رەشىكنىڭ ئۇرۇنۇشلىرى (شېئىر)
سىۋىتايېۋا
− ھېچ ئىش يوق، يەنىلا كالتەكلەر باشتا.
ماڭا خاس ئەس-ھوشۇڭ ئۆچتىمۇ بىراق،
ئوخشىشىپ دېڭىزغا شۇڭغۇغان تاشقا.
سۇ ئۈزرە ئەمەسۇ، بەلكى ئاسماندا.
ئاھ روھلار، سىلەركى ئەمەس قېرىنداش،
ئەمەس يار جۈپ بولغان، قايغۇ باسقاندا.
يىتتىمۇ سېنىڭدىن بۇدقا چوقۇنۇش؟
تەختتىن غۇلىتىپ بىر ئايال شاھنى ئۆزۈڭ
ھەم غۇلىدىڭ، بولدى يوقىتىش!
ئىگىسەن قالتىراپ قانداق ياتاققا؟
قانداقمۇ تڭە كەلدىڭ ئەي بايقۇش ئادەم
ئالۋاڭدەك، چاكىنا ئۇشبۇ ھاياتقا.
يەتكۈچە قىينالدىم، ئايرىلىپ ياشاي.
گەز كەلگەن قىز بىلەن قانداق ئۆتتۈڭسەن؟
ئامرىقىم، دىلبىرىم، جەزىبىگە باي.
ناۋادا چاچىساڭ كەتمىگىن كايىپ.
قانداقراق تۇرىسەن ئادەملەر بىلەن
سىناينى سورىغان، ئەمىرچى ساھىب.
بويلىرى زىلۋامۇ، ئىللىق تۇرامدۇ؟
رەنجىسە زىۋىسنىڭ بۇرغىسى بىلەن−
نومۇسى توختىماي ئۇنى ئۇرامدۇ؟
ساقمۇ سەن؟ نېچۈكەن؟ ئېيتمامسەن ناخشا.
چارىسىز، چاپلاشقاق ۋىجدان يارىسى،
سېنىڭدىن قانداقمۇ ئايرىلار ئەستا.
قانداقمۇ بولدۇڭسەن چىقىمغا ئىگە.
كارارا مەرمىرى[1] ئۇشلىغان تۇرۇپ،
قانداقمۇ جۆر بولدۇڭ ناچار نەرسىگە.
قانداقمۇ جۆر بولدۇڭ، بولدۇڭ تاشتاراش،
ئەمدىغۇ يارقىنلىق بولغاندۇر تار-مار.
قانداقمۇ ئۆي تۇتتۇڭ قىمارۋاز بىلەن
لىلىتنى[2] بىلەتتىڭ ئۆتمۈشتىن دىلدار.
چۈنكى سەن جىنلارنى بىلمەيسەن ئەزگۈ.
سەن قانداق ياشايسەن ئاراللار بىلەن
كەممۇيە سېنىڭدە ئالتىنچى سەزگۈ.
نەدىمۇ بەختىڭ بار، باش ئوچاق بولسا،
قانداقمۇ قىلغۇلۇق قۇچاق ئاچسا يەر.
ئامرىقىم جېنىڭنى يېمەمدۇ ھەسرەت
گوياكى مېنىمۇ ئالغاندەك بىر ئەر.
[1] كارارا− ئىتالىيىنىڭ ئوتتۇرا قىسمىدىكى توسكانا ئۆلكىسىنىڭ شەھىرى، مەرمەر ئىشلەش سانائىتى بار.
[1] رىۋايەتلەردە لىلىتنى تۇنجى خوتۇن ئېمىش.
ئوسمانجان ساۋۇت تەرجىمىسى
Yorumlar
Yorum Gönder