5
ئۈچ كۈن ئۆتتى، كۆكقۇمنىڭ تېرەك بوستانلىق مەھەللىلىرى ئېغىر سۈكۈنات ئىچىدە جىمىپ كەتتى. پەقەت خورازلارنىڭ چىللىشى، مۇئەززىن ئاخۇنۇمنىڭ ئەزان ئاۋازى، كالىلارنىڭ مۆرىشى، ئېشەكلەرنىڭ ھاڭرىشىلا بۇ يەردە ھاياتلىقنىڭ داۋام قىلىۋاتقانلىقىدىن بېشارەت بېرەتتى. ئەترەت باشلىقىنىڭ تاڭ ئاتماستىنلا تاك-تاك ئۇرۇپ «سەھەرلىك دولقۇن»غا چىللايدىغان، ئۆگزىگە چىقىۋېلىپ قاڭالتىر كانايدا ئىشقا ئالدىرىتىدىغان سادالىرى يوق بولغانىدى. ئۇ مەڭگۈگە يوق بولىدىغاندەك تۇيۇلاتتى. يۈسۈپ قارا قۇلاقمۇ گويا ئۆچەككە كىرگەن قارا قۇلاقتەك كۆرۈنمەي قالدى. كىشىلەر ئۇنى يۇرتنى تاشلاپ چىقىپ كېتىپتۇ دېيىشەتتى. ئەمما كوپىراتسىيە بۇلاڭ-تالاڭغا ئۇچراپ ئۈچىنچى كۈنى كەچتە ئۇ بىر توپ شەپكە كىيگەن كادىرلارنى باشلاپ قايتىپ كەلدى. شۇ كۈنى كېچە كۆكقۇملۇقلارنىڭ دەرۋازا-ئەگۈنلىرى داقىلدىتىپ قېقىلىپ ئەنسىزلىك بىلەن ئۆتتى. تاڭ ئاتقاندا ئاۋۋال تاك-تاك ئاۋازى، كېيىن ئۆگزىگە چىقىپ قاڭالتىر كانايدا ۋارقىرىغان يۈسۈپ قارا قۇلاقنىڭ تونۇش ئاۋازى ئاڭلاندى. ئۇ ھەممە كىشىنى كوپىراتسىيىنىڭ چوڭ خامىنىدا ئېچىلىدىغان يىغىنغا چىللاۋاتاتتى. كېچىچە نېمىلەرنىدۇر تۇيغان ۋە ھېس قىلغان كىشىلەر ھودۇقۇش ئىچىدە خامانغا قاراپ مېڭىشتى. بىز كىچىكلەر تاماشا كۆرۈشكە ئالدىرايتتۇق. خامانغا ھەممىدىن بۇرۇن يېتىپ باردۇق. كۆردۇقكى، قوللىرى ئارقىسىغا قىلىنىپ چەمبەرچاس باغلانغان بىر توپ كىشىلەر خاماندا قاتار سەپ قىلىپ تىزلاندۇرۇپ ئولتۇرغۇزۇپ قويۇلۇپتۇ. تونۇدۇق: سايىت ھاجىم، سايىت ھاجىمنىڭ ئوغلى مۇھەممەتخان، رەھىم پوۋاش، ئىمىن كۈشكەل، تۇرسۇن چالۋاش، ياسىن كەس، قۇۋاننىياز چوت، قاسىم پالۋان... ئاشۇلارنىڭ قاتارىدا تاغام ئابدۇللا خارەتمۇ بار ئىدى. سانىدۇق، ھەممىسى 17 ئادەم. ئويۇن-تاماشا نەدە؟ جىممىدە تۇرۇپ قالدۇق. قاينىغان قازانغا تۇز قۇيغاندەكلا توختاپ قالدۇق. چوڭلارمۇ يېتىپ كېلىشكەن، ئۇلارمۇ گويا ئېگىز ۋە مۇستەھكەم توغانغا دۇچ كەلگەن ئېقىن سۇدەك جىممىدە توختاپ قېلىشقانىدى. ئۇلار نېمە ئىش بولغانلىقىنى چۈشەنگەن، ئەمما نېمە دېيىشىنى، نېمە قىلىشىنى بىلمەيتتى. باغلاقتا تۇرغان ئاتىلىرىغا، ئاكا-ئىنىلىرىگە، ئوغۇل-نەۋرىلىرىگە ئارا بولۇشقا جۈرئەت قىلىشالمايتتى. يۇسۇن كالتا، مەتتوختى دۈمچەك، روزىمەت غەلەپلەر باغلاقتىكىلەرنىڭ ئارقىسىدا ئالابالداقلىرىنى تۇتۇشۇپ تۇرۇشاتتى. تېخى ئىلەك جۇل مىلتىق كۆتۈرۈۋالغانىدى.
سول تەرەپتە نەدىندۇر تېپىپ كېلىنگەن شىرەگە قىزىل يوپۇق يېپىلغان، شىرە يېنىغا قادالغان ئېگىز خادا ئۇچىدا قىزىل بايراق لەپىلدەپ تۇراتتى. كىشىلەر — يىغىن ئىشتىراكچىلىرى شىرەنىڭ ئۇدۇلىدا، كۆك توپىغا ئولتۇرغۇزۇلدى. شىرە بىلەن كىشىلەر ئارىسىدا ئالتە-يەتتە قەدەم ئارىلىق قالدۇرۇلدى. كىشىلەر ئولتۇرغان يېرىدىن بويۇنلىرىنى غازدەك سوزۇشۇپ يىغىن سەھنىسىگە ئەمەس، سول تەرەپتە قالغان باغلاقتىكىلەرگە قارىشاتتى. نېمە ئىش يۈز بېرىشىنى، نېمە دېيىلىشىنى كۈتەتتى. يىغىن كۆپ ھاياللىمايلا باشلاندى. يۈسۈپ قارا قۇلاق «خىزمەت گۇرۇپپىسىنىڭ باشلىقى» دەپ تونۇشتۇرغان بىر قارىمۇتۇق، ئوتتۇرا بوي، بېشىدا قىسقا چېچى بار كادىر ئۇزۇن سۆزلىدى. ئۇ بىر توپ ئەكسىيەتچى ئۇنسۇرلارنىڭ سايىت ھاجىم، مۇھەممەت خاپانباش قاتارلىق زومىگەر-پومېشچىكلارنىڭ قۇترىتىشى بىلەن كوپىراتسىيىنى بۇلاڭ-تالاڭ قىلغانلىقىنى، دەپتەر-ھېساباتلارنى كۆيدۈرگەنلىكىنى، بۇنىڭ پارتىيە، ھۆكۈمەتكە قىلىنغان ھۇجۇم ئىكەنلىكىنى، ئۆتكۈر سىنىپىي كۈرەش ئىكەنلىكىنى، ئەكسىيەتچى ئۇنسۇرلار بىلەن كەمبەغەل دېھقانلار سىنىپى ئارىسىدىكى ھايات-ماماتلىق ئېلىشىش ئىكەنلىكىنى سۆزلىدى. پرولېتارىيات دىكتاتۇرىسىنىڭ بۇ بىر ئوچۇم سىنىپىي دۈشمەنلەر ئۈستىدىن چوقۇم غالىب كېلەلەيدىغانلىقىنى، ئۇلارغا قاتتىق دىكتاتۇرا يۈرگۈزۈشنىڭ ۋەزىيەتنىڭ تەقەززاسى ئىكەنلىكىنى بايان قىلدى...
خىزمەت گۇرۇپپىسىنىڭ باشلىقى سايىت ھاجىمنىڭ ئىسمىنى ئوقۇدى. يۈسۈپ كالتا بىلەن روزىمەت غەلەپ چەمبەرچاس باغلانغان سايىت ھاجىمنى تارتىپ تۇرغۇزۇپ، دوڭغايتقىنىچە سەھنە ئالدىغا ئىتتىرىپ ئېلىپ كەلدى. باغلانغان قوللىرى ئارقىسىغا قايرىلغان بولغاچقا بېشى يەرگە تەگكۈدەك ئېگىلىپ كەتكەنىدى. خىزمەت گۇرۇپپىسى باشلىقى جاھىل پومېشچىك، ئۆزگەرمەس سىنىپىي دۈشمەن سايىت پومنىڭ كوپىراتسىيىنى بىكار قىلىشقا قۇترىتىش جىنايىتى بىلەن قولغا ئېلىنغانلىقىنى جاكارلىدى. سايىت ھاجىمنىڭ پۇتلىرى لاغىلداپ تىترەيتتى. ئۇنىڭدىن كېيىن رەھىم پوۋاشنىڭ ئىسمى ئوقۇلدى. ئىككى ساقچى ئۇنىمۇ ئوخشاشلا دوڭغايتىپ، ئىتتىرىپ سەھنىنىڭ ئالدىغا ئېلىپ كەلدى ۋە «كوپىراتسىيىنى بىكار قىلىشقا قۇترىتىش ۋە ئىغۋا توقۇش جىنايىتى» بىلەن قولغا ئېلىنغانلىقىنى جاكارلىغاندىن كېيىن، دوڭغايتقىنىچە سايىت ھاجىمنىڭ قېشىغا ئاپىرىپ تۇرغۇزۇپ قويدى. ئۇنىڭدىن كېيىن تاغام ئابدۇللا خارەت، ئىمىن كۈشكەل، تۇرسۇن چالۋاش... باغلاپ خاماننىڭ يەنە بىر تەرىپىگە تىزلاندۇرۇپ ئولتۇرغۇزۇپ قويۇلغان 17 ئادەم بىر-بىرلەپ قولغا ئېلىندى. قولغا ئېلىش تەرتىپى ئوخشاش ئىدى. ئىسمى ئوقۇلاتتى. دوڭغايتىلغىنىچە ئىتتىرىپ ئېلىپ كېلىنەتتى.
جىنايىتى ۋە قولغا ئېلىنغانلىقى جاكارلانغاندىن كېيىن، يەنە دوڭغايتىلغىنىچە قولغا ئېلىنغانلارنىڭ سېپىگە ئاپىرىپ تۇرغۇزۇپ قويۇلاتتى. پەقەت جىنايىتىنىڭ نامى ئۇنچە ئوخشىشىپ كەتمەيتتى. تاغام ئوت قويغۇچى ئۇنسۇر بولۇپ قولغا ئېلىندى. ئۇنى دوڭغايتىپ سەھنە ئالدىغا ئېلىپ كەلگەندە، قىزىل كوسا چىرايى سەل سارغىيىپ قالغاندەك كۆرۈندى.
شۇ كۈنى چۈشتىن كېيىن كوپىراتسىيە ئەسلىگە كەلدى. كىشىلەر ئۆيلىرىگە ئەكەتكەن، ئالدىنقى يىلى كوپىراتسىيىگە پاي قىلىپ قاتقان نەرسىلىرىنى ئۆزلۈكىدىن ئەكېلىپ بېرىشتى. ھەرگىز كەم ئەكېلىشمىدى. ئەگەر كەم ئەكېلىشكەن بولسا تۇتۇلۇپ قالغان، ھېلىقى قولغا ئېلىنغانلار قاتارىغا قوشۇلۇپ قالغان بولاتتى. چۈنكى ھېلىقى كۈنى قېچىپ كەتكەن بوغالتىر بالا ئۇ نەرسىلەرنىڭ تىزىملىكىدىن بىر نۇسخا ساقلاپ قالغانىدى. بەزىلەر قاتتىق سۈرۈشتە قىلىندى. ئەمما ئۇلار ئىشنى قولغا ئېلىنغانلارغا دۆڭگەپلا قۇتۇلدى. دېمىسىمۇ دۆڭگەش ئۇلارنىڭ ئادىتى ئىدى. بالا ئوغۇل تۇغۇلسا ئۆزىدىن، قىز تۇغۇلسا خوتۇنىدىن كۆرۈشكە كۆنۈپ قالغان، سەۋەنلىك كۆرۈلسە ياكى ئىش ئوخشىماي قالسا باشقىلارغا دۆڭگەشكە تەييار تۇرۇشاتتى. بۇ قېتىممۇ شۇنداق بولدى. قولغا ئېلىنغان كوپىراتسىيىگە قارشى ئۇنسۇرلار كۈندۈزى كوپىراتسىيىنىڭ ئېتىزىدا قاتتىق ئەمگەككە سېلىنىپ، كېچىسى كوپىراتسىيىنىڭ خامىنىدا ئېچىلغان يىغىندا قاتتىق كۈرەش قىلىناتتى. كوپىراتسىيىنى بۇلاڭ-تالاڭ قىلغان كۈنى تەڭ ھە-ھۇ دېيىشكەنلەر ئەمدى كۆك توپىدا تىزلىنىپ ئولتۇرۇپ، ئوڭ قول مۇشتۇمىنى ئېگىز كۆتۈرۈپ، «پىكىر، پىكىر!» دەپ ۋارقىرايتتى ۋە قولغا ئېلىنغان ئۇنسۇرلارنى غەزەپ بىلەن پاش قىلاتتى. ئۇلارنىڭ گۇناھلىرىنى، جىنايەتلىرىنى، بۇزغۇنچىلىقلىرىنى ئەيىبلىشەتتى. كوپىراتسىيىگە قارشى ئۇنسۇرلارنى كۈرەش قىلىش يىغىنلىرى كېچە-كېچىلەپ داۋام قىلاتتى. ئۇرۇش، مۇشت سېلىش، تېپىش، دۈشكەلەشلەرمۇ كۈرەش قىلىشنىڭ بىر خىل ئۇسۇلى، يەنى كېلىپ ئەۋجى ھېسابلىناتتى. بۇنىڭغا يول قويمىسا ئىنقىلابىي ئاممىنىڭ غەزىپىنى باسقىلى بولمايتتى. كوپىراتسىيىنى بۇزغانلىقىدىن ئەمەس، بەلكى قاچانلاردۇر بىر چاغلاردا ئۆزلىرىگە يوغانچىلىق قىلغانلىقلىرىدىن، بايلىق، مال-مۈلكىنى كۆز-كۆز قىلغانلىقلىرىدىن، قۇدا چۈشۈشكە ئۇنىمىغانلىقلىرىدىن ۋە ياكى بىرەر ئېغىز ئوشۇق گېپىدىن قالغان ئۆچىنى ئېلىشاتتى. بۇنداق ياخشى پۇرسەت يەنە كېلەمدۇ-كەلمەمدۇ؟ بۇنى ھېچكىم بىلمەيتتى. پۇرسەتنى چىڭ تۇتۇش كېرەك ئىدى. پۇرسەت كەلگەندە ئۇرۇپ-تېپىپ، ئۆچىنى، ئەنتىنى، ئىنتىقامىنى، قىساسىنى ئېلىۋېلىشى زۆرۈر ئىدى. «كۆكقۇم» يۇرت بولۇپ، مۇشۇ ئادەملەر تۇغۇلۇپ، ئۆسۈپ ئادەم بولۇپ، بۇنداق پۇرسەتنىڭ كېلىشى تېخى تۇنجى قېتىم ئىدى. بۇنداق پۇرسەتنىڭ يارىتىپ بېرىلىشىمۇ تۇنجى قېتىم ئىدى. شۇڭا پۇرسەتنى تۇتماي بولمايتتى. ئۇلار پاش قىلاتتى، ئەيىبلەيتتى، تىللايتتى، ئۇرۇپ-تېپەتتى. ئۆزلىرىنىڭ مۇشۇ ھەرىكەتلىرى ئارقىلىق ئاللىقانداق بىر ئىچكى رازىمەنلىك-خۇشاللىق تېپىپلا قالماستىن، بەلكى يەنە خىزمەت گۇرۇپپىسىنىڭ، يۈسۈپ قارا قۇلاقنىڭ ئەتىۋارلىشىغا ئېرىشەتتى. تېخىمۇ مۇھىمى، ئۆزلىرىنىڭمۇ كوپىراتسىيىنى بۇزۇشقا قاتناشقان ئىشلىرىنىڭ سۈرۈشتۈرۈلۈشىدىن قۇتۇلۇپ قالاتتى...
ئۇزاق يىللاردىن كېيىن چوڭ بولغىنىمدا ئاڭلىسام، شۇ كۈنلەردە ناھىيەنىڭ ھەممە يېرىدە كوپىراتسىيە ئەنە شۇنداق ئەسلىگە كەلتۈرۈلۈپتۇ. كوپىراتسىيە ۋەقەسىنى تۇغدۇرغۇچىلار ئاشۇنداق قولغا ئېلىنىپتۇ. ئېنىق ئېسىمدە، تاغاملارنى قولغا ئالغانلىقى ئېلان قىلىنغان بولسىمۇ، لېكىن تۈرمىگە ئېلىپ كېتىلمىدى. ھەر كۈنى بوۋامغا ئەگىشىپ تاغامغا تاماق ئېلىپ بارغانلىقىمىزمۇ ئېسىمدە. بوۋامنى ۋە باشقا ئۇرۇق-تۇغقانلارنى كۈرەش قىلىش يىغىنىغا قاتناشتۇرمىغىنىغا ئوخشاش، تاماق ئېلىپ بارغاندىمۇ ئۇلار بىلەن كۆرۈشتۈرمەيتتى. بىز پەقەت ئۇلارنى يىراقتىن كۆرەلەيتتۇق. ئىلەك جۇل، يۈسۈپ كالتا قاتارلىق ئالابالداق تۇتۇۋالغان ساقچىلار تاماقنى ئېلىپ، مالتىلاپ تەكشۈرۈپ ئېلىپ قالاتتى.
تاغامنى راسا سېغىنىپ يۈرگەن كۈنلىرىمدە، ماڭا ئۇنى كۆرۈش نېسىپ بولدى. بوۋام-موماملارمۇ ئوغلىنى كۆردى. پۈتۈن «كۆكقۇم»دىكى چوڭ-كىچىك، ئۇلۇغ-ئۇششاقنىڭ ھەممىسى تاغامنى كۆردى. ئاشۇ كۈندىكى ئىش ھازىرغىچە كۆز ئالدىمدا ئېنىق گەۋدىلىنىپ تۇرىدۇ. تاغامنىڭ ئاۋازى قۇلاق تۈۋىمدە جاراڭلايدۇ. ئوچۇق قالغان كۆزلىرى يادىمغا كەلسە تېنىم شۈركىنىپ كېتىدۇ...
6
ۋەقە ھېلىم ئاتام قولغا ئېلىنغان كۈننىڭ ئەتىسى يۈز بەردى. ئۇزاق يىللاردىن كېيىن باشقىلارنىڭ سۆزلەپ بېرىشىچە، قولغا ئېلىنغانلاردىن كىمدۇر بىرسى ھېلىم ئاتىدىن كوپىراتسىيىنى بىكار قىلىشقا دۇئا سورىغانلىقىنى، ھېلىم ئاتىنىڭ ئاپئاق بېشىنىڭ ئىرغاڭلىغانلىقىنى تىلغا ئېلىپ ساپتۇ. تاغام ئابدۇللا خارەتنىڭ ئاشۇ باش ئىرغاڭلىتىشقا «قوشۇلدى» دەپ تەبىر بەرگەنلىكىنىمۇ پاش قىپتۇ. مانا شۇنىڭ بىلەن 102 ياشلىق ھېلىم ئاتىمۇ قولغا ئېلىندى. شۇ كۈندىكى ئىش ئېنىق ئېسىمدە. بىز ئوقۇغۇچىلار مۇئەللىمىمىزنىڭ يېتەكچىلىكىدە قاتار-قاتار سەپ بولۇپ، قىزىل بايراقنى لەپىلدىتىپ، ئوچۇق سوت مەيدانىغا — كوپىراتسىيىنىڭ خامىنىغا يېتىپ باردۇق. كوپىراتسىيە ئەزالىرى ئاللىقاچان كۆك توپىغا سانجاق-سانجاق ئولتۇرغۇزۇپ بولۇنغانىدى. بوۋام-موماملارمۇ، ئانام-ھامماچاملارمۇ، باشقا قولغا ئېلىنغانلارنىڭ كۈرەش يىغىنلىرىغا قاتناشتۇرۇلمايدىغان ئۇرۇق-تۇغقانلىرىمۇ ھەيدەپ كېلىنگەنىدى. خاماندا، ئۇزۇن خادىنىڭ ئۇچىدا قىزىل بايراق لەپىلدەپ تۇراتتى. چاچ-ساقاللىرى ئۇچتەك ئاقارغان، ئۈشتە قىلىنغان ئاق خامدىن ئۈستىۋاش كىيگەن، گەۋدىسى كاماندەك ئېگىلىپ قالغان ئورۇق ھېلىم ئاتا يالاپ ئېلىپ كېلىندى. ئۇنىڭ بېشى يەنىلا ئىرغاڭلاپ تۇراتتى. خىزمەت گۇرۇپپىسىنىڭ ئىككى كادىرى ئۇنىڭ ئىككى يېقىدا ئىككى قولىنى ئارقىسىغا قايرىپ مەھكەم تۇتۇپ تۇراتتى. خىزمەت گۇرۇپپىسىنىڭ باشلىقى قولىدىكى قەغەزگە قاراپ ئۈنلۈك ۋارقىراپ ئوقۇدى:
— ھېلىم پاۋان، ئەر، 102 ياش، «كۆكقۇم» يېزىسىنىڭ «ئەگرىيار» كەنتىدە ئولتۇرۇشلۇق. جاھىل ئۇنسۇر ھېلىم پاۋان «ئەگرىيار»دا «بەخت يولى» كوپىراتسىيىسى قۇرۇلغان ئىككى يىلدىن بېرى كوپىراتسىيىگە كىرىشنى ئىزچىل رەت قىلىپ، كوللېكتىپ ئەمگەكلەرگە قاتناشماي، ئۆيىدە بىكار يېتىۋالغان، بۇنى ئاز دەپ، كوپىراتسىيىگە قارشى ئۇنسۇرلارنى كوپىراتسىيىنى تارقىتىۋېتىشكە قۇتراتقان. جىنايىتى ئېغىر، تەسىرى يامان. مەن ھازىر «كۆكقۇم» يېزىلىق خەلق ھۆكۈمىتىنىڭ تەستىقىغا ئاساسەن، جاھىل ئۇنسۇر ھېلىم پاۋاننى قولغا ئالغانلىقىمنى جاكارلايمەن...
ھېلىم ئاتىنىڭ چىرايىدا ھېچقانداق ئۆزگىرىش يوق ئىدى. ئاپئاق بېشى يەنىلا «توغرا، ھەئە، شۇنداق، شۇنداق قىلىش كېرەك» دەۋاتقاندەك توختىماي ئىرغاڭلاپ تۇراتتى. قايسىدۇر بىر كادىر «كوپىراتسىيىگە قارشى ئۇنسۇرلاردىن بىرنىمۇ توردىن چۈشۈرۈپ قويمايلى!» دەپ شوئار توۋلىدى. ئەتراپ جىمجىت، ھېچكىم ئاۋاز قوشمىدى. كۆك توپىدا تىزلىنىپ يۈكۈنۈپ ئولتۇرۇشقان كوپىراتسىيە ئەزالىرى يەرگە قارىشىۋېلىشقانىدى. ئىشنىڭ ئەپلەشمەيۋاتقانلىقىنى سەزگەن مۇئەللىمىمىز بىز ئوقۇغۇچىلار سەپ بولۇپ تۇرغان يەرگە كېلىپ بىزنى قوشۇلۇپ شوئار توۋلاشقا تەشكىللىدى. بىز شوئار توۋلاۋاتقان كىشىگە ئەگىشىپ شوئار توۋلىشىمىز كېرەكلىكىنى چۈشەندۇق ۋە ھېلىقى كادىر: «كوپىراتسىيىگە قارشى جاھىل ئۇنسۇر ھېلىم پاۋاننىڭ ئىت كاللىسىنى يانچىپ تاشلايلى!» دەپ توۋلىغاندا، «سېسىتىپ تاشلايلى!» دەپ جور بولدۇق. كىچىككىنە مۇشتۇملىرىمىزنى كۆككە سوزدۇق. لېكىن كوپىراتسىيە ئەزالىرى يەنىلا ئاۋاز قاتمىدى. ئۇلار گويا نېمىدىندۇر خىجىل بولغاندەك يەنىلا يەرگە قارىشىۋېلىشقانىدى. شۇنداقتىمۇ ھېلىم ئاتىنى قولغا ئېلىش يىغىنى ئوڭۇشلۇق ئاياغلاشتى. قوللىرى ئارقىسىغا قىلىپ باغلانغان ھېلىم ئاتا خاماننىڭ يەنە بىر تەرىپىدە يەرگە تىزلاندۇرۇپ ئولتۇرغۇزۇپ قويۇلغانلار قاتارىغا ئاپىرىپ قوشۇۋېتىلدى. قولغا ئېلىش دېگەن مانا شۇ ئىدى.
شۇ كۈنى ئوقۇغۇچىلارنىڭ سېپىدە تۇرۇپ، يىراقتا قوللىرىنى ئارقىسىغا باغلاپ، بىز تەرەپكە ئارقىسىنى قىلىپ تىزلاندۇرۇلۇپ قويۇلغانلارغا پات-پات قاراپ قويغانلىقىممۇ يادىمدا. قولى ئارقىسىغا قىلىپ باغلانغانلارنىڭ قايسىسى كىم ئىكەنلىكىنى بىلىشكە ئۇرۇناتتىم. تاغامنىڭ تونۇش گەۋدىسىنى ئوڭايلا ئايرىۋالدىم. ئۇنىڭ كەتمەن تۇتۇشقا، كەكە، چوت، ھەرە، يانپۇچۇق، ئىسكىنە تۇتۇشقا ئادەتلەنگەن قوللىرى بىلىكىدىن باشلاپ ئارغامچا يۆگىلىپ، چەمبەرچاس قىلىپ دولىسىدىن ئۆتكۈزۈلۈپ تارتىپ، مەھكەم باغلىۋېتىلگەنىدى. قولىنى مىدىرلىتالمايتتى. گەۋدىسى بولسا پات-پات مىدىرلايتتى. ئۇنىڭ چىرايىنى كۆرگۈم كېلەتتى. لېكىن بىز تەرەپكە ئارقىسى قىلىنىپ تىزلاندۇرۇلغان بولغاچقا كۆرەلمەيتتىم. يېنىغا بېرىشقا بولسا رۇخسەت قىلىنمايتتى.
ئەتىسى ئەتىگەندە مەكتەپكە ماڭاي دەپ تۇرسام، يىراقتىن كوپىراتسىيىنىڭ خامىنى بار تەرەپتىن بىر كىمنىڭ سوزۇپ-سوزۇپ ۋارقىرىغان ئاۋازى ئاڭلاندى. ئاۋاز تۇرۇپ توختاپ، تۇرۇپ جاراڭلايتتى. «ئەگرىيار»نىڭ ھەممە يېرىگە ئاڭلىناتتى. ھويلىغا چىقىپ دىققەت بىلەن قۇلاق سالدىم. بوۋام-موماملارمۇ ھويلىغا ئالدىراش چىقىشتى:
— ياشىسۇن كومپارتىيە! يوقالسۇن كوپىراتسىيە!
ۋارقىرىغان ئاۋازنىڭ نېمە دەۋاتقانلىقىنى ئېنىق ئاڭلىدۇق. «ياشىسۇن كومپارتىيە! يوقالسۇن كوپىراتسىيە!...» دەپ ۋارقىراۋاتاتتى. ئەمما ئەمدى بۇ رەھىم پوۋاشنىڭ ئاۋازى ئەمەس، تاغامنىڭ ئاۋازى ئىدى. بىز تونۇدۇق. مومام-بوۋاملارمۇ تونۇدى. ئۆز ئوغلىنىڭ ئاۋازىنى تونۇمايدىغان ئىش بولامدۇ؟ مومام: «ۋاي بالام، ۋاي بالام!» دېگىنىچە پالاقشىپ خامان تەرەپكە ماڭدى. بىز بىر ئائىلە ئۇنىڭغا ئەگەشتۇق. ھەر بىر قەدەمدە تاغامنىڭ ۋارقىرىغان ئاۋازى ئېنىق ئاڭلىناتتى:
— ياشىسۇن كومپارتىيە! يوقالسۇن كوپىراتسىيە!
ئاۋاز قانداقتۇر بىر ئېگىز يەردىن ئاڭلىناتتى. ئاۋازدىن ئۈركۈگەن قۇشقاچلار كۆكتە ئۇچۇشۇپ يۈرەتتى. خامانغا يېقىن بېرىپ كۆردۇقكى، تاغام چوڭ كۆل بويىدىكى ئېگىز سەگۈ تېرەكنىڭ ئۇچىغا چىقىۋاپتۇ. شەپكە كىيگەن كادىرلار، ئالابالداق تۇتۇۋالغان ساقچىلار كۆل ئەتراپىدا پايپېتەك بولۇپ يۈرۈشەتتى. ھەممىنىڭ بېشى ئاسمانغا بۇرالغان، ئۇلار: «ھوي ئۇنسۇر، پەسكە چۈش! چۈش دەيمەن بۇياققا!» دەپ ۋارقىرىشاتتى. سەگۈ تېرەكنىڭ ئاچىمىقىغا مىنىۋالغان تاغام بولسا، «ياشىسۇن كومپارتىيە! يوقالسۇن كوپىراتسىيە!» دەپ توختىماي توۋلايتتى. ئەمدى چاشقان قۇلىقىدەك بولغان ياپراقلار ئارىسىدىن ئۇنىڭ يىرتىلغان كىيىملىرى، قارىداپ كەتكەن چىرايى، ئاۋارە تۇرقى چالا-پۇلا كۆرۈنەتتى. «ئەگرىيار»لىقلار، ھەتتا «كۆكقۇم»لۇقلارنىڭ ھەممىسى خاماننىڭ يېنىغا، چوڭ كۆل بويىغا يىغىلىشتى. چوڭ-كىچىك ھەممىسى كەلگەنىدى. بوۋام-موماملار ئوغلىنىڭ ئەھۋالىنى كۆرۈپ چىپپىدە توختاپ قېلىشتى. ئاشۇ يەردە كىشىلەرنىڭ دېيىشكەنلىرىدىن مەلۇم بولدىكى، ئەتىگەن ئىشقا ھەيدەش ئالدىدا ھەممە گۇناھكارلارنىڭ قوللىرىنى يېشىۋېتىپتۇ. تاغامنىڭ قولىنىمۇ يېشىپ قويۇپتۇ. ئادەتتە ئاخشىمى باغلاپ كۈرەشكە ئەچىقىدىكەن. كېچىسى باغلانغان پېتى تۇرىدىكەن. سەھەردە ئەمگەككە ماڭىدىغان چاغدا يېشىپ قويىدىكەن. ھېچ ئىش چىقمىغانىكەن. بۈگۈن قوللىرى يېشىلىشىگىلا تاغام نېمىشقىدۇر قېچىشقا باشلاپتۇ. دەسلەپ خاماننى چۆرگىلەپ قېچىپتۇ. «توختا!» دېسە ئۇنىماپتۇ. ساقچىلار تۇتماقچى بولغانىكەن، بوي بەرمەپتۇ. ئاخىر چوڭ كۆل بويىغا ئۆتۈپ، كۆلنى چۆرگىلەپ يۈگۈرۈشكە باشلاپتۇ. ئاڭغىچە كادىرلار ۋە باشقا ساقچىلار يېتىپ كېلىپ مىلتىق، كالتەكلىرىنى تەڭلەپ ئۇنى تۇتماقچى بوپتۇ. تۆت تەرەپتىن قورشاپ كەپتۇ. بۇنى كۆرگەن تاغام خۇددى مۈشۈكتەك چاققانلىق بىلەن چوڭ سەگۈ تېرەككە يامىشىپ ئۈستىگە چىقىۋاپتۇ. بارغانسېرى ئېگىزگە ئۆرلەپ، «ياشىسۇن كومپارتىيە! يوقالسۇن كوپىراتسىيە!» دەپ ۋارقىراشقا باشلاپتۇ... بولغان ئىش مانا شۇ ئىكەن.
كىشىلەرنىڭ ھەممىسى خۇددى پادىشاھلىقنى بەخش ئەتكۈچى ھۇما قۇشىنى كۈتۈۋاتقان شەھەر ئاھالىسىدەك ئاسمانغا، سەگۈ تېرەكنىڭ ئۇچىغا قارىشاتتى. بويۇنلىرى تېلىپ كەتكەندە بولسا باشلىرىنى بىر نەپەس پەسكە چۈشۈرۈپ: «بىچارە، ئېلىشىپ ئەقلىدىن ئېزىپ قالغان چېغى...» دېيىشەتتى. كادىرلار تېخىچە: «ھوي ئۇنسۇر، پەسكە چۈش!» دەپ ۋارقىراپ يۈرۈشەتتى. تاغام بولسا: «ياشىسۇن كومپارتىيە! يوقالسۇن كوپىراتسىيە!» دەپ توختىماي توۋلايتتى. كىمدۇر بىرسى ئۇزۇن شوتىدىن بىرنى تېپىپ كېلىپ سەگۈ تېرەككە قويدى. شوتا تاغام چىقىۋالغان يەرنىڭ يېرىمىغىمۇ يەتمىدى. شۇنداقتىمۇ ئىلەك جۇل شوتا يەتكەن يەرگىچە شوتا بىلەن، ئۇنىڭ ئېگىزىگە يامىشىپ چىقىپ تاغامنى تۇتۇپ چۈشمەكچى بولدى. تاغامنى سەگۈنىڭ ئۈستىدىلا باغلاپ، خۇددى باراڭدىن پىلەكلىك كاۋىنى چۈشۈرگەندەك ساڭگىلىتىپ چۈشۈرمەكچى بولغانمۇ، ئۇ يەنە ئارغامچىمۇ ئېلىۋالدى. ئىلەك جۇلنىڭ شوتىنىڭ بالداقلىرىدىن ئېشىپ، ئۆزى تۇرغان يەرگە چىقىۋاتقانلىقىنى كۆرگەن تاغام سەگۈنىڭ بىلەكتەك توملۇقتىكى بىر نوتىسىنى ئوBlast قىلىپ، سۇندۇرۇپ، ياپراق ۋە كىچىك شاخلىرىنى سىيرىۋېتىپ تەييار بولۇپ تۇردى. ئىلەك جۇل تاغامنىڭ قولىدىكى تاياق يەتكۈدەك يەرگىچە يامىشىپ چىقتى. سەگۈنىڭ پۇتىقىغا مىنىۋالغان تاغام «ياشىسۇن كومپارتىيە! يوقالسۇن كوپىراتسىيە!» دەپ ۋارقىرىغىنىچە ھېلىقى تاياقنى چۆرۈپ، ئىلەك جۇلنىڭ دۈمبىسىگە راسا كېلىشتۈرۈپ بىرنى سالدى. ئىلەك جۇل ۋايجانلاپ توۋلاپ كەتتى. نەچچە كۈندىن بېرى قولغا ئېلىنغانلارنى توختىماي ئۇرۇپ-تېپىپ يۈرۈپمۇ تاياقنىڭ تەمىنى بىلەلمىگەن ئىلەك جۇل ئەمدى تاياقنىڭ تەمىنى تېتىدى. تاغام تاياق بىلەن ھەر قېتىم ئۇرغاندا ئۇ ۋايجانلاپ توۋلاپ كېتەتتى، لېكىن قولى بوشىمىدى. سەگۈ تېرەكنىڭ پۇتىقىنى مەھكەم قۇچاقلاپ تۇرۇۋالدى. قولى بوشىغان بولسا ئىدى، يەرگە موللاقلاپ چۈشۈپ، سانجاق-سانجاق بولۇشۇپ سەگۈ تېرەكنىڭ ئۇچىغا قاراپ تۇرغان كىشىلەر ئويۇننىڭ چوڭىنى كۆرگەن بولاتتى. ھەر قېتىم تاياق تەگكەندە ئۇ ۋايجانلاپ توۋلاپ قوياتتى. چىدىمىغان ئىلەك جۇل سەگۈ تېرەكتىن يېنىپ چۈشتى. خىزمەت گۇرۇپپىسىدىكىلەر قانداق قىلىش كېرەكلىكىنى مۇزاكىرە قىلىشقا كىرىشتى. ئۇزۇن ئۆتمەي يۈسۈپ قارا قۇلاق بىلەن خىزمەت گۇرۇپپىسىنىڭ باشلىقى يېنىمىزغا كېلىپ، بوۋامنى تارتىپ يانغا ئېلىپ چىقتى. ئۇنىڭغا نېمىلەرنىدۇر دېدى. بوۋام ئۇلارغا بېشىنى ئىرغىتىپ قويغاندىن كېيىن، سەگۈ تېرەكنىڭ ئۇچىغا قاراپ ۋارقىرىدى:
— ھاي ئابدۇللا، چۈش بۇياققا! نېمە قىلىق ئەمدى بۇ؟ — تاغام ئاتىسىنىڭ ئاۋازىنى ئاڭلاپ جىمىپ قالدى. بوۋام داۋام قىلدى: — ھەرقانداق ئىش يولى بىلەن، نېمە قاغىدەك تېرەككە قونۇۋېلىپ قاقىلدايسەن؟ چۈش پەسكە! قۇلىقىڭنى چىشلەپ ئۈزۈۋەتمەيدىغان بولسام...
— دادا، دادا! — دەپ ۋارقىرىدى تاغام ۋە جىمىپ كەتتى. ھەممە كۆزلەر سەگۈ تېرەكنىڭ ئۇچىغا قادالغان، ئەتراپ شامالسىز كۈندىكى جاڭگالدەك جىمىپ كەتكەنىدى. ئاشۇ پەيتتە كۆپلەر «بۇ جاھىل ئۇنسۇر دادىسىنىڭ گېپىنى ئاڭلاپ پەسكە چۈشەر» دەپ ئويلاشقاندۇ. ئەمما تاغام سەگۈ تېرەكنىڭ پۇتىقىغا مىنگەن پېتى خۇددى كۆزى ئۇيقۇغا كەتكەن قارچۇغىدەك جىممىدە ئولتۇراتتى. بوۋام يەنە ۋارقىرىدى:
— چۈش دەيمەن، ھۇ ياغاچ قۇلاق!
— ياشىسۇن كومپارتىيە! يوقالسۇن كوپىراتسىيە! — جاۋاب بەردى تاغام دادىسىغا.
شۇنىڭدىن كېيىن بوۋام دوق قىلىپمۇ جىق سۆزلىدى. ھەر ئىشنىڭ يولى بارلىقىنى، ھەرقانداق مۈشكۈل چىگىشنىڭمۇ ئۆز يولى بىلەن يېشىلىپ كېتىدىغانلىقىنى ئېيتىپ نەسىھەت قىلدى. تەقدىر-قىسمەتتىن، قازايى-قەدەرىدىن قېچىپ قۇتۇلغىلى بولمايدىغانلىقىنى بايان قىلدى. ئەمما تاغام بوۋامغا نېمىلا دېسۇن، «ياشىسۇن كومپارتىيە! يوقالسۇن كوپىراتسىيە!» دەپ توۋلاپ جاۋاب بېرەتتى.
كۈن ئاش ۋاقتىدىن ئېشىپ چۈشكە تىكلەنگەن، ئۇنىڭ ئالتۇن نۇرلىرى كۆككە — سەگۈ تېرەكنىڭ ئۇچىغا تىكىلگەن مىڭلاپ جۈپ كۆزلەرگە تىك چۈشۈشكە، پېشانىلەرنى قىزدۇرۇشقا باشلىغانىدى. ئىش ئۇزۇنغا سوزۇلۇپ كېتىدىغاندەك تۇراتتى. رايوندىنمۇ ساقچىلار كەلدى. ئۇلار مۇزاكىرىلىشىشكە باشلىدى. بۇنداق كېتىۋەرسە بولمايتتى. مەسىلىنى تېزرەك ھەل قىلىش كېرەك ئىدى. خىزمەت گۇرۇپپىسىنىڭ باشلىقى قولىغا مىلتىقنى ئېلىپ تاغامغا ۋارقىرىدى:
— ھوي، ئابدۇللا خارەت، گېپىمگە قۇلاق سال، بىز ساڭا جىق نەسىھەتلەر قىلدۇق. سەن ئاڭلىمىدىڭ. بىزنىڭ سەۋرىمىزنىڭ چېكى بار. ئەگەر سەن ئەمدى چۈشمەيدىغان بولساڭ، سېنى مىلتىق بىلەن ئېتىپ چۈشۈرىمەن...
— سەن مېنى ئاتالمايدۇ دەپ ئويلىما، سېنىڭ جىنايىتىڭ سېنى ئېتىپ تاشلاشقا تامامەن توشىدۇ. چۈشەمسەن يوق؟
— ياشىسۇن كومپارتىيە! يوقالسۇن كوپىراتسىيە!
— پاڭ!...
مىلتىقنىڭ دەھشەتلىك ئاۋازىدىن سەگۈ تېرەكنىڭ ئۇچىغا تىكىلىپ تۇرغان مىڭلىغان كىشىلەر دىڭڭىدە چۆچۈپ كەتتى. «كۆكقۇم»نىڭ ئاسمىنى ياڭراپ كەتتى. پەغەزدىكى كەپتەرلەر كۆككە كۆتۈرۈلدى. خېلى ئۇزاقتىن كېيىن ئەگرىياردىن قايتقان ئەكس سادا گۈمبۈرلەپ ئاڭلاندى...
مىلتىقنىڭ ئاۋازى «كۆكقۇم»لۇقلارغا ناتونۇش ئەمەس ئىدى. تۆت-بەش يىل ئىلگىرى ئەكسىلئىنقىلابچىلار ۋە قانخور زومىگەرلەرنى باستۇرىدىغان چاغدا تۇنجى قېتىم ئاڭلاشقانىدى. مىلتىقنىڭ سۈرلۈك ۋە تۇيۇقسىز ياڭرىغان ئاۋازىدىن كېيىن، تاشتۆمۈر بەگ بىلەن ئەمەت بەگ گۈپپىدە يەرگە يىقىلغان ۋە قايتا ئورنىدىن تۇرالمىغانىدى. مانا ئەمدى مىلتىقنىڭ ئاۋازى يەنە ياڭرىدى. تىنىقلار توختاپ كەتتى. سەزگۈلەر ھوشسىزلاندى. دەھشەتلىك سادادىن كېيىن دەھشەتلىك سۈكۈنات ھۆكۈم سۈردى. پەقەت كۆزلەرلا ھەرىكەتتە ئىدى. «كۆكقۇم»لۇقلارنىڭ مىڭلاپ جۈپ كۆزلىرى سەگۈ تېرەكنىڭ ئۇچىدىن ئۇچۇپ چوڭ كۆلنىڭ قىرىغا چۈشتى. ئۇلار ئاشۇ قىرغاقتا ئىمىن پاۋاننىڭ قارا مىلتىقىدىن چىققان ئوق تەگكەن قاغىدەك پالاقلاپ چۈشكەن ئابدۇللا خارەتنى كۆرمەكچى ئىدى. يوق، ئابدۇللا خارەتنىڭ ئۆلۈكى يوق. قىرغاقتا پەقەت يېڭى بىخ چىقارغان قىياقلار ياشناپ تۇراتتى. بويۇنلار ئارقىغا قايرىلىپ، كۆزلەر يەنە سەگۈ تېرەكنىڭ ئۇچىغا ئۇچۇپ چىقتى. ئابدۇللا خارەت سەگۈ تېرەكنىڭ ئاچىماقلىرى ئارىسىغا ئىلىنىپ قالغانمىدۇ؟ سۈكۈنات، سەگۈ تېرەكنىڭ ئۇچىدىمۇ، يەردىمۇ، دىللاردىمۇ سۈكۈنات! مىلتىقنىڭ ئاۋازىدىن كېيىنكى ئۈچ سېكۇنتلۇق سۈكۈنات گويا ئالەم بىنا قىلىنغان زاماندىن تا قىيامەت قايىمغىچە سوزۇلغاندەك تۇيۇلاتتى. دىللار لال، سەزگۈلەر لال. تىنىقلار ئۆلگەن ئادەمنىڭ تىنىقلىرىدەك مەڭگۈگە توختاپ قالغاندەك بىلىنەتتى... ھەممىدىن بۇرۇن ھوشىغا كەلگىنى مومام بولدى. ئوغۇل مېھرى، ئوغۇل دەردى، ئوغۇل ئەنسىزلىكى ئۇنى ھوشىغا كەلتۈرگەنىدى. «ۋاي بالام!» دەپ ۋارقىرىغان تۇنجى ئاۋاز سۈكۈناتنى بۇزدى. سۈكۈناتنىڭ سوغۇق، بەزدۈرگۈچى پەردىسى يىرتىلدى. سەگۈ تېرەكنىڭ ئۇچىغىچە، ئۇ يەردىنمۇ ئېشىپ كۆكلەرگىچە يىرتىلدى. سەگۈ تېرەكنىڭ ئۇچىدىن سادا قايتتى:
— ئانا! ئانا!...
— بالام، جانجىگەر بالام، ئامانمۇ سەن بالام!
مومام ئىككى قولىنى كۆككە سوزدى. كۆزلىرى كۆككە تىكىلگەن، توختىماي: «بالام، جانجىگەر بالام!» دەپ ۋارقىرايتتى. سەگۈ تېرەكنىڭ ئۇچىدىن «ئانا! ئانا!» دېگەن سادا قايتاتتى. سەگۈ تېرەك بىلەن يەرنىڭ ئارىلىقى چەكسىز يىراق ئىدى. ئۇلۇغ مېھىر-مۇھەببەتنىڭ ئوتلۇق تەپتى ئاشۇ چەكسىز مۇساپىنى بېسىپ بولالماي پەرياد چېكەتتى، ئاھ ئۇراتتى، نالە قىلاتتى...
— ئامانمۇ سەن بالام؟
— ئامانمۇ سەن ئانا؟!
«كۆكقۇم»لۇقلارمۇ ھوشىغا كەلگەن، ئۇلارنىڭ كۆز نۇرلىرى دەم سەگۈ تېرەكنىڭ ئۇچىدىن يەرگە — ئانا چېھرىگە، دەم يەردىن سەگۈ تېرەكنىڭ ئۇچىغا — ئوغۇل چېھرىگە ئۇچۇپ يۈرەتتى. نېمىنىدۇر سېزىشەتتى ۋە ھېس قىلىشاتتى. مىلتىق كۆتۈرۈۋالغان ئادەم مومامغا يېقىنلاپ كەلدى:
— نېمىگە ۋارقىرايسەن كەمپىر، مەن ئوغلۇڭنى ئاتمىدىم، پەقەت ئاسمانغا قارىتىپ ئوق چىقاردىم.
— ھۇ قارا يۈز شۇمپەن، ئوغلۇمنى ئاتماقچىمىدىڭ تېخى! — ئانىنىڭ قوللىرى، بارماقلىرى، تىرناقلىرى بىردىن ئۇزىراپ مىلتىق تۇتقان ئادەمنىڭ ياقىسىغا ئېسىلدى، — قارا يۈز شۇمپەن، سېنىڭ ئاناڭ يوقمۇ، بالاڭ يوقمۇ؟!
كىملەردۇر ھەرىكەتكە كېلىپ ئانىنىڭ تۆمۈردەك چىڭ، چاڭگاكتەك كۈچلۈك قوللىرىنى ئۇنىڭ ياقىسىدىن مىڭ تەسلىكتە ئاجراتتى. ئۇنىڭ بويۇنلىرىدا ئانىنىڭ تىرناق ئىزلىرى قالدى. بۇ چاغدا سەگۈ تېرەكنىڭ ئۇچىدىن «ياشىسۇن كومپارتىيە! يوقالسۇن كوپىراتسىيە!» دېگەن سادا ياڭراشقا باشلىغانىدى. مىلتىقلىق ئادەم ھەل قىلىدىغان ئىشنىڭ باشقا ئىكەنلىكىنى، موماي بىلەن ھەپىلىشىپ يۈرسە بولمايدىغانلىقىنى ھېس قىلدىمۇ، بوينىدىكى تىرناق ئىزلىرىنى سىلىغىنىچە كۆزلىرىنى ئالايتىپ يىراقلاپ كەتتى. كۆزلىرى يەنىلا سەگۈ تېرەكنىڭ ئۇچىدا ئىدى. ئەمدى سەگۈ تېرەكنىڭ ئۇچىدىن قوشاق، مەشھۇر سېيىت نوچى ھەققىدىكى ھېلىقى قوشاق ياڭراشقا باشلىغانىدى. بۇ قوشاقنى شاھمۇھەممەتخان راۋاب تەڭكەش قىلىپ ئېيتاتتى. سەگۈ تېرەكنىڭ ئۇچىدا ئولتۇرغۇچى شاھمۇھەممەتخانغا ھەۋەس قىلىپ يۈرگەن ئۇزاق يىللاردا ئۆگىنىۋالغانىدى:
«مېنى ئاتساڭ ئۇستاڭ ئات،
نا ئۇستاڭ يېقىن كەلمە.
سول كۆكسۈمنى چەللەپ ئات،
جا ئۇستاڭ يېقىن كەلمە.»
سەگۈ تېرەكنىڭ ئۈستىگە قونۇۋالغۇچىمۇ ۋە بويۇنلىرى قاڭتۇرۇلغان ئاتتەك كەينىگە ئېگىلگەن سەگۈ تېرەكنىڭ ئۈستىگە قاراپ تۇرغان «كۆكقۇم»لۇقلارمۇ «ئابدۇللا خارەت ئېتىلدى، ئەمما ئوق تەگمەي قالدى» دېگەن تونۇشتا ئىدى. ئوق ئاتقۇچى ۋارقىرىدى:
— ھوي ئابدۇللا خارەت، ئوق ئاۋازىنى ئاڭلىدىڭمۇ؟ بۇ ساڭا بېرىلگەن ئاخىرقى ئاگاھلاندۇرۇش. ئەگەر چۈشمەيدىغان بولساڭ راستتىنلا قارىغا ئېلىپ ئاتىمىز!
سەگۈ تېرەكنىڭ ئۈستىدىن شوئار ۋە ھېلىقى قوشاق ياڭرىدى. تەھدىت كارغا كەلمىگەنىدى. يەنە مۇزاكىرىلەر باشلاندى. سەگۈ تېرەكنىڭ ئۈستىگە قونۇۋالغۇچىنى چۈشۈرۈش ۋە شوئار توۋلاۋاتقان زۇۋانىنى ئېتىش لازىم ئىدى. ئۇنى پەسكە چۈشۈرگىلى بولسىلا زۇۋانىنى ئېتىش تەس ئەمەس ئىدى. ئەمما پەسكە چۈشۈرگىلى بولمايۋاتاتتى. مۇزاكىرە خېلى ئۇزۇنغا سوزۇلدى. كۈن غەربكە پەسلەپ كۆلەڭگىلەر شەرققە ئۇزىراۋاتاتتى. كەچ كىرىۋاتاتتى. ئالدىرىمىسا بولمايتتى. ئالدىراش ئىشمۇ باشلاندى. ئەمدى ئىلەك جۇل بىلەن يۇسۇن كالتا قوللىرىغا پالتا ئېلىپ سەگۈ تېرەكنى كېسىشكە باشلىدى. پالتىلار ھەر قېتىم ئۇرۇلغاندا، باھار ئاپتىپىدا ئېرىپ يۇمشاپ كەتكەن دەرەخ غولىغا قۇلاقلىرىغىچە پېتىپ كېتەتتى. ئىككىنچى قېتىم يانتۇ ئۇرۇلغاندا، ئالىقاندەك تارشىلار ئۇچۇپ چىقاتتى. سەگۈنى كۆل تەرەپتىن كەسكىلى بولمايتتى. ئۇلار قالغان ئۈچ تەرەپتىن ئايلاندۇرۇپ كېسىۋاتاتتى. ناتونۇش بىرسى ئۇلارنىڭ پالتا ئۇرۇشىغا قوماندانلىق قىلاتتى: «بۇياققا، بۇياققىراق سال پالتىنى، مۇشۇ يەر كېسىلگەندىلا سەگۈ ئاندىن كۆلگە يىقىلىدۇ، شۇڭا مۇشۇ تەرەپنى كېسىش كېرەك» دەيتتى ئۇ پالتىچىلارغا. ئۇلار دەرەخنى چوڭ كۆلگە يىقىتماقچىدەك قىلاتتى. دەرەخ كېسىشكە قوماندانلىق قىلغۇچىنىڭ سۆزلىرىدىن ئاشۇ مەنە چىقىپ تۇراتتى. كۆلدە سۇ بار ئىدى. يېقىنقى تومۇزدا كەنتىمىزدىكى ئاقساقاللارنىڭ كۆل بېشىغا يالۋۇرۇپ يۈرۈپ سۇ باشلانغانلىقى يادىمدا ئىدى. كۆڭلۈم بىرئاز ئارامىغا چۈشتى. دەرەخ سۇغا يىقىلسا، تاغاممۇ سۇغا چۈشىدۇ. ئۇنچىلىك ئېگىزدىن سۇغا يىقىلغانغا ھېچنېمە بولمايدۇ. سۇغا چۆمۈلگىلى چىققاندا ئېگىز ياردىن «نازۇكۇم»غا سەكرىسەك ھېچنېمە بولمايمىزغۇ، تاغاممۇ ھېچنېمە بولمايدۇ دەپ ئويلايتتىم مەن...
— ياشىسۇن كومپارتىيە! يوقالسۇن كوپىراتسىيە!
سەگۈنىڭ ئۇچىغا قونۇۋالغۇچى ئۆزى ئولتۇرغان پەغەزنىڭ تېگىدىن كېسىلىۋاتقانلىقىنى بىلمەمدۇ؟ ياكى بىلسىمۇ پەرۋايىغا ئالمىدىمۇ، پات-پات ئۆز شوئارىنى توۋلاپ قوياتتى. توختىماي پالتا ئۇرۇۋاتقان ئىلەك جۇل بىلەن يۇسۇن كالتا ھېرىپ كەتكەن، ھاسىراپ-ھۆمۈدەيتتى. پالتىلار ئالماشتى. ئەمدى پالتىلار تېخىمۇ زەرب بىلەن ئۇرۇلۇشقا باشلىدى. سەگۈ تېرەكنىڭ غولىدىن تەڭنىنىڭ ئاغزىچىلىك يەر ئويۇلۇپ بولدى. يەنە ئازراق كېسىلسىلا دەرەخ قىڭغىيىشقا باشلايتتى.
مومام ۋارقىراپ پەرياد كۆتۈرۈشكە باشلىغانىدى: «ۋاي بالام، ۋاي بالام، بالامنى دەرەخ بېسىۋالىدىغان بولدى. خالايىق، بالامنى قۇتقۇزۇڭلار! ئادەم بارمۇ، بالامنى قۇتقۇزۇڭلار!...» مومام ۋارقىرايتتى. دەرەخ يېنىغا بارماقچى بولۇپ يۇلقۇناتتى. ئەمما ئۇنى مەھكەم تۇتۇۋالغان «كۆكقۇم»لۇقلار نە ئۇنىڭ مۇراجىئىتىگە، نە يۇلقۇنۇشلىرىغا پەرۋا قىلمايتتى. بوۋاممۇ جىددىيلىشىپ قالدى. ئۇ دەرەخكە پالتا ئۇرۇۋاتقانلارنى توختاتتى: «دەرەخ بىلەن يىقىلسا، ساق قالارمۇ ئۇ، توختاڭلار!» پالتىلار توختىدى. بوۋام سەگۈ تېرەكنىڭ ئۇچىغا قاراپ مۇراجىئەت قىلدى. ئەمدى ئۇنىڭ سۆزلىرى ياغدەك يۇمشاپ كەتكەنىدى:
— ئابدۇللاخۇن بالام، گېپىمنى ئاڭلاڭ، پەسكە چۈشۈڭ. ئۆزىڭىزنى ئايىمىسىڭىزمۇ، ئانىڭىز بىلەن مېنى ئاياڭ بالام، پەسكە چۈشۈڭ...
سەگۈ تېرەكنىڭ ئۇچى جىمىپ قالدى. سەل سۈكۈناتتىن كېيىن بوۋام يەنە مۇراجىئەت قىلدى:
— ئابدۇللاخۇن، ئانىڭىزغا، ماڭا، بالىلىرىڭىزغا قاراڭ بالام، بالىلىرىڭىز چۆچۈرىدەك كىچىك، بالىلىرىڭىزنى ئاياڭ، پەسكە چۈشۈڭ بالام...
— ئانا، دادا!... — دەپ جاۋاب قايتتى سەگۈ تېرەكنىڭ ئۇچىدىن، — مەندىن رازى بولۇڭلار، بالىلىرىمنى خۇداغا، ئاندىن قالسا سىلەرگە تاپشۇردۇم، — تاغامنىڭ ئاۋازى يىغلامسىرىغاندەك، تىترىگەندەك ئاڭلىناتتى. ئۇ يۇمشاپ قالغاندەك، يەنە ئازراق نەسىھەت قىلىنسا ئىش ھەل بولىدىغاندەك تۇيۇلاتتى. مومام، ھاممام، ئانام، تاغامنىڭ خوتۇنى، تۇغقانلار ھۈ تارتىشىپ يىغلىشاتتى. ئاشۇ يىغىدا «پەسكە چۈشۈڭ، پەسكە چۈشۈڭ، بىزنى ئاياڭ، بالىلىرىڭىزنى ئاياڭ» دېگەن مەنە بار ئىدى. ئاياللارنىڭ يىغىسى ئېچىنىشلىق، تەسىرلىك ئىدى. مەن «تاغام تەسىرلىنىپ پەسكە چۈشىدىغان بولدى» دەپ ئويلىدىم. ئەمما سەگۈ تېرەكنىڭ ئۇچىدىن قايتا ياڭرىغان شوئار مېنىڭ ئۈمىدلىرىمنى يوق قىلدى:
— ياشىسۇن كومپارتىيە! يوقالسۇن كوپىراتسىيە!
سادا قاتتىق، كۈچلۈك، بۇرۇنقىدىنمۇ بەكرەك ياڭراق ئىدى. «كۆكقۇم»نىڭ ئاسمىنى يەنە لەرزىگە كەلدى. ئەگرىياردىن ۋاڭىلدىغان سادا قايتاتتى. ئىلگىرى توختاپ-توختاپ توۋلىغان تاغام ئەمدى ئۈزمەي ۋارقىراشقا باشلىغانىدى:
— ياشىسۇن كومپارتىيە! يوقالسۇن كوپىراتسىيە!
— جاھىل ئۇنسۇر دېگەن مانا مۇشۇنداق، ئۇنىڭغا نەسىھەت كار قىلمايدۇ، — دېدى مۇئەللىمىمىز سۆز قېتىپ. ھەممە كىشى ئۇنىڭ ئەيۋەشكە كەلمەيدىغانلىقىنى ھېس قىلغانىدى. يۈسۈپ قارا قۇلاق پالتىچىلارغا ئىشارەت قىلدى. پالتىلار يەنە زەرب بىلەن ئۇرۇلۇشقا باشلىدى...
سەگۈ تېرەكنىڭ ئۇچى قىڭغىيىشقا باشلىدى. تاغامنىڭ «ياشىسۇن كومپارتىيە...» دېگەن ئاخىرقى ئاۋازى بىلەن يۈسۈپ قارا قۇلاقنىڭ «قاچ!» دېگەن ئاۋازى ئارىلىشىپ كەتتى. كىشىلەر تەرەپ-تەرەپكە قېچىشتى. ئاشۇ كۆزنى يۇمۇپ-ئاچقۇچە بولغان پەيتتە قاراسلىغان، گۈلدۈرلىگەن ئاۋاز بىلەن سەگۈ تېرەك ئۆرۈلدى. تېرەك كۆلگە ئەمەس، بەلكى قىرغاقنى بويلاپ ئۆرۈلگەنىدى. ئۇ كۆل يېنىدىكى باشقا تېرەكلەرنىڭ پۇتاقلىرىنى قايرىپ، ئوBlast قىلىپ سۇندۇرۇپ، دوڭغاق سۆگەتنىڭ غولىغا قاتتىق ئۇرۇلدى ۋە قارس-قۇرس سۇندى. سۇنغان يەردىن سۆگەتكە ئىلىنىپ قالدى...
ئاشۇ مىنۇتتا ھەممىنى ئۇنتۇپ، كۆلگە تىكىلىپ قاراپ قالغىنىم ئېسىمدە. كۆل سۈيى داۋالغۇپ كەتكەنىدى. دەرەخ يىقىلغاندا ئۆرە-تۆپە بولغىنىدىن كۆلگە چۈشۈپ كەتكەن ئادەملەر خۇددى سۇغا چۈشۈپ كەتكەن توخۇدەك پالاقشىپ يۈرەتتى. تەتۈر سۆگەتنىڭ نوتىلىرىغا، قىرغاققا ئېسىلىشقا ئۇرۇناتتى. «قۇتقۇزۇڭلار، قۇتقۇزۇڭلار!» دەپ ۋارقىرىشاتتى. پالاقشىپ يۈرگەن، ۋارقىرىغانلارنىڭ قايسىسى تاغامدۇ؟ تاغام سۇغا چۆكۈپ كەتكەنمىدۇ يا؟ كۆزۈم كۆلدە، خىيالىم تاغامدا ئىدى. مومامنىڭ ئېچىنىشلىق يىغا ئاۋازى ئاڭلاندى. ئۇ قىرغاقنى بويلاپ پالاقشىپ يۈگۈرۈپ كېتىۋاتاتتى. «ۋاي بالام، ۋاي بالام، ۋاي بالام!» دەپ يىغلايتتى. ئەگەشتىم، كىشىلەر ھەممىسى ئاشۇ ياققا يوپۇرۇشقانىدى. تاغام سەگۈ تېرەك يىقىلغان يۆنىلىشتە، قىرغاققا خېلى يىراق يەردىكى ئېتىزغا چۈشكەنىدى. بۇ تاغامنىڭ ئۆز يېرى، ئۈچ يىل بۇرۇن ئەللىك كۈمۈش تەڭگىگە سېتىۋالغان يېرى ئىدى. تاغام ئۆز يېرىگە چۈشۈپتۇ، چۈشەندىم. سەگۈ تېرەك يىقىلىپ دوڭغاق سۆگەتكە ئۇرۇلغاندا، تاغام ئۆزى قۇچاقلاپ تۇتۇۋالغان سەگۈنىڭ غولىدىن ئاجراپ كېتىپتۇ. ساداقتىن چىققان يا ئوقىدەك ئۇچۇپ كېتىپتۇ. يىراققا چۈشكىنى شۇ سەۋەبتىن ئىكەن. گۈررىدە ئولاشقان كىشىلەرنىڭ پۇتلىرى، چاتراقلىرى ئارىسىدىن قىستىلىپ ئۆتۈپ ئالدىغا چىقتىم. تاغامنىڭ گەۋدىسى يەرگە دۈم چۈشۈپتۇ. يۈزى ئوڭ تەرەپكە يانتۇ بولۇپ قاپتۇ. ئوڭ كۆزى جامدەك ئوچۇق، ئاغزىدىن قىپقىزىل قان بۇلدۇقلاپ ئېقىۋاتاتتى. قوللىرى تۇپراقنى مەھكەم چاڭگاللىغانىدى...
7
ئۇزاق يىللار ئۆتۈپ، سەگۈ تېرەك بىلەن بىللە يىقىلغان تاغام ئۇنتۇلغان، ئۇنىڭ دەرد-ھەسرىتى كۆڭۈللەردىن تامامەن كۆتۈرۈلۈپ بولغان چاغلاردا، كوپىراتسىيە-كوممۇنا تارقىتىۋېتىلىپ يەرلەر دېھقانلارغا قايتا تەقسىم قىلىپ بېرىلدى. ئانام ئاشۇ قولى گۈل، ئەمما جاھىل ئىنىسىنى ھەسرەت بىلەن ئەسكە ئالدى:
— ھەي ئىسىت، ھەي ئىسىت، ئىنىم ھايات بولغان بولسا، ئۆز يەرلىرىنىڭ ئۆزىگە قايتۇرۇپ بېرىلگەنلىكىنى كۆرگەن بولسا، نەقەدەر خۇشال بولۇپ كەتكەن بولاتتى-ھە! ئىسىت، ئىسىت، ئۆز يېرىگە ئىگە بولۇش، ئۆز يېرىگە ئىشلەش ئۇنىڭ پېشانىسىگە پۈتۈلمىگەنىكەن، ئىسىت...
ئانامنىڭ ھەسرەت-نادامىتى ئاشۇ ئۇزاق يىللاردا بولۇپ ئۆتكەن كېيىنكى ئىشلارنى ئېسىمگە سالدى. تاغام سەگۈ تېرەك بىلەن بىللە يىقىلغاندا، مومام ئۇنى كۆرۈپلا ھوشىدىن كەتتى. ھاممام، ئانام، تاغامنىڭ ئايالى ۋە باشقا تۇغقانلارنىڭ يىغىسى جاھاننى بىر ئالدى. بوۋام ئوغلىنى يۆلەپ قۇچىقىغا ئالدى. ئۇنىڭ كۆزلىرىدىن ياش تامچىلىرى يىپى ئۈزۈلگەن مارجاندەك تۆكۈلەتتى. «كۆكقۇم»لۇقلار گويا تاغامنىڭ ئۆلۈشىنىلا كۈتۈپ تۇرغاندەك، بىر مەيدان چېلىش مۇسابىقىسىنى كۆرۈپ تارقىغان تاماشىبىنلارغا ئوخشاش پۇررىدە تارقاپ كېتىشتى. «جاھىل ئۇنسۇر ئۆلۈپ، قانۇنىي جازادىن قۇتۇلۇپ قالدى-دە، ھەي...» دەپ ئۆكۈندى مىلتىق تۇتۇۋالغان كىشى. تۇغقانلارنىڭ يىغا-زارى ئىچىدە خىزمەت گۇرۇپپىسىنىڭ مۇزاكىرىلىرىمۇ ئاياغلاشقان بولسا كېرەك، ئۇلار كۆمۈۋېتىش ئۈچۈن جەسەتنى تۇغقانلىرىغا تاپشۇرۇپ بېرىش توغرىسىدىكى قارارنى ئۇقتۇردى.
تاغام دەپنە قىلىنغاندىن كېيىن، بىزنىڭ چوڭ كۆل بويىدىكى كوپىراتسىيىنىڭ خامىنىغا بېرىپ كېلىدىغان ئىشىمىز توختىدى. ئەمدى ئۇ يەرگە تاماق ئاپارمىساقمۇ بولاتتى. ئۇ يەردە نېمە ئىشلار بولدى، كۈندۈزى قەيەردە ئەمگەككە سېلىنىپ كېچىسى قانداق كۈرەش قىلىندى، بۇلارنىڭ بىز بىلەن، بىزنىڭ ئائىلە بىلەن مۇناسىۋىتى يوق ئىدى. قوشنا ئاياللارنىڭ ئەتىگەندە كىرىپ كېچە بولغان ئىشلارنى سۆزلەپ بېرىشلىرىمۇ توختىغانىدى. پەقەت مەن مەكتەپكە بېرىپ كېلىشىمدە، يىراقتا ئەمگەككە سېلىنىۋاتقان ياكى قوللىرى باغلانغان ھالەتتە ئاپتاپقا تىزلاندۇرۇپ قويۇلغان سايىت ھاجى پومنى، رەھىم پوۋاشنى، ئىمىن كۈشكەلنى، تۇرسۇن چالۋاشنى خىرە-شىرە كۆرەتتىم. ھېلىم ئاتىنىمۇ كۆرەتتىم. بوۋاينىڭ ئەمگەك قىلغۇدەك ماغدۇرى بولمىغاچقا، ئۇ كۆپ چاغلاردا ئاپتاپلىقتا يۈكۈندۈرۈلۈپ قويۇلاتتى. قولى باغلانغان بولاتتى. شۇنداقتىمۇ يېنىدىن ساقچى ئايرىلمايتتى...
تاغامنىڭ «قىرىقى» ئۆتكەن، ئۆيدىكى يىغا-زارىلەر توختىغان كۈنلەرنىڭ بىرىدە، مەكتەپتىن قايتىپ كەلسەم تاغام سالغان چوڭ ئايۋان يەنە يىغا-زارىغا تولۇپتۇ. يىراق-يېقىن ئۇرۇق-تۇغقانلارنىڭ ھەممىسى يىغىلىپ بىر-بىرىگە ئېسىلىشىپ يىغلىشىۋېتىپتۇ. ھاڭۋېقىپ تۇرۇپلا قالدىم. «يەنە نېمە ئىش يۈز بەرگەندۇ؟» قەلبىمدە ئەنە شۇ سوئاللار ھۆكۈم سۈرەتتى. يىغا-زار ئىچىدىن ئانامنىڭ ئاۋازىنى تونۇدۇم. ئۇ قوشاق قېتىپ يىغلاۋاتاتتى: «جانجىگىرىم، قېرىندىشىم، يۈرەك پارەم قېرىندىشىم، ھايات بولغان بولساڭ قويۇۋېتىلەركەنسەن قېرىندىشىم، كۈننىڭ سېرىقىنى كۆرەركەنسەن قېرىندىشىم، بۇرۇن كەتكەن قېرىندىشىم...» ئانامنىڭ قوشاقلىرىدىن نېمىنىدۇر ھېس قىلغاندەك بولدۇم. يىراقراق بىر تۇغقىنىمىزنىڭ مەن تەڭتۇش ئوغلى مېنىڭ ھاڭۋېقىپ تۇرغانلىقىمدىن نېمىنىدۇر سەزگەن بولسا كېرەك، ماڭا يېقىنلىشىپ: «ئۇقتۇڭمۇ، قولغا ئېلىنغانلارنىڭ ھەممىسىنى قويۇۋېتىپتۇ، ئابلاكام ھايات بولغان بولسا ئۇنىمۇ قويۇۋېتەركەن» دېدى. مەن شۇئان مەكتەپتىن كېلىۋېتىپ ئەمگەككە سېلىنىۋاتقان ئۇنسۇرلارنىمۇ، ئاپتاپقا يۈكۈندۈرۈپ قويۇلغان ھېلىم ئاتىنىمۇ كۆرمىگەنلىكىمنى ئېسىمگە ئالدىم. «راستمۇ؟ راست قويۇۋېتىلگەنمىدۇ؟» ئارقامغا بۇرۇلۇپلا كوپىراتسىيىنىڭ خامىنىغا قاراپ چاپتىم. ئۇ يەردە ھېچكىم يوق ئىدى. قولغا ئېلىنغانلارمۇ، خىزمەت گۇرۇپپىسىنىڭ كادىرلىرىمۇ، ئىلەك جۇل، يۇسۇن كالتا قاتارلىق ساقچىلارمۇ كۆرۈنمەيتتى. پەقەت ئۇزۇن خادا ئۇچىدىكى قىزىل بايراقلا لەپىلدەپ تۇراتتى. چوڭ كۆل تەرەپكە ئۆتتۈم. سەگۈ تېرەك يىقىلغان يېرىدە دوڭغاق سۆگەتنىڭ پۇتاقلىرىغا مىنىپ قالغان ھالەتتە تۇراتتى. تاغام يىقىلغان ئاختامىلىقتا قانغا بويالغان تۇپراق جىگدە رەڭدە قارىيىپ ياتاتتى. تاغام كۆز ئالدىمغا كەلدى. كۆز چاناقلىرىم ياشقا تولدى...
ئۇزاق يىللاردىن كېيىن چوڭ بولغىنىمدا ئاڭلىسام، خوتەندە كوپىراتسىيە ۋەقەسى بولغانلىقىدىن خەۋەر تاپقان ئاپتونوم رايونلۇق پارتكومدىن خوتەنگە خىزمەت گۇرۇپپىسى كەپتۇ. ئاپتونوم رايونلۇق پارتكومنىڭ سېكرېتارى ۋاڭ ئېنماۋ خىزمەت گۇرۇپپىسىنى ئۆزى باشلاپ كەپتۇ. مۇھەممەتئىمىن ئىمىنوف مۇئاۋىن گۇرۇپپا باشلىقى ئىكەن. ئۇلار شەھەردىكى ئېسىل مېھمانخانىلاردا يېتىش توغرىسىدىكى تەكلىپلەرنى رەت قىلىپ، ئۇدۇل كوپىراتسىيە ۋەقەسى باشلانغان ئىگەرچى كەنتىگە كېلىپ چۈشۈپتۇ. سېكرېتار ۋاڭ ئېنماۋ ئىگەرچىدە تۇرۇپ، ئۆيمۇئۆي زىيارەت قىلىپ ئەھۋال ئۇقۇشۇپتۇ. مۇھەممەدئىمىن ئىمىنوف يېزىمۇيېزا بېرىپ ئەھۋال ئىگىلەپتۇ. ئۇنىڭغا ھاكىم ھەمراھ بولۇپ ماڭىدىكەن. ئۇ بۇزۇق ئۇنسۇرلارنىڭ كوپىراتسىيىنى بىكار قىلىش توپىلىڭىنى قانداق تىنچىتقانلىقىنى، نەچچە بۇزۇق ئۇنسۇرنى قولغا ئېلىپ، نەچچە بۇزۇق ئۇنسۇرنى كۈرەش قىلغانلىقىنى، قايسى يېزىدا قانچە بۇزۇق ئۇنسۇر قامالغانلىقىنى ئىپتىخار بىلەن دوكلات قىلىدىكەن. مۇھەممەدئىمىن ئىمىنوف 3-رايون دېيىلىدىغان تۇساللىنى تەكشۈرۈپتۇ. 4-رايون ئاتىلىدىغان بۇزاقنى تەكشۈرۈپتۇ، ھەممە يەردە قوللىرى ئارقىسىغا باغلىنىپ كۈرەش قىلىنىۋاتقانلارنى، قوللىرى ئارقىسىغا باغلىنىپ ئاپتاپقا سېلىپ قويۇلغانلارنى كۆرۈپتۇ. ھاكىمنىڭ زوق-شوق بىلەن قىلغان دوكلاتلىرىنى، رايون باشلىقىنىڭ ئىپتىخار ۋە غەلىبە تەنتەنىسى ئارىلاشقان دوكلاتلىرىنى ئاڭلاپتۇ...
ئۇلار تاكى 7-رايون لايقىنى، 5-رايون باغچىنى، 6-رايون خانئېرىقنى ئايلىنىپ، تەكشۈرۈپ ئىگەرچىگە قايتىپ كەلگۈچە مۇھەممەدئىمىن ئىمىنوف بىر ئېغىزمۇ گەپ قىلماپتۇ...
سېكرېتار ۋاڭ ئېنماۋ ئىگەرچىدىكى ھەر بىر ئائىلىنى، ئىگەرچى تەۋە بولغان 2-رايوندىكى بارلىق يېزا-كەنتلەرنى تەكشۈرۈپ چىقىپتۇ. ھەر بىر ئائىلىدىكى بوش تاغار-خالتىنى، كۆك توپىغا سېلىنغان يىرتىق بورا ۋە كۈيە يەپ كەتكەن كونا كىگىزلەرنى كۆرۈپتۇ. ئۇلارنىڭ پىكىر-تەلەپلىرىنى ئاڭلاپتۇ. ئۇلارنىڭ ۋەقە چىققان كۈنى توۋلىغان «ياشىسۇن كومپارتىيە، يوقالسۇن كوپىراتسىيە!» دېگەن شوئارىدىن پارتىيىگە بولغان مېھرى-مۇھەببىتىنى، كوپىراتسىيىنىڭ باشقۇرۇلۇشىغا بولغان نارازىلىقىنى ھېس قىلىپتۇ. تەكشۈرۈشنىڭ تۆتىنچى كۈنى ۋاڭ ئېنماۋ يەنە ئۆيمۇئۆي بېرىپ ھەر بىر ئائىلىدىن كەچۈرۈم سوراپتۇ. بەشىنچى كۈنى ۋىلايەت بويىچە كادىرلار يىغىنى ئېچىپ ئۇزۇن نۇتۇق سۆزلەپتۇ. مۇھەممەدئىمىن ئىمىنوفمۇ سۆزلەپتۇ. ئاشۇ نۇتۇقتىن كېيىن ھەرقايسى يېزا-كەنتلەردە قولغا ئېلىنغانلارنىڭ قوللىرى باغلانغان ئارقانلار يېشىلىشكە باشلاپتۇ. ئۆيلىرىگە قويۇۋېتىلىپتۇ. قويۇۋېتىلگەنلەر قاتتىق باغلىنىشتىن سىرقىراپ كەتكەن قوللىرىنى كۆتۈرۈپ «ياشىسۇن كومپارتىيە!» دەپ ۋارقىرىشىپ كېتىپتۇ. كۆزلىرىگە ئىسسىق ياش ئاپتۇ.
ئەمما تاغام ئۈچۈن، بىزنىڭ ئائىلىمىز ئۈچۈن ئەمدى بۇلارنىڭ ئەھمىيىتى يوق ئىدى. تاغامنى ھېچكىم تىرىلدۈرۈپ بېرەلمەيتتى. بولغۇلۇق بولغان، «تىرىك بولغان بولسا...» دېگەن ئاشۇ خىيال پەقەت نادامەتلا كەلتۈرەتتى. مەن مەكتەپتىن كەلگەندە چوڭ ئايۋاننىڭ قايتا يىغا-زارغا تولغانلىقى ئاشۇ نادامەتنىڭ مەھسۇلى ئىدى، خالاس. بوۋىلار «پۇشايماننى ئالغىلى قاچا تېپىلماس» دېگەن ئەمەسمۇ. تاغامنىڭ جاھىللىقى، يەر-زېمىنغا قانماسلىقى ئاشۇ پۇشايمان-نادامەتنى كەلتۈرگەنىدى. بۇنى سەگۈ تېرەكنى كەسكەنلەردىن، ئۇنى يىقىتقانلاردىن كۆرۈشكە بولمايتتى. 1978-يىلىغا كەلگەندە، خۇددى ئاشۇ يىلى ھېلىم ئاتا ئېيتقاندەك كوپىراتسىيە تارقىتىۋېتىلدى. پارتىيە تۆت كىشىلىك گۇرۇھنىڭ سولچىل خاتالىقىنى دانالىق بىلەن تۈزەتتى. يەرلەر يەنە قايتا تەقسىم قىلىپ بېرىلدى. ھەممە كىشى ئۆز يېرىگە تەر تۆكۈپ ئۆز رىزقىنى تېپىپ يېيەلەيدىغان بولدى. ئانامنىڭ ھەسرەت-نادامەت چەككىنى ئارتۇقچە. يەرلەرنىڭ قايتا تەقسىم قىلىنغانلىقىدىن خەۋەر تاپقان بولسا، تاغامنىڭ روھى ئەلۋەتتە خاتىرجەملىككە ئېرىشىدۇ...
Yorumlar
Yorum Gönder