يېپىنچا ئاستىدا (شېئىر)
سىۋىتايېۋا
پەرمانلار يەتكۈزگەن ئېغىز سىڭارى
سىر بىلەن پېچەتلەپ بېسىلدى مۆھۈر.
ھېسابسىز دەھشەتلىك گۇمانغا قالدىڭ،
نېمىدۇ ھەلقۇمغا مۆككەن بىر ئۆمۈر؟
كۆزدە مەس، باقىسەن قازان تۈۋىدەك
چاناقتا مەڭگۈلۈك ئالەمگە سېخىي.
ئەي ئايال قازدىڭسەن قانداق ئورىنى
ئۈستىنى ئوت-چۆپتە ياپتىڭمۇ تېخى.
يۈز بۇدنىڭ ئىچىدە ئەمەس يۈز بۇدمۇ
سېنىڭدەك ھاكاۋۇر، قاپاقلىرى مۇز.
ئىككى تۈن ئىشرەتتە تاپقىنىڭ نېمە؟
ئېيتقىنا، بېشىڭغا چىقتىمۇ مۈڭگۈز؟
يېپىنچا ئىچىدە كېڭىيىپ پىنھان،
پىنھاندا پۈركىنىپ قىلىسەن داۋام.
يۈزىنى ئاچقىنى ئامەتلىك مەڭگۈ
ئۇ چوققا، لەيلىگەن بۇلۇتقا قارام.
تىچ ياتقان ئەرۋاھتىن سورايمەن سوئال،
يىلتىزلىق ئەرۋاھقا تەگدى سوئال بەك.
يېپىنچاڭ ئاستىدا زادى نېمەڭ بار؟
− ئەتە بار، ئۆگۈن بار، باردۇر كېلىچەك.
ئوسمانجان ساۋۇت تەرجىمىسى
Yorumlar
Yorum Gönder