مەن ئەما، مەن يېتىم، قانداق قىلغۇلۇق؟ (شېئىر)
سىۋىتايېۋا
ھەركىممۇ ئاتىلىق يورۇق ئالەمدە:
چېركاۋدىن قوغلانغان لەنەتلەر بويلاپ،
يار بويلاپ ماڭغاندەك ماڭدىم ئەلەمدە.
يىغلاشلار دېيىلەر بۇرۇن كېسىلى
چۈرمەللىك چاپلاشقان ھەممە ئادەمگە.
كۈيلەيمەن كانلاردا قوۋۇرغام بىلەن،
ئالدىمدا توك سىمى، زۇلمەت ۋە سىبىر.
ئۆزۈمنىڭ سېھرىنى بويلاپ بارىمەن،
ئۆلچەملىك ئالەم بۇ ئۆزگە بەرىبىر.
نىچارە كۈيچىمەن، تۇنجى پەرزەنتمەن،
زەڭگىمۇ ئالەمدە كۈل رەڭدۇر ھامان.
چايداندا ساقلىشار ئىلھامنى خەقلەر،
مىزانلىق ئالەمدە يوق قىلچە مىزان.
1923- يىل 22- ئاپرېل
ئوسمانجان ساۋۇت تەرجىمىسى
Yorumlar
Yorum Gönder