ئەي ئانا (شېئىر)

غوجىمۇھەممەد مۇھەممەد


ئەي ئانا مەن بىر غېرىب، مەن بىر غېرىب،

ئەي ئانا مەن بىر ساراڭ، مەن بىر ساراڭ.

ئىشەنمە تۈننى مەڭگۈ زۇلمەت دېسە،

مەغرىبتىن قۇياش چىقىپ ئاتمايدۇ تاڭ...

چوققىلار يۈكسەكلىكنى چۈشەنمەيدۇ،

دېڭىزلار چەكسىزلىككە ئىشەنمەيدۇ.

گۈللەر ھەم بەرگى خازان توننى كىيىپ

باھارنى كىپەنلەيدۇ، كىپەنلەيدۇ.

بارخانلار ئۇخلار بوران كىرپىكىدە،

توغراقلار ئۆز سازىمنى چالسام دەيدۇ.

ۋەتەندۇر مېڭىپ يۈرگەن ھەر بىر ئادەم،

يەر مەڭگۈ ئۆز- ئۆزۈمدە قالسام دەيدۇ.

مۇھەببەت ئۈچۈن بارچە جىنايەت ھەم،

ئەبەدىي ياشاش ئۈچۈن ئۆلىدۇ شام.

توسالماس، توسالمايدۇ، توسالمايدۇ

چۈشلەرنىڭ پەرۋازىنى زۇلمەتلىك تام.

ئىشەنمە چۆللەردىكى سۈكۈناتقا،

ئىشەنمە سايلاردىكى ئۆلگەن تاشقا.

ئىشەنمە تۇرغىنىمغا كۈلۈمسىرەپ،

ئىشەنمە كۆزۈمدىكى تامچە ياشقا.

ئىشەنمە رىۋايەتنى قايتماس دېسە،

سەلتەنەت جەسەدلەردىن ئۆرە بولغان...

ئەي ئانا مەن بىر غېرىب، مەن بىر غېرىب،

ئەي ئانا مەن بىر ساراڭ، مەن بىر ساراڭ!


1999- يىل ئۆكتەبىر. خوتەن

Yorumlar

Bu blogdaki popüler yayınlar

تاڭ دەۋرى شېئىرلىرىدىن

ئۇيغۇرلۇق روھى بىزگە نېمە دەيدۇ؟

سىياسىي ئانسامبىلچىلىقتا قوش يۈزلۈك سەتچىلىك