باھارنى سېغىنىش (شېئىر)
لى بەي
سىز تەرەپتە گۈل-گىياھ سۈرگەندۇ بىخ،
مەن تەرەپتە ياپيېشىل بەرگى تېرەك.
سىز ئۇ ياقتىن ئۆيگە قايتىپ كەلگىچە،
ئېزىلىپ تۈگەيدۇ بەلكى بۇ يۈرەك.
كىرىمەن دەيدۇ باھار خانەم ئارا،
مەن ئۈچۈن يوقتۇر باھارسىزدىن بۆلەك.
ئىمىن ئەھمىدى تەرجىمىسى
Yorumlar
Yorum Gönder