تۇرمۇش مەيداندا (شېئىر)

ئالېكساندرې



نۇر ئىچرە قېتىلدىم ئادەملەرگە مەن،

نەقەدەر ئۆم ئۇلار، گۈزەل ۋە ھەيۋەت،

ئۇرغۇدى قەلبىمدە ئىشەنچ ۋە غەيرەت،

كىشىلەر توپىدىن قوشۇنغا كىردىم،

بەردى بۇ توپ ماڭا ئىلھام ۋە رىغبەت:

ئادەملەر دېڭىزى خوشاللىقىغا—

جۆر بولۇپ باستىم مەن ئالغا نەچچە رەت.

بىئەپتۇر ساھىلدا قالماقلىق تەنھا،

غېرىبسەن، يىگانە توسمىدەك گويا،

بوشاشماي تاش قاپچۇق ئىچىگە مۆككەن،

تاشلارغا تەققاس قىپ سۈكۈتكە چۆككەن،

ئەۋرىشىم قۇرۇتسەن ھەرىكەتسىز ئۆتكەن.

جىمغىنە ئۆزۈڭنى تاشلا قوينىغا

بەرق ئۇرغان بەختىڭ، غەرق بول غەرق!

ئۇ ئىگىز بىنادا تۇرىدۇ گويا

ۋە لېكىن بىلمەيدۇ ئۇ قانچە قەۋەت،

چۈشەر پەلەمپەيدىن تۇتقۇچنى تۇتۇپ،

ئۇ چۈشەر، ئۆزىنى مەردانە سۈپەت

كىشلەر توپىغا تاشلايدۇ شۇئان.

ئادەملەر ئېقىنى ئۆتمەكتە لەرزان

ۋە لېكىن يۈرىكى بولسىمۇ يارا

بەرىبىر ھەممىسى ئۇنىڭغا ئايان.

ئۇ يەردە كىم بۇنى ئېتىدۇ پەرق؟

يۈرىكى تولغانچە ئۈمىد - ئىشەنچكە.

قەتئىيلىك، ساپ نىيەت، ئاق كۆڭۈللۈككە ھەم

ئىشەنچكە چۇلغاندى ۋۇجۇدى دائىىم،

يەنىلا ئۇ شۇنداق كەمسۆز مۇلايىم.

مەيدان كەڭ— پايانسىز، تۇرىدۇ ئۇندا

خىلمۇخىل جاندارلار ئالغانچە نەپەس.

نەپەسلەر كۈتمەكتە مەشرىقتىن قۇياش،

ۋە كۈچلۇك شامالغا ئورالدى تۇتاش.

بېشىمنى سىلىدى قولىدا شامال،

ئۆتمەكتە ئۇ توپ-توپ ماڭلاينى سىپاپ

ۋە ئىلھام بەرمەكتە ھەممىگە شۇتاپ.

ئادەملەر قىمىرلار ئىرماش ۋە چىرماش

يىغىلار زىچ، گويا بىرلا ئادەمدەك؛

ئېيتقىلى بولماس ئۇ ئاجىزمۇ-قەيسەر؟

ئۇ مەۋجۇت، كۆرۈنەر سەزگۇ كۆزىگە،

ئۇ تۇرار ئۆرۈلۈپ، زېمىنغا- يەرگە.

ئۆزىنى، توپ ئىچرە تۇرغان ھەر ئادەم،

كۆرەلەر،

ياندۇرار

تونۇيالار ھەم.

قايناق چۈش، مۆكتۈڭ سەن بالىخانىغا،

كۆزۈڭدە ھەيرانلىق گۇمانىي سۇئال-

ئېسىلىپ تۇرىدۇ جاۋغايلىرىڭغا،

سايەڭگە قارايسەن ئۆزۈڭنى بەزلەپ،

شۇ گۈزەل سايەڭنى يۈرەرسەن ئىزلەپ.

سايەڭگە كۆز تاشلاپ بەزلىمە زىنھار،

ھەرگىز قايتىلانماس ئۆتۈپ كەتكەنلەر،

توپقا كىر، چۈشۈپ سەن بالىخاندىن،

ئۇ يەردە بار ھەممە، سەنمۇ چۈشسەڭ گەر—

سىڭىپلا كېتەرسەن ئۆزدەكلا شۇ دەم،

توپ ئىچرە تاۋالانغىن يالىڭاچ سىياق،

ئۆزۈڭنى تۇتۇۋال يېڭى باشتىن ھەم.

يېڭىدىن ئۈگەنسەڭ سۇ ئۈزۈشنى گەر،

تەمتىرەپ قالارسەن، قىينار تەشۋىشلەر،

بىراق ئۈمىدلىنىپ باراسەن سۇغا،

پۇتۇڭنى تىقارسەن دولقۇنلىرىغا،

سېزەرسەن سۇ بىردىن ئۆرلەپ كەتكەندەك،

بىراق، غەيرىتىڭمۇ ئاشىدۇ بىردەك،

ئاخىر قەتئىيەت بولىدۇ پەيدا.

بەلگىمۇ چىقمايدۇ سۇ تېخى ھازىر،

مۇستەھكەم ئەمەستۇر ئىشەنچمۇ تېخى،

ياي بىر جۈپ قولۇڭنى، كىرىپ كەت سۇغا،

كۆرسىتىپ قەيسەر ۋە باتۇرلۇقۇڭنى،

دولقۇنلار چالغىتىپ ئالغا قاراپ ئۈز،

ئىشەنج ۋە شادلىققا بولۇپ ھەمنەپەس،

سۇلارغا شۇڭغۇپ كىر غەرق بول چۆكۈپ،

دولقۇنغا قوشۇلسۇن يۈرەك سوقۇشۇڭ،

ھىس قىلىپ ھەسسىلەپ ياشارغىنىڭنى،

كۈيلە ئۈز، كۈيلە ئۈز، ئۈزۈپ كەت كۈيلەپ.

شۇنداق قىل، يالىڭاچ بىر جۈپ پۇتۇڭنى

تىق قايناق تۇرمۇشقا، تاشلا مەيدانغا.

ئۇندا چوڭ قەدەملەر چىللايدۇ سېنى

شىددەتلىك ئېقىنغا قەدەمداش بول دەپ.

زەخىمناك ۋە كىچىك يۈرىكىڭ سېنىڭ

ۋە ئۇنىڭ سوقۇشى چىقارغان رېتىم

ئۈمىدتە يۈگۈرسۇن تاپماستىن تىنىم.

كىشىلەر توپىدا بىرلىكتە سوققان

غايەت زور يۈرەككە ئەگەشسۇن يۈگرەپ!


باتۇر روزى تەرجىمىسى

Yorumlar

Bu blogdaki popüler yayınlar

تاڭ دەۋرى شېئىرلىرىدىن

ئۇيغۇرلۇق روھى بىزگە نېمە دەيدۇ؟

سىياسىي ئانسامبىلچىلىقتا قوش يۈزلۈك سەتچىلىك