مومام خاتىرىسىگە (پەرھات تۇرسۇن)
پەرھات تۇرسۇن
مەن كىچىك چاغلىرىمدا تالاي قېتىم مېڭىپ ئۆتكەن ئاشۇ چىغىر يوللار بىلەن مومامنىڭ ئۆيىگە كېتىپ بارماقتىمەن. كىچىك چاغلىرىمدا ئاجايىپ كەڭرى كۆرۈنىدىغان بۇ ساسلىق ھازىرقى زامان ئادەملىرىنىڭ قەلبىگە ئوخشاش بارا-بارا تارىيىپ كىچىككىنە بىر ئويمانغا ئايلىنىپ قالغانىدى. مومام ئۆلۈپ كەت تى، مەن مومام ئۆلۈپ كەتك ۈچە مۇشۇ ساسلىقمۇ تارىيىپ-تارىيىپ يوقاپ كېتىشى مۇمكىن دەپ ئويلىغانىدىم. ئۇلار مېنىڭ قەلبىمدىكى مۇھەببەت ۋە ئەركىنلىك ئىدى. مەندىكى بارلىق مېھرى-مۇھەببەت ۋە ئەركىنلىك تۇيغۇسى ئاشۇ مومام بىلەن مۇشۇ ساسلىقتىن شەكىللەنگەنىدى. ئەمدى ئۇلارنىڭ غايىب بولۇشى مېنىڭ روھىمنىڭ يىلتىزىغا پالتا چېپىلغاندەكلا تۇيۇلماقتا ئىدى.
مەن ساسلىقتىكى يوقىلىشقا قاراپ يۈزلەنگەن زەي پۇرىقىنى قانماي-قانماي پۇرىدىم. بالىلىق چاغلىرىمدا مۇشۇ زەي پۇرىقى مەن ئۈچۈن ئەڭ مەزىلىك پۇراق ئىدى. بۇ يەردىن ئۆتكىچە ئىختىيارسىز ئۆزۈمنى يەرگە تاشلاپ ئۇزاقتىن-ئۇزاق ياتاتتىم. يۈرىكىم ھاياجاندىن تىترەيتتى. زەي پۇرىقى مېنى چەكسىز ھاياجانغا سالاتتى، ساسلىق يول بويىدا بولغاچقا مومامنىڭ ئۆيىمۇ ئوخشاش پۇرايتتى، مەن ئاشۇ ئۆيدە تۇغۇلغان شۇڭا ھەممە ئادەمنى بىزار قىلىدىغان زەي پۇرىقى ئەكسىچە مەندە ھاياجان پەيدا قىلسا كېرەك . مەن بۇلاقلارنىڭ لۆم ۈلدەپ قايناپ تۇرغان كۆزلىرىگە ئۇزاق-ئۇزاق تىكىلىپ بۇلاق بويىدا دۈم ياتاتتىم. نېمە ئۈچۈندۇر ئۇندىن تەقدىر-ئىستىقبالىم ھەققىدىكى بېشارەتلەرنى ئىزدەيتتىم. چىغىر يوللارنىڭ پەيدا قىلغان تورىغا قاراپ ئۆز بەختىم ھەققىدە پال سالاتتىم. ھازىر بۇ بۇلاقلارنىڭ نۇرغۇنلىرى تىنىپ كەتكەن، چىغىر يوللارنىڭ نۇرغۇنلىرى ئۆچۈپ كەتكەنىدى. ماڭا پۈتۈنلەي ناتونۇش بولغان ھارۋا يوللىرى، خۇمدان ۋە ئۆستەڭلەر ماڭا «كىمسەن؟» دېگەندەك ناتونۇش نەزەر بىلەن ھۆمىيىپ قارىماقتا ئىدى. رەھىمسىز ئادەملەر مېنىڭ بالىلىقىمنى خاتىرەمدىن بىر-بىرلە پ ئۆچۈرۈپ تاشلاپ قۇپ قۇرۇق بوشلۇققا ئايلاندۇرماقتا ئىدى.
مەن يىراق ئۈرۈمچىدىن مومامنى ئاخىرقى رەت كۆرۈۋېلىش ئۈچۈن شۇنچە ئالدىراپ كەلگەن بولساممۇ ئۈلگۈرەلمىدىم. مەن كەلگەندە ئاللىقاچان يەرلىككە قويۇپ بولغانىكەن. بىراق كېيىنچە «ئۈلگۈرۈپ كېلەلمىگىنىممۇ ياخشى بوپتۇ» دەپ قالدىم. چۈنكى مومامنىڭ كۆز يۇمغىنىنى ۋە دەپنە قىلغىنىنى كۆرمىگەنلىكىم ئۈچۈن ماڭا مومام يەنىلا ھاياتتەك تۇيىلاتتى. مەن ئەگەر ئاشۇ جەرياننى كۆرگەن بولسام چەكسىزلىككە ئىگە بالىلىقىمنىڭ بىردىنلا قارا يەر ئاستىغا كىرىپ غايىب بولۇشىنى كۆرۈپ تۇرغان بولاتتىم. مەن ئۇنى كۆرمىگەچكە خاتىرەمدىكى بالىلىقنى، مېھرى-مۇھەببەتنى ۋە مومامنىڭ كۈلۈپ تۇرغان سىماسىنى مەڭگۈلۈك قىلىپ ساقلاپ قالالىدىم.
مومام باشقا شائىرلارنىڭ مومىلىرىدەك چۆچەك ئېيتىشنى بىلمەيتتى. بىراق مومامنىڭ ئۆزى مېنىڭ روھىمدىكى چە كسىز چۆچەكلەر دۇنياسى ئىدى. مومام بىر قېتىم بوۋام بىلەن بازار غا بېرىپتۇ. ب وۋام ئېشەك ھارۋىنى ئەينى چاغدىكى ئاتۇشتىكى بىردىنبىر سودا سارىيىنىڭ ئىشىكى تۈۋىدىكى دەرەخكە باغلاپ قويۇپ، مومامنى ھارۋا ساقلاشقا قويۇپ قويۇپ، ئۆزى سودا قىلىش ئۈچۈن شەھەر بازىرىغا كېتىپ قاپتۇ. بىر ھازادىن كېيىن بوۋام بازاردىن قايتىپ كەلسە، ئېشەك ھارۋىسى ئۈستىدە ئولتۇرۇپ ھارۋا ساقلاۋاتقان مومام بوۋامغا:
— ئابلىزۋاي، ئاۋۇ چىم خوتۇندۇ؟ قارىسام قاراۋېرىدۇ، يا گەپ قىلمايدۇ، — دەپتۇ، سودا بازىرىنىڭ ئىشىكى تەرەپنى كۆرسىتىپ.
بوۋام قارىسا مومامنىڭ كۆرسەتكىنى مومامنىڭ سودا سارىيىنىڭ كەڭ ئەينەكلىك ئىشىكىدىن كۆرۈنگەن ئەكسى ئىكەن. بوۋام دەسلەپ چۈشىنەلمەي ھاڭ-تاڭ قاپتۇ، كېيىن قورقۇپ كېتىپتۇ، ئېسىگە كېلىپ قاتتىق غەمگە پاتقان بوۋام يىغلاپ تاشلاپتۇ :
— ھۆرىخان، بېشىڭ ئاغرىۋاتامدۇ؟ — دەپ قايتا-قايتىلاپ سوراپتۇ بوۋام.
بوۋام بىزگە بۇ ئىشنى دائىم ھېكايە قىلىپ بېرەتتى. بوۋامنىڭ دېھقان تىلىدا «ئۇنى بېشى ئاغرىۋاتقان ئوخشايدۇ دەپ قورقتۇم» دېگىنى ھېلىمۇ يادىمدا، ئۇ ئەسلى مومامنىڭ تا شۇ چاققىچە ئەينەك كۆرۈپ باقمىغانلىقىنى تەسەۋۋۇر قىلىپ بولالمىغانىكەن. شۇڭا مومامنى ئېلىشىپ قالغان بولسا كېرەك دەپ قورقۇپتۇ. بوۋام ئېيتقان «بېشى ئاغرىش»نىڭ مەنىسى شۇ ئىدى. كېيىن مەن «ئۇيغۇر خەلق چۆچەكلىرى» ناملىق كىتابلارنىڭ بىرىدىن شۇنىڭغا ئوخشاپ كېتىدىغان بىر چۆچەكنى ئوقۇغانىدىم. مومامنىڭ چۆچەكلەردىكىگە ئوخشايدىغان كەچۈرمىشلىرى ئۇنىڭ ئۆمرىنىڭ ئاخىرىغىچە داۋاملاشقان.
مومام قازا قىلىشتىن بىر يىل ئىلگىرى قىزىل ئۆڭگەچ راكىغا گىرىپتار بولغانلىقى بايقالغان. مومام ئۆزىنىڭ ھاياتىنىڭ ئاخىرلىشىش ئالدىدا تۇرغانلىقىنى ئۇققان ئاشۇ دەقىقىلەردە چىرايىدىن يەنى لا مۇلايىملىق ۋە خاتىرجەملىك كەتمىگەن. ئۇ بۇ پاكىتنى خۇددى دائىم تەكرارلىنىپ تۇرغان بىر ئىشنى ئاڭلىغاندەك جىمجىت قوبۇل قىلغان. بەلكىم ئۇ ئۆزىنىڭ ئۆ لۈپ كېتىشىگە ئىشەنمىگەندۇ ياكى ھاياتىنى ئۆ لگەندىن كېيىنمۇ يەنە داۋاملىشىۋېرىدۇ دەپ ئويلى غاچقا شۇنداق خاتىرجەم ھالەتتە تۇرغاندۇ. ئادەتتە ناتونۇش بىرەر جايغا سەپەرگە ماڭغان ئادەمدىمۇ ئاز-تولا قورقۇش ۋە گاڭگىراش بولىدۇ. لېكىن مومامنىڭ چىراي ئىپادىسىدە بۇنداق ئالامەتلەر كۆرۈلمىگەنىدى. بۇ دۇنيا بىلەن ئۇ دۇنيانىڭ ئارىلىقى مومامغا خۇددى ياتاق ئۆي بىلەن مېھمانخانا ئۆينىڭ ئارىلىقىدەكلا، ئۆلۈش خۇددى مېھمانخانا ئۆيدىن ياتاق ئۆيگە كىرىشتەكلا تۇيۇلغان بول سا كېرەك. مومام ئۆلۈمگە ئىنتايىن خاتىرجەم ھالدا ئ الدىرىماي تەييارلىق قىلغانىدى. قارىغاندا ئۇنىڭ ئالدايدىغان ھې چ ئىشى يوقتەك قىلاتتى.
مەن تۇغۇلغان ئاشۇ قور ۇنى بوۋام بىلەن مومام سالغان چاغدا مومام ئەمدىلا بوۋام بىلەن توي قىلغان ياش چاغلىرى ئىكەن. مەن دائىم بوۋام بىلەن مومامنىڭ ئاشۇ چاغدىكى قىياپەتلىرىنى تەسەۋۋۇر قىلىمەن. تاغىلىرىم ۋە ھاممىلىرىمغا قاراپ «زادى ئۇلارنىڭ قايسىسىغا ئوخشايدىغان بولغىيتتى؟» دەپ ئويلىنىمەن. بىراق ئۇلارنى ئۇلارنىڭ ھېچقايسىسىغا ئوخشاتقىم كەلمەيدۇ. تەسەۋۋۇرۇمدىكى ئۇلارنىڭ ئوبرازى سىرلىق بىر قەۋەت پەردە كەينىدە تۇرغاندەك ناھايىتى ئابستراكت ۋە غايىۋى بولۇپ، رېئال ئادەملەرگە زادىلا ئوخشىمايدۇ. مەندىكى ئاشۇ خىل تۇيغۇ بەلكىم مېنىڭ بوۋام ۋە مومامنى مەڭگۈ چۆچەكلەردىكى پېرسوناژغا ئايلاندۇرۇۋالغانلىقىمنىڭ تۈپكى ھەرىكەتلەندۈرگۈچ كۈچى بولسا كېرەك.
تامچىلار مەن تۇغۇلغان ئاشۇ ئۆينىڭ تېمىنى قوپۇرۇۋاتقاندا مومام تامچىلارغا تاماق ئېتىپتۇ، تاماقنى بېرىپ بولۇپ قارىسا ئوچاقتىكى ئوت ئۆچۈپ قالغان بولۇپ، قويۇپ قويغان چاي تېخى قاينىمىغان ئىكەن. بى راق ئارقىدىنلا بوۋام «چاي ئەكەلمەمسەن؟» دەپ ۋا رقىراپتۇ. ئۇ چاغلاردا ئاياللار ئۈچۈن ئەرلەرنىڭ بۇيرۇقى مۇقەددەس بۇيرۇق. مومام بوۋامنىڭ چاينى تېخىچە قايناتماپسەن دەپ خاپا بولۇشىدىن ئەنسىرەپ تېخى تولۇق قايناپ بولالمىغان چاينىلا چايدانغا ئۇسۇپ ئېلىپ بېرىپ ئۇلارغا قۇيۇپ بېرىپتۇ. مومام ئاغرىپ يات قان چاغلاردا ئۆزىنىڭ تامچىلارغا قاينىمىغان سۇنى ق اينىغان دەپ ئاپىرىپ بەرگىنىنى ئويلاپ قاتتىق ئازاب لىنىپ، بۇ گۇناھنى تىلىۋېلىش ئۈچۈن كېسەل بولغى نىغا قارىماستىن مەھەللىلەرنى ئارىلاپ تامچىلارنى تېپىپ ئۇلارغا ئۆزى قايناتقان چاينى ئېلىپ بېرىپ كەچۈ رۈم سوراپتۇ، شۇندىلا ئۆمرىدىكى بارلىق گۇناھلىرى دىن خالاس بولۇپ پۈتۈنلەي خاتىرجەم يېتىپتۇ. مانا بۇ ئالدىنقى دەۋرلەردە ياشىغان بىر ئايالنىڭ پۈتكۈل ھاياتى. ئۇنىڭ ئاشۇ بىر قېتىم قاينىمىغان چاينى قايناقسۇ دەپ باشقىلارنى مېھمان قىلغانلىقى ئۇنىڭ ئۈچۈن ئۆزىنى ئۆزى كەچۈرەلمەيدىغان گۇناھ بولغان. مومام بۇنىڭ ئۈچۈن ئۆزىنى گۇناھكار دەپ ھېس قىلغان.
بىزنىڭ ھازىرقى دەۋرىمىزدە گۇناھكارلار يوق، ھەممە ئادەم پاك! مەيلى قېرىندىشىڭ، مەيلى دوستۇڭ بولسۇن ھەرقانداق بىر ئادەم بىلەن خاتىرجەم شېرىكلىشىپ سودا قىلغىلى بولمايدىغان، ئاياللىرىنى ئەرلىرى بىر كۈن ئۆيدە قويۇپ قويۇپ командировкаغا (خىزمەت سەپىرىگە) خاتىرجەم چىقالمايدىغان، ئادەمنىڭ ھاياتى، ئىپپىتى ۋە مال-مۈلكى زادىلا ئۆزىنىڭ ئىلكىدە بولمىغان مۇشۇ دەۋردە ھەممە ئادەم پاك. ئۆزىنى گۇناھكار دېگەنلەرنى زادىلا تاپقىلى بولمايدۇ. ئوغرىلار، بۇلاڭچىلار، پاھىشە ئاياللار ھەممىسى بىردەم بىكار بولۇپ قالسىلا باشقىلارغا ۋەز-نەسىھەتنى ياغدۇرۇۋېتىدۇ. ھەر بىر ئادەمنىڭ نەزىرىدە ئۆزىدىن باشقىسى گۇناھكار. شۇڭا ھەممە ئادەم ئۆزىدىن باشقىلارغا نەسىھەت قىلىشقا ئادەتلەنگەن.
بىر قېتىم باشقىلارنىڭ بىر زەھەر چەككۈچى ھەققىدە مۇنداق پاراڭلاشقىنىنى ئاڭلىغانىدىم:
— ئۇ راستتىنلا چېكەمدىكەن؟
— چەككىلى 6-7 يىل بوپتۇ، ئاخىرى پۇكۇنى ئاكام ئامالسىز زەھەر چەكلەش ئورنىغا ئاپىرىپ بېرىپتۇ.
— دادىسى خېلى ياخشى ئادەم ئىدىغۇ؟
— ھوي، ئۇمۇ بېشىغا دوپپا كىيمىگەنلەرنى، چېچىنى كېسىۋەتكەن قىزلارنى كۆرسە ۋىجدانى قايناپ سۆزلەپ كېتىدۇ.
دېمەك، بۇ زەھەر چەككۈچىنىڭ نەزىرىدە ئۆزىنىڭ زەھەرلىك چېكىملىك چەككىنى ھېچگەپ ئەمەس، باشقىلارنىڭ بېشىغا شەپكە كىيمىگىنى كەچۈرگۈسىز گۇناھ. ئاھ پاك خېروئىنچىلار، ئاقكۆڭۈل جالاپلار، مېھرىبان بۇلاڭچىلار! پۈتۈن كىتابخانا پەندى-نەسىھەت كىتابلىرى بىلەن تولغان، پۈتۈن جەمئىيەتتىكى كىشىلەرنىڭ پاراڭلىرى بىر-بىرىگە نەسىھەت بىلەن تولغان، كىشىلەر ئاشۇ خېروئىنچىغا ئوخشاش نەسىھەت بىلەن جەمئىيەتنى ئۆزگەرتمەكچى. مومام ياش چاغلاردا كىتابلارمۇ ئاز ئىكەن، ئەدەب-ئەخلاق ھازىرقىدەك بۇنداق تەلۋىلەرچە تەشۋىق قىلىنمايدىكەن. كىشىلەر بىر-بىرىگە ئەسەبىيلەرچە نەسىھەت قىلمايدىكەن. لېكىن كىشىلەر ئەنە شۇنداق ساددا ۋە پاك ياشايدىكەن.
مومامنىڭ ئۇ دۇنياغا پاك كېتىش ئۈچۈ ن تامچىلاردىن كەچۈرۈم سورىشىدىن ئىبارەت بۇ ۋەقە بىر مى للەتنىڭ چۆچىكىنىڭ ئەڭ ئاخىرقى خاتىمىسى بول ۇشى مۇمكىن. شۇنىڭ بىلەن بىز بۇ ساماۋى چۆچەكلەر بىلەن مەڭگۈ خوشلىشىشىمىز مۇمكىن. جۈمە كۈنى مومامنىڭ مەھەللىسىدىكى مەسچىتتىن نامازدىن يېنىپ مومامنىڭ تۇپراق بېشىغا چىقىپ دۇئا قىلىپ كەلمەكچى بولدۇق. ھازىر موللاملار قەبرە بېشىدا دۇئا قىلىشنى ئەمەلدىن قالدۇرۇپتۇ. شۇڭا باشقىلار چىققىلى ئۇنىمىدى، لېكىن مەن ئۈچ ئىنىم ب ىلەن ئاتا-بوۋامدىن قالغان ئاشۇ ئادەتنى داۋاملاشتۇرۇپ يەنى لا تۇپراق بېشىغا چىقتىم. قەبرىستانلىق بىلەن مە ھەللە ئارىسىدا ئازراق ساسلىق بار ئىدى. بۇ ساسلىق مېنىڭ ئەرك ىنلىك ئالىمىم بولغان ھېلىقى ساسلىق ئىدى. بۇ ساسلىقم ۇ ماڭا مومامغا ئوخشاشلا سىرلىق ساماۋى چۆچەكلەر دۇنياسى بولۇپ بىلىنەتتى.
كېتىۋېتىپ قەبرىستانلىق تۈۋىگە بېرىپ قالغاندا مەن يولنىڭ ئوتتۇرىسىدا ئىككى غېرىچ كەلگۈدەك بىر ئاق يىلاننىڭ تۈگۈلۈپ ياتقىنىنى كۆرۈپ قالدىم. يىلان بېشىنى كۆتۈرۈپ ماڭا قاراپ تۇراتتى.
— ھوي، يىلان!... — دەۋەتتىم مەن.
دەرھال ئېسىمگە بىرنەچچە كۈن ئىلگىرى كۆرگەن بىر چۈشۈم كەلدى. چۈشۈمدە مەن دەل مۇشۇنداق بىر يىلاننى كۆرۈپ تۇتۇۋالغان ۋە بىر كىچىك خالتىغا سېلىۋالغانىدىم. يىلان خالتا ئىچىدە پۇلاڭلاپ بارمىقىمنى چېقىۋالدى. ئىنىم مۇھەممەت قولىغا بىر تال تاشنى ئېلىپ يىلاننى ئۆلتۈرمەكچى بولدى. نېمىشقىدۇر يۈرىكىم بىر نەرسىنى تۇيغاندەك بولۇپ دەرھال ئۇنىڭ قولىنى تۇتۇۋالدىم. ئاڭغىچە يىلان ھايت-ھۇيت دېگۈچە چاتقاللىق ئىچىگە كىرىپ غايىب بولدى. بىزنىڭ يۇرتتا يىلانغا ئالاھىدە سىرلىق مۇئامىلە قىلىدىغان ئادەت بار. مەن يۇقىرى مەلۇمات كۆرگەن ئادەم، ھەرگىزمۇ خۇراپىي ئەمەس. بىراق نېمىشقىدۇر ئاشۇ كۈنى سىرلىق ئەقىدە يوشۇرۇن ئېڭىمدا رول ئوينىدىمۇ ياكى ئاشۇ ساسلىقنىڭ قەلبىمدىكى ساماۋى ئورنى پ ىسخىك تەسىر قىلدىمۇ، ئىشقىلىپ يىلاننى قوغداپ قالدىم. يۈرىكىم تىپچەكلەپ بىر ھازا ھاياجانلاندىم.
قەبرە بېشىدا دۇئا قىلىپ يانغاندىن كېيىن يولدا بولغان ئەھۋالنى ۋە چۈشۈمنى ئانامغا سۆزلەپ بەردىم. بىر تۇرۇپ ئۆزۈمنىڭ ئاددىي بىر ئىشنى سىرلىقلاشتۇرۇپ ئويلاپ كەتكىنىمگە كۈلگۈم كېلەتتى، بىر تۇرۇپ سىرلىق بىر تۇيغۇلارغا ئەسىر بولاتتىم. ئانام بۇلارنى ئاڭلىغاندىن كېيىن ئاددىيلا قىلىپ:
— يىلان دېگەن بالا، ئايالىڭنىڭ قورسىقىدا بار ئوخشايدۇ، — دېدى.
مەن ئايالىمنىڭ ئادىتىنىڭ كېچىككەنلىكىنى يادىمغا ئالدىم. ئىدارىدىن پەقەت ئۈچ كۈنلۈكلا رۇخسەت ئالغانىدىم، شۇڭا دەرھال ئۈرۈمچىگە قايتىپ كەلدىم ۋە يىلان ھەققىدىكى ئىشنى، ئانامنىڭ چۈشۈمگە بەرگەن تەبىرىنى ئايالىم ھاجىگۈلگە سۆزلەپ بەردىم.
— راستتىنلا قورسىقىمدا قالدىمۇ نېمە؟ — دېدى ھاجىگۈل بىردىنلا ھاياجانلىنىپ.
مەن كېچە بولغىنىغا قارىماي دوختۇرخانىلارغا چىقىپ قورساقتا قالغان-قالمىغانلىقىنى سىنايدىغان قەغەزنى ئېلىپ كىردىم. قەغەزدىكى بەلگە ھەقىقەتەن ھاجىگۈلنىڭ ھامىلىدار بولغانلىقىنى كۆرسەتتى. ئىشەنگۈمىز كەلمەي ئەتىسى دوختۇرخانىغا كىردۇق، دوختۇرلارمۇ ھامىلىدار دەپ دىياگنوز قويدى.
مانا بۈگۈن ئوغلۇم بۇدرۇق قوللىرىنى ئويناپ گۇڭراپ ياتىدۇ. ئۇ ئەتراپتىكى ھەممە نەرسىگە ھەيرانلىق بىلەن قاراۋاتقاندەك قىلىدۇ، ئۇ ئۆزىنىڭ بىر خارابىزارلىققا، چۆچەكلەردىن قۇرۇلغان گۈزەل قەسىرلەر تامامەن ئۆرۈلۈپ چۈشكەن بىر خارابىلى ككە تۇغۇلغانلىقىنى بىلەمدىغاندۇ ياكى ئۇلارغا يەنە بىر چۆچەك دۇنياسى ئاپىرىدە بولارمۇ؟
Yorumlar
Yorum Gönder