ئاخشام (شېئىر)

غوجىمۇھەممەد مۇھەممەد

 

يامغۇر ياغدى يىراق خوتەندە.

ئۆزۈم تەنھا يامغۇردا قالدىم

كۈنلۈكۈمنى بېرىپ ھەيكەل*گە.

ئۇ تۇيۇقسىز قىمىرلاپ

سۆزلەپ كەتتى لېۋى مىدىرلاپ.

زاغرا ناننىڭ ئۇۋاقلىرىدەك

دانە- دانە ۋارقىراپ؛

غېرىب بولۇپ كەلدىڭمۇ بالام،

ئېزىپ قېلىپ كەلدىڭمۇ بالام؟

دىلىڭ سۇنۇق، كۆزۈڭ ياش، مېنى

پاناھ بىلىپ كەلدىڭمۇ بالام؟

قارا، قارا مەنمۇ بىچارە

كەتتى باغرىم ھەسرەتكە تولۇپ.

ئېلىپ كېلىپ مېنى مەجبۇرىي

ئېتىزغا سۇ تۇتقان يېرىمدىن

خامان ئېلىپ تۇرغان چېغىمدىن

ھاشار ئىشلەپ تۇرغان سېيىمدىن

يەر ئاغدۇرۇپ قايىتقان يولۇمدىن

بۇ يېگانە يوچۇن شەھەرگە

( ئۇلار مېنى قىلىپ مەسخىرە)

ھەيكەل قىىلىپ قويدى قاتۇرۇپ.

چاپالمايمەن، قولۇمدا كەتمەن،

ماڭالمايمەن، پۇتۇم زەنجىربەند.

تۇرۇپ ھەركۈن مۇشۇ سۇپىدا

مەجبۇرمەن جىم قاراپ تۇرۇشقا

شەرقكە ئاھ، شەرققە پەقەت.

كۆز ئالدىمدا يات تەن، يات كوچا

ئاشپۇزۇللار، ئەخلەتخانىلار

تۆكۈلگەن ئاش، چىرىگەن نانلار

باش- پاناھسىز ئاچ قالغان بالا

تىرىسىگە سىغمىغان ئىتلار...

ئۈن- تىنسىز

مەن مەجبۇرمەن قاراپ تۇرۇشقا.

كۈنلۈكۈڭنى ئېلىپ كەت بالام،

كۆنۈپ قالدىم قارغا، يامغۇرغا.

ئېلىپ كەتكىن خالىساڭ مېنى

ئۆز ۋەتىنىم يىراق سەھراغا.

*خوتەن شەھرىدىكى دېھقان ھەيكىلى


1998- يىل ئىيۇن. خوتەن

Yorumlar

Bu blogdaki popüler yayınlar

تاڭ دەۋرى شېئىرلىرىدىن

ئۇيغۇرلۇق روھى بىزگە نېمە دەيدۇ؟

سىياسىي ئانسامبىلچىلىقتا قوش يۈزلۈك سەتچىلىك