تۇيۇقسىز ئۆلدى دەپ تارقالسا خەۋەر (شېئىر)
غوجىمۇھەممەد مۇھەممەد
تۇيۇقسىز ئۆلدى دەپ تارقالسا خەۋەر
جەسىتىم ئىككى كۈن قالار كوچىدا.
جېنىمنى زۇلمەتلەر ئىچىدىن سۈزۈپ
يارىمنىڭ ناخشىسى ئاڭلانماس قايتا.
كىم بىلەر ئىتلارنىڭ غىرىبلىقىنى
شەھەرنىڭ قار ياغقان كېچىلىرىدە.
جەسىتىم يېنىدا ئولتۇرغان ئىتنى
چۈشەنمەس ھىچكىشى، چۈشەنمەس قىلچە...
ئاخىرقى تاماكام تۈگىىدى كۆيۈپ،
بەك ئۇزاق ياشىدىم، قالمىدى تاقەت.
قازدىم مەن قەبرەمنى قەلبىمگە چوڭقۇر
مەن ئۇنى كۆتۈرۈپ يۈرىمەن ئەبەد.
2006- يىلى دېكابىر. خوتەن
Yorumlar
Yorum Gönder