كېچىكىپ كېلىمەن ۋەدىلىك يەرگە (شېئىر)


سىۋىتايېۋا


كېچىكىپ كېلىمەن ۋەدىلىك يەرگە،

ئىلكىمدە ئوشۇقچە قوشۇلغان كۆكلەم.

مەن ئاقۋاش كېلىمەن چوقۇم شۇ يەرگە،

سەن مېنى ھەيۋەتتە چاقىردىڭ ئەركەم.


ماڭىمەن تالاي يىل− ئاھ ئوفىلىيا[1]

بېدىيان خۇمارى تەۋرىمەس ھامان.

ئۆتىمەن تاغلاردىن، مەيداندىن ھەمدە

ئۆتىمەن دىللاردىن، قالماس ھەم ئالقان.


زېمىندا ياشايمەن بەكمۇ ئۇزۇن يىل،

بۈككىدە ئورماننىڭ تېرەن يېرىدە.

قان ئاقار، ھەر تامچە بىر ئەگىم ئېرىق

قوشۇلغان ماڭلاي ۋە ۋۇجۇد تېرىگە.

قىرغاقتا تۇتاشقان جايلاردا، بىراق

يۈزلىرى مەڭگۈگە ئوفىلىيانىڭ

چىلانغان شۇ قىرتاق چۆپلەر سېلىگە.


ئۇ قاندى ھەۋەسكە پۈتۈن تېنى لاي،

شولىلار چۈشكەندەك شېخىل ۋەسلىگە.

مەن سېنى ئاسماندەك ئېگىز سۆيگەنتىم،

كۆمەي مەن ئۆزۈمنى ئاسمان بەستىگە.


1923- يىل 18- ئىيۇن


____

[1] شىكسپىر قەھرىمانلىرىدىن بىرى.


ئوسمانجان ساۋۇت تەرجىمىسى

Yorumlar

Bu blogdaki popüler yayınlar

تاڭ دەۋرى شېئىرلىرىدىن

ئۇيغۇرلۇق روھى بىزگە نېمە دەيدۇ؟

سىياسىي ئانسامبىلچىلىقتا قوش يۈزلۈك سەتچىلىك