى قانماي-قانماي پۇرىدىم. بالىلىق چاغلىرىمدا مۇشۇ زەي پۇرىقى مەن ئۈچۈن ئەڭ مەزىلىك پۇراق ئىدى. بۇ يەردىن ئۆتكىچە ئىختىيارسىز ئۆزۈمنى يەرگە تاشلاپ ئۇزاقتىن- ئۇزاق ياتاتتىم. يۈرىكىم ھاياجاندىن تىترەيتتى. زەي پۇرىقى مېنى چەكسىز ھاياجانغا سالاتتى، ساسلىق يول بويىدا بولغاچقا مومامنىڭ ئۆيىمۇ ئوخشاش پۇرايتتى، مەن ئاشۇ ئۆيدە تۇ...