ھەسرەت بىلەن يىغلىسا ئاسمان (شېئىر)
غوجىمۇھەممەد مۇھەممەد
ھەسرەت بىلەن يىغلىسا ئاسمان
زېمىن چۈشىنەر كۆز ياشلىرىنى.
ھەسرەت بىلەن يىغلىسا ئانام
مەن بىلمىدىم پەريادلىرىنى.
قىش پەسلىدە دەرەخ يالىڭاچ
سېغىنىدۇ ياپراقلىرىنى.
تۇرسا كۈتۈپ يېگانە ئانام
مەن بىلمىدىم ئازابلىرىنى.
بۆشۈككە بۆلىگۈسى كېلەر ھېلىمۇ
يېقىپ بېشىمدا چىراغلىرىمنى.
ئىمىتكۈسى كېلەر ھېلىمۇ
قوشۇپ سېغىنىش، پىراقلىرىنى.
يېنىمدىلا تەكلىماكان،
قوغدار ئۇنى توغراقلىرى.
كىشنەپ- كىشنەپ قاپتۇ ئانامنىڭ
ماڭا باققان ئارغىماقلىرى.
ھە، ھەي
مەن بىلمىدىم، بىلمىدىم.
سېغىنغاندەك ۋەتىنىنى قۇل
بىلگەن چاغدا چەكسىز يىغلىدىم.
1997- يىل، ئاۋغۇسىت. خوتەن
Yorumlar
Yorum Gönder