ئۆزى بىلەن سۆزلىشىش (شېئىر)

 غوجىمۇھەممەد مۇھەممەد


- ھەقىقەت نىمە؟

- يەتتە قات ئاسمان ۋە يەتتە قەۋەت يەر.

- گۈزەللىك نىمە؟

- گۇناھنىڭ باغرىدا ئېچىلغان گۈللەر.

- نە ئۈچۈن ئىزلەيسەن ئۆزۈڭنى ھامان؟

- قالدىم بۇ دۇنيادا يارسىز، مەبۇدسىز.

- نە ئۈچۈن قاچىسەن روھىڭ غارىدىن؟

- بىر بۆرە ئۇ يەردە ھۇۋلار تىنىمسىز.

- نەلەردە يوقاتتىڭ ئەركىنلىكىڭنى؟

- تىگىشتىم ئەتىكى جەننەتكە ئۇنى.

- نە ئۈچۈن چىھرىڭگە يولىماس كۈلكە؟

- ھەدىيە قىلغانمەن بۆشۈككە ئۇنى.

- نە ئۈچۈن كەلدىڭ بۇ پانىي دۇنياغا؟

- بىلمەيمەن، ئىھتىمال ياشاش ئۈچۈن.

- بىلەمسەن، ياشاشتىن مەقسىتىڭ نىمە؟

- ياشىشىم ئۆزۈمگە ئىرىشىش ئۈچۈن.

- ئىرىشمەك بولغان ئۇ ئۆزۈڭ قەيەردە؟

- بىلمەيمەن، بەلكىم ئۇ مېنىڭ ئۆزۈمدە.

- ئۆزۈڭ شۇ قەدەر يىراقمۇ سەندىن؟

- ياق، ئۇ تارىم ۋە تەكلىماكاندا.

- ياشاپ تۇرۇپسەنغۇ شۇ يەردە ھازىر؟

- ياق، ئۇندا تۇرغىنى تېنىم پەقەتلا.

- تېنىڭ ئۆزۈڭگە ئەمەسمۇ شاھىد؟

- ياق، ئۇ مەن ئۈچۈن چوڭقۇر بىر قەبرە.

- چىقىسەن قەبرەڭنى پاچاقلاپ قاچان؟

- ئەتە، ئەتە، ئەتە...


1997- يىلى 8- ئىيۇل. خوتەن

Yorumlar

Bu blogdaki popüler yayınlar

تاڭ دەۋرى شېئىرلىرىدىن

ئۇيغۇرلۇق روھى بىزگە نېمە دەيدۇ؟

سىياسىي ئانسامبىلچىلىقتا قوش يۈزلۈك سەتچىلىك