تۇرمۇش مەيداندا (شېئىر)
ئالېكساندرې نۇر ئىچرە قېتىلدىم ئادەملەرگە مەن، نەقەدەر ئۆم ئۇلار، گۈزەل ۋە ھەيۋەت، ئۇرغۇدى قەلبىمدە ئىشەنچ ۋە غەيرەت، كىشىلەر توپىدىن قوشۇنغا كىردىم، بەردى بۇ توپ ماڭا ئىلھام ۋە رىغبەت: ئادەملەر دېڭىزى خوشاللىقىغا— جۆر بولۇپ باستىم مەن ئالغا نەچچە رەت. بىئەپتۇر ساھىلدا قالماقلىق تەنھا، غېرىبسەن، يىگانە توسمىدەك گويا، بوشاشماي تاش قاپچۇق ئىچىگە مۆككەن، تاشلارغا تەققاس قىپ سۈكۈتكە چۆككەن، ئەۋرىشىم قۇرۇتسەن ھەرىكەتسىز ئۆتكەن. جىمغىنە ئۆزۈڭنى تاشلا قوينىغا بەرق ئۇرغان بەختىڭ، غەرق بول غەرق! ئۇ ئىگىز بىنادا تۇرىدۇ گويا ۋە لېكىن بىلمەيدۇ ئۇ قانچە قەۋەت، چۈشەر پەلەمپەيدىن تۇتقۇچنى تۇتۇپ، ئۇ چۈشەر، ئۆزىنى مەردانە سۈپەت كىشلەر توپىغا تاشلايدۇ شۇئان. ئادەملەر ئېقىنى ئۆتمەكتە لەرزان ۋە لېكىن يۈرىكى بولسىمۇ يارا بەرىبىر ھەممىسى ئۇنىڭغا ئايان. ئۇ يەردە كىم بۇنى ئېتىدۇ پەرق؟ يۈرىكى تولغانچە ئۈمىد - ئىشەنچكە. قەتئىيلىك، ساپ نىيەت، ئاق كۆڭۈللۈككە ھەم ئىشەنچكە چۇلغاندى ۋۇجۇدى دائىىم، يەنىلا ئۇ شۇنداق كەمسۆز مۇلايىم. مەيدان كەڭ— پايانسىز، تۇرىدۇ ئۇندا خىلمۇخىل جاندارلار ئالغانچە نەپەس. نەپەسلەر كۈتمەكتە...