قەپەس (شېئىر)

 غۇجىمۇھەممەد مۇھەممەد


ئەي قۇش، قەپەس ساڭا زىندان ئەمەسمۇ؟

ئەركىڭ بەختىڭ سېنىڭ ئاسمان ئەمەسمۇ؟

نىچۈن يەنە كۈيۈڭ شۇنچە ناۋالىق،

پەرۋازىڭدا قەپەز ۋەيران ئەمەسمۇ؟

سېغىنمامسەن قارلىق تاغنى، دالىنى،

جۈپ قانىتىڭ ساڭا ئىمكان ئەمەسمۇ؟

قۇش ئېيىتتىكى؛ سېغىنىپ ھۆر ئاسماننى

قەپەس ئىچرە مەن ئاھ ئۇرۇپ يىغلىغان.

لېكىن ساڭا ئاڭلىنار بەك يىقىملىق

يۈرىكىمدىن چىققان نالە ۋە پىغان.

ئاجىزلارنىڭ ھەسرىتى ۋە نالىسى

كۈچلۈكلەرنىڭ كۆڭۈل خوشى ھەرقاچان.

...

چۈشەنمەيسەن، سەنمۇ قەپەس ئىچىدە،

سەن ئاتايسەن ئۇنى روھى زىندان دەپ.

قىستىلىسەن شۇنچە كەڭرى دۇنيادا،

ئاھ ئۇرىسەن شىرىن ئۈمىد، ئارمان دەپ.

قان- يېشىڭنى مەي قىپ ئىچەر ئۆزگىلەر،

ھۆركىرەيسەن ئاھ رەھىمسىز جاھان دەپ.

نالەڭ- ناخشا، شېئىرلارنىڭ پايانى،

بۇ سەنئەتنىڭ ئىچىنىشلىق جەريانى.

قەپەس مېنى ئايرىۋەتتى ئاسماندىن

قايتالايمەن لېكىن ئاڭا بىر زامان.

قەپەس سېنى ئايرىۋەتتى نېمىدىن؟

باقمىدىڭ سەن ئويلاپ بۇنى ھىچقاچان...

چۇل- چۇل قىلىپ چېقىۋەتتىم قەپەسنى،

ھاياجاندا قۇش ئۆلدى

مەن قەپەسنى چېقىپ بولغۇچە.

ئۆتەر ئەمدى مېنىڭ قالغان ھاياتىم

ئىزدەپ ئاشۇ ھاياجاننى ئۆلگىچە.


2002- يىل ئۆكتەبىر. خوتەن

Yorumlar

Bu blogdaki popüler yayınlar

تاڭ دەۋرى شېئىرلىرىدىن

ئۇيغۇرلۇق روھى بىزگە نېمە دەيدۇ؟

سىياسىي ئانسامبىلچىلىقتا قوش يۈزلۈك سەتچىلىك